UYNTV

جيۇجەيگودىكى يەر تەۋرەشتە 20 كىشى قازا قىلدى، قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى چىڭ تۇتۇپ ئېلىپ بېرىلماقتا

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 11-08-2017 13:58

A-A+

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 11-ئاۋغۇست بېيجىڭ خەۋىرى:

سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ ئابا ئوبلاستىنىڭ جيۇجەيگو ناھىيەسىدە يەتتە بال يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى تەرتىپلىك ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇلماقتا، نۆۋەتتە زور باسقۇچ خاراكتېرلىك ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى.

يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، شۇ يەردىكىلەر ئاختۇرۇش، قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئېلىپ باردى. 10-ئاۋغۇست سائەت 13كىچە، يەر تەۋرەشتە 20 ئادەم قازا قىلدى، 431 ئادەم يارلاندى. نۆۋەتتە يارلانغان 431 كىشىنىڭ ھەممىسى قۇتقۇزۇلدى، ئۇنىڭ ئىچىدە ئېغىر يارلانغان 40 كىشىنىڭ 38ى چىڭدۇ، مىيەنياڭ قاتارلىق جايلاردا قۇتقۇزۇلماقتا، قالغان ئىككىسى يۆتكەشكە قولايسىز بولغانلىقتىن، شۇ يەردىكى دوختۇرخانىدا داۋالانماقتا.