UYNTV

ئاپتونوم رايونىمىز ئالدىنقى يېرىم يىلدا رايون سىرتىدىن 210 مىليارد يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ كىرگۈزدى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 11-08-2017 13:16

A-A+

 دۇڭ شاۋخۇا خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق سودىگەر چاقىرىش تەرەققىيات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى نىجات ئىسمائىل 8–ئاينىڭ 10–كۈنى مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىز ئالدىنقى يېرىم يىلدا سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش بويىچە رايون سىرتىدىن مەبلەغ سېلىنغان تۈردىن 2732نى ئەمەلىيلەشتۈردى، نەقلەشكەن مەبلەغ 218 مىليارد 138 مىليون (نېفىت، چەت ئەل مەبلىغىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) يۈەنگە يەتتى. ئۇل ئەسلىھە سېلىنمىسى تېز ئېشىپ، ئۇل ئەسلىھە تۈرى 278 گە، نەقلەشكەن مەبلەغ 32 مىليارد 342 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %226.53 ئاشتى.

 ئۇقۇشىمچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش خىزمىتىدە ئاپتونوم رايوننىڭ تۇراقلىق مۈلۈككە 1 تىرىليون 500 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىش ۋەزىپىسى زىچ چۆرىدىلىپ، ‹‹1-كەسىپتە سەۋىيەنى ئۆستۈرۈش، 2–كەسىپتە مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇش، 3–كەسىپنى كەڭ كۆلەمدە تەرەققىي قىلدۇرۇش›› توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما، تەلەپلەر بويىچە، نۇقتىلىق كەسىپلەر بويىچە سودىگەر چاقىرىش، كەسىپ زەنجىرى بويىچە سودىگەر چاقىرىش، كۆرگەزمە ئارقىلىق سودىگەر چاقىرىش، سودىگەر ئارقىلىق سودىگەر چاقىرىش قاتارلىق خىزمەتلەرنىڭ سالمىقى ئاشۇرۇلغان. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئاپتونوم رايون سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش بويىچە ئەمەلىيلەشتۈرگەن رايون سىرتىدىن مەبلەغ سېلىنغان تۈر بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.67 كۆپەيگەن؛ نەقلەشتۈرۈلگەن مەبلەغ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12.18 ئېشىپ، يىللىق نىشان–ۋەزىپىسىنىڭ %41.82ى تاماملانغان.

 ئاپتونوم رايونىمىز يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، تىرىشىپ ‹‹مەدەنىيەت–ساياھەت مەركىزى››، ‹‹سودا ئەشيا ئوبوروتى مەركىزى››، ‹‹پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت مەركىزى›› بەرپا قىلدى، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا بۇ تۈرلەر بويىچە نەقلەشكەن مەبلەغ 48 مىليارد 98 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %46.29 ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە مەدەنىيەت–ساياھەت تۈرى بويىچە نەقلەشكەن مەبلەغ %43.88، سودا ئەشيا ئوبوروتى تۈرى بويىچە نەقلەشكەن مەبلەغ %60.51، پۇل مۇئامىلە ئۇچۇر مۇلازىمىتى تۈرى بويىچە نەقلەشكەن مەبلەغ %49.54 ئاشتى.

 شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئالدىنقى يېرىم يىللىق سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش خىزمىتىدە دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق، توقۇمىچىلىق، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، ماشىنا–ئېلېكتىر، يېنىك سانائەتنى ئاساس قىلغان ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەر ۋە ئەنئەنىۋى كەسىپ تۈرلىرى 1459 غا ۋە 868 گە يەتتى، نەقلەشكەن مەبلەغ 76 مىليارد 549 مىليون يۈەن ۋە 38 مىليارد 122 مىليون يۈەن بولۇپ، %42.36 ۋە %36.75 ئاشتى.

 نىجات ئىسمائىل مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە ئاپتونوم رايونلۇق سودىگەر چاقىرىش تەرەققىيات ئىدارىسى نۇقتىلىق تۈرلەرگە ھەيدەكچىلىك قىلىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، يېڭى تۈرلەر ۋە ئىلگىرىكى يىللاردا تۇرغۇزۇلغان تۈرلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتىدۇ. يىل بېشىدا بېكىتىلگەن سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش بويىچە 100 نۇقتىلىق تۈر ئاساسىدا، نۇقتىلىق تۈرلەرگە ئىز قوغلاپ مۇلازىمەت قىلىش دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، ئىز قوغلاپ ھەيدەكچىلىك قىلىش ۋە مۇلازىمەتنى ئىلگىرى سۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ مەبلەغ سېلىش سۈرئىتىنى تېزلىتىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ئولانمىلار