UYNTV

لاتىن ئامېرىكىسى ئەللىرى ئامېرىكا زوڭتۇڭى تىرامپنىڭ ۋىنسۇئىللاغا قۇرال ئىشلىتىش ھەققىدىكى...

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 17-08-2017 16:17

A-A+

لاتىن ئامېرىكىسى ئەللىرى ئامېرىكا زوڭتۇڭى تىرامپنىڭ ۋىنسۇئىللاغا قۇرال ئىشلىتىش ھەققىدىكى تەھدىتىگە قارشى تۇردى

لاتىن ئامېرىكىسى ئەللىرى ئامېرىكا زوڭتۇڭى تىرامپنىڭ ۋىنسۇئىللاغا قۇرال ئىشلىتىش ھەققىدىكى تەھدىتىگە قارشى تۇردى. ۋىنسۇئىللا زوڭتۇڭى مادىرونى قوللىمايدىغان دۆلەتلەرمۇ تىرامپنىڭ سۆزىنى تەنقىدلىدى.

تىرامپ 11-ئاۋغۇست ۋىنسۇئىللاغا ھەربىي ئارىلىشىش مۇمكىنچىلىكىنى يوققا چىقارغىلى بولمايدۇ دېدى. لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرى بىر ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەتكە قۇرال ئىشلىتىش تەھدىتى سېلىشنى تەنقىدلىدى.

جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىسادنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تەشكىلاتى جەنۇب ئورتاق بازىرى 12- ئاۋغۇست بايانات ئېلان قىلىپ، قۇرال ئىشلىتىش تەھدىتىگە قارشى تۇرۇپ، سۆزلىشىش ۋە دىپلوماتىيە ۋاسىتىسى دىموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بىردىن بىر قوبۇل قىلغىلى بولىدىغان ئۇسۇل ئىكەنلىكىنى تەشەببۇس قىلدى.

بۇ ئاينىڭ بېشىدا بۇ تەشكىلات ۋىنسۇئىللانىڭ دىموكراتىيە ھەققىدە بەرگەن ۋەدە ماددىسىغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى بانا قىلىپ، ۋىنسۇئىللانىڭ ئەزا دۆلەتلىك سالاھىيىتىنى مۇددەتسىز توختاتتى.

مىكسىكىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئالاقە تورىدا ئىچكى ۋە تاشقى جەھەتتىن بولۇشتىن قەتئىي نەزەر، ۋىنسۇئىللا كىرزىسىنى قۇرال ئىشلىتىش ئارقىلىق ھەل قىلىشقا بولمايدۇ دەپ يازدى. مادىرونى مۇستەبىت دەپ ئاتايدىغان ھەمدە ۋىنسۇئىللانىڭ باش ئەلچىسىنى قوغلاپ چىقارغان پىرۇ ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئېلىپ ئېيىتقاندىمۇ ھەربىي ئارىلىشىشنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. پىرۇنىڭ دىپلوماتىيە مىنسىتىرى لۇنا رېيتىر ئاگېنىتلىقىدىكى باياناتىدا قۇرال ئىشلىتىش تەھدىتىنى ئەيىپلەپ، باشقا لاتىن ئامېرىكىسى ئەللىرى بىلەن كېڭىشىپ، تىرامپنىڭ سۆزىگە يازما ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

لۇنا مۇنداق دېدى: سىرتتىن كەلگەن ھەر قانداق قۇراللىق تەھدىت ۋىنسۇئىللانىڭ دىمكراتتىك سىياسىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش نىشانىغا بۇزغۇنچىلىق سالىدۇ، شۇنداقلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خارتىيىسىنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپىغا خىلاپ.

ئامېرىكا لاتىن ئامېرىكىسىنى ئارقا ھويلىمىز دەپ قاراپ، تارىختا كۆپ قېتىم ئەسكەر چىقىرىپ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشتى. ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنىتلىقى مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق تارىخىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، لاتىن ئامېرىكىسى ئەللىرىدە ئامېرىكىدىن ئەنسىرەش غەزەپلىنىش ئالامەتلىرى مەۋجۇت. شۇڭا لاتىن ئامېرىكىسى ئەللىرى ھەربىي تەھدىت سۆزىگە دەرھال ئاگاھلاندۇرۇش بەردى. ئامېرىكىنىڭ بۇ رايوندىكى ئەڭ مۇستەھكەم ئىتتىپاقدىشى كولومبىيەمۇ بايانات ئېلان قىلىپ، قۇرال ئشىلىتىشنى ئەيىپلەپ، ۋىنسۇئىللانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا ۋىنسۇئىللانىڭ سىياسىي كىرزىسىنى تىنىچ ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

ۋىنسۇئىللا ھۆكۈمىتى تىرامپنىڭ سۆزىگە يۈكسەك دەرىجىدە ئىنكاس قايتۇردى. دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لوفىس 11- ئاۋغۇسۇت مۇنداق دېدى: ۋىنسۇئىللاغا ھەربىي تەھدىت سېلىش ئۇچىغا چىققان غالجىر ھەرىكەت، ئەگەر ئامېرىكا راستىنلا ئەسكەر چىقارسا ۋىنسۇئىلا ئارمىيىسى دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغدايدۇ.

يېڭىدىن سايلاپ چىقىلغان ۋېنېسۇئېلا ئاساسىي قانۇن تۈزىش كېڭىشى 12-ئاۋغۇست كۈچلۈك ئىنكاس بىلدۈردى. ئاساسىي قانۇن تۈزىش كېڭىشىنىڭ رەئىسى رودىرىگېس تۋىتتېردا مۇنداق دەپ يازدى: ئاساسىي قانۇن تۈزىش كېڭىشىنىڭ بارلىق ئەزالىرى بۇنداق ئاجىز، ھاكاۋۇر، رەزىل تەھدىتنى رەت قىلىدۇ، مادۇرو بىلەن بىرگە دۆلەتنى قوغدايدۇ. ئاخبارات مىنىستىرى بىلگاس تېلېۋىزوردا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ ۋېنېسۇئېلاغا بۇنداق قاتتىق تەھدىت سېلىشى ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان، بۇ ۋېنېسۇئېلا خەلقىنىڭ بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، ئارىلىشىشنى رەت قىلىشى، ۋەتەننى ئورتاق قوغدىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

بىلگاس 12-ئاۋغۇست تۋىتتېردا تۈزىتىلگەن بىر سۆرەتنى ئېلان قىلدى، سۆرەتتە ئامېرىكا ئەركىنلىك ئىلاھى ھەيكىلىنىڭ قولىدىكى مەشئەل مىلتىكقا ئۆزگىرىپ قالغان ئىدى. سۆرەتتە يەنە بىر ئۇلانما بولۇپ، مەزمۇنى ئامېرىكىنىڭ لاتىن ئامېرىكىسى رايونىدىكى ھەربىي ئارىلىشىش تارىخى ئىدى.

شۇ كۈنى ۋېنېسۇئېلانىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئارىياس ۋېنېسۇئېلادا تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشكەندە ئامېرىكىنىڭ ھەربىي تەھدىتىنى ئەيبلىدى. ئۇ مادۇرونىڭ باياناتىنى ئوقۇپ ئۆتتى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: زۇڭتۇڭ ترامپ ئاقىۋەتنى مۆلچەرلىگىلى بولمايدىغان تەھدىت سېلىپ، لاتىن ئامېرىكىسى ھەمدە كارىب رايونىغا بىر مەيدان توقۇنۇش ئېلىپ كەلمەكچى بولدى، بۇ رايوننىڭ مۇقىملىقى، تېنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى مەڭگۈ ئۆزگەرتىۋېتىدۇ.

ۋېنېسۇئېلادا ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان سوتسىيالىستلار پارتىيەسى ئامېرىكىنىڭ تاجاۋۇز قىلىپ، ۋېنېسۇئېلانىڭ مول نېفىت بايلىقىنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئىزچىل تۈردە ئەيىبلەپ كەلدى. ئامېرىكا بۇنداق نىيىتىنىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلدى. رېيتېر ئاگېنتلىقى مۇنداق دېدى: ۋېنېسۇئېلادا سىياسىي كىرىزىس داۋاملىشىۋاتقاندا، ترامپنىڭ قورال كۈچى ئىشلىتىمىز دەپ تەھدىت سېلىشى مادۇرونىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنىنى پۇختىلىشىغا پايدىلىق بولۇشى مۇمكىن. 
ۋېنېسۇئېلادىكى ئۆكتىچىلەر ترامپنىڭ سۆزىگە سوغۇققان بولدى. ئادۇۋكات رودېرىگىس مۇنداق دېدى: بۇ سۆزنىڭ ئۆتىچىلەرگە ھېھقانداق پايدىسى يوق، ئەكسىچە ھۆكۈمەت بۇنى بانا قىلىپ خەلق ئاممىسىنى ئىتتىپاقلاشتۇرىدۇ ھەمدە ئۆكتىچىلەرگە زەربە بېرىدۇ.