UYNTV

زوراۋانلىق توقۇنۇشى ئامېرىكا جەمئىيىتىگە ئېغىر زەربە بولدى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 17-08-2017 16:13

A-A+

12-ئاۋغۇست ئاق تەنلىكپەرەس بىرقانچە تەشكىلات ئامېرىكا ۋېرگىنىيە شىتاتىنىڭ چارلوتتېسۋىل شەھىرىدە نامايىش ئۆتكۈزۈپ، بۇ شەھەرنىڭ ئامېرىكا ئىچكى ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى جەنۇب رەھبىرى روبېرت لىنىڭ ھەيكىلىنى چېقىۋەتكەنلىكىگە قارشىلىق بىلدۈرۈپ، قارشى تۇرغۇچىلار بىلەن توقۇنۇشۇپ قالدى. 20 ياشقا كىرگەن ئاق تەنلىك يىگىت جامىس فىلىس ماشىنا ھەيدەپ كىشىلەر توپىنى سوقۇپ بىر كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى، بىرقانچە كىشىنى يارىلاندۇردى. بۇ ۋەقە ئامېرىكىغا ئېغىر زەربە بولدى، ئامېرىكىدىكى ئاق تەنلىكپەرەسلىك ئىدىيەسى قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ چېتىدىن ئالدىغا ئۆتۈپ، جامائەتچىلىكنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىدى.

ۋىرگىنىيە شىتاتىنىڭ ئوتتۇرا شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان چارلوتتېسۋىل ئەسلى تىنچ ئالىي مەكتەپ شەھەرچىسى ئىدى، 12-ئاۋغۇست يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ۋەقەسى ئامېرىكىدىكى چوڭ تاراتقۇلارنىڭ مەركىزىي نۇقتىسىغا ئايلاندى. چارلوتتېسۋىل شەھەر مەمۇرىيىتى ۋە ساقچى ئىدارىسىنىڭ يېنىدا، مۇخبىرلار توپلىشىپ كەتتى، چوڭ-كىچىك كامېرالار ۋە يول بويىدىكى سۈنئىي ھەمراھ رادىيو ئاپتوموبىلى بۇ زوراۋانلىق ۋەقەسىنىڭ ئامېرىكىنى نەچچىلىك زىلزىلىگە سالغانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇراتتى. ساقچىلار تولۇق قوراللىنىپ ئىككى ئۈچتىن بولۇپ قويۇق چارلاۋاتقان، يول بويىدا توختىتىلغان ساقچى ئاپتوموبىللىرىنىڭ ئوتى ئۆچۈرۈلمىگەن، ساقچى چىرىقى توختىماستىن چاقناۋاتقان بولۇپ، بۇ شەھەرگە جىددىيلىك تۈسى قوشقان ئىدى.

زوراۋانلىق ۋەقەسىنىڭ چارلوتتېسۋىل شەھىرىدە پەيدا قىلغان جاراھىتىنىڭ ساقايمىقى تەس. ۋەقە يۈز بەرگەن كوچا قامال قىلىندى، ئاپتوموبىللارنىڭ ئۆتۈشى مەنئىي قىلىندى، كىشىلەر كوچىنىڭ ئىككى بېشىغا گۈللەرنى تىزىپ، تەزىيە بىلدۈردى. شەھەر ئاھالىلىرى توختىماستىن كېلىپ، ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا گۈللەرنى قويۇپ تەزىيە بىلدۈردى، يەنە بەزى شەھەر ئاھالىلىرى شام ياندۇرۇپ، بۇ جاينى نۆۋەتلىشىپ قوغدىدى. «مېھىر-مۇھەببەتنى تاللايمىز»، «ئۆچمەنلىكنى توختىتايلى»، «بىرلىشەيلى»، «شەھىرىمىز ئىرقچىلىقنى رەت قىلىدۇ» دەپ يېزىپ قالدۇرۇلغان سۆزلەر ئاممىنىڭ ئارزۇسىنى ئىپادىلىدى، قانلىق ھەپتە ئاخىرىنى ئەمدىلا باشتىن كەچۈرگەن كىشىلەر بۇنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىدۇ.

بوب پىكېت پېنسىيەگە چىقىشتىن بۇرۇن ۋىرگىنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئېنژىنېرى ئىدى، پاجىئە يۈز بەرگەندە ئۇ نەق مەيداندا ئىدى. ئۇ ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ: چارلوتتېسۋىلدا نەچچە ئون يىل ياشاپ، بۇنداق پاجىئەلىك توقۇنۇشنى كۆرپ باقمىغان ئىدىم. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئاق تەنلىكپەرەسلەر بىرقانچە قېتىم قارشىلىق پائالىيىتى ئۆتكۈزدى ھەمدە ھۆرىيەتچىلەر بىلەن تىركەشتى، ئەمما ئانچە دىققەت-ئېتىبار قوزغىمىدى، تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇلار كېلەر قېتىملىق يىغىلىشقا تەييارلىق قىلىۋېتىپتۇ، چارلوتتېسۋىلدا يەنە قارشىلىق نامايىشى ئۆتكۈزىدىكەن. ناۋادا قارشىلىق داۋاملاشسا، تۇرمۇشىمىزدا خاتىرجەملىك بولمايدۇ، بۇ قېتىمقى زوراۋانلىق ۋەقەسىنىڭ كىشىلەرنى سەگىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئازاتلىق باغچىسى شەھەر مەركىزى ئەتراپىغا جايلاشقان، كۆلىمى ئانچە چوڭ ئەمەس، باغچا مەركىزىدە روبېرت لىنىڭ مىس ھەيكىلى بولمىغان بولسا، كىشىلەر ھەتتا بۇ چىملىقنىڭ يۈز يىللىق تارىخقا ئىگە باغچا ئىكەنلىكىنىمۇ بىلەلمەيتتى. روبېرت لىنىڭ ھەيكىلى دەل بۇ قېتىملىق زوراۋانلىق توقۇنىشىنىڭ ئوت پىلتىسى بولدى. چارلوتتېسۋىل شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ھەيكەلنى يۆتكەش قارارى ئاق تەنلىكپەرەسلەرنىڭ قارشىلىقىنى قوزغاپ ئاخىرىدا پاجىئە يۈز بەردى.

ئاق تەنلىك پەرەسلەر بىلەن ھۆرىيەتچىلەر 12-ئاۋغۇست سەھەردە ئالدى بىلەن ئازادلىق باغچىسىدا ئۇرۇشتى. ئۆزىنى ئوتتۇرىدىكىلەر دەپ ئاتىۋالغان ماسون پىكېت نەق مەيداندا ئىدى، ئۇ مۇخبىرغا ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپتىكى ئېتىرازچىلار دەسلەپتىلا تىركىشىپ قالدى، ئىككى تەرەپنىڭ كەيپىياتى ناھايىتى جىددىي ئىدى، ئۇلار ئالدى بىلەن تىل ئۇرۇشى قىلدى، ئارقىدىن بىر-بىرىنى ئىتتىرىشتى، ساقچىلار يېتىپ كەلگەندە، نۇرغۇن ئادەم يارىلىنىپ بولغان ئىدى دېدى.

قالايمىقانچىلىقتا، بىرەيلەن پىكېتنى بىر تەرەپكە ئىتتىرىۋېتىپ، ئۇنىڭ فوتو ئاپپاراتىنى تارتىۋېلىپ، يەرگە تاشلىۋەتتى. پىكېت فوتو ئاپپاراتىم بەك كونا ئىدى، شۇڭا يەرگە چۈشۈپ بۇزۇلۇپ قالسىمۇ ئىچىم ئېچىشمىدى، لېكىن ئېتىرازچىلارنىڭ غەزىپى مېنى قورقۇتۇۋەتتى، ئامېرىكا بۇ ھەقتە قايتا ئويلىنىشى كېرەك، كىشىلەرنىڭ قارشىلىشىشنى توختىتىپ، ياخشى پاراڭلىشىدىغان ۋاقتى كەلدى دېدى.

ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ چارلوتتىسۋىلدا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق توقۇنۇشى ھەققىدە 14-ئاۋغۇست يەنە بىر قېتىم بايانات ئېلان قىلىپ، ئىرقچىلىق-قەبىھ ئىش، ئىرقچىلىق نامى بىلەن زوراۋانلىق پەيدا قىلغۇچىلار جىنايەتچىلەر ۋە مۇتتەھەملەر. 3K پارتىيەسى، يېڭى ناتسىستلار، ئاق تەنلىك پەرەسلەر ۋە باشقا ئۆچمەنلىك تەشكىلاتلىرى كىشىنى يىرگەندۈرىدۇ دېدى.

بۇنىڭدىن سەل بۇرۇن، مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ پېنىس قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاقساراي ئەمەلدارلىرى زوراۋانلىق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن ئىدى. بۇ ئىش-جامائەت پىكرىنى بېسىقتۇرۇش ئۈچۈن، تىرامپنىڭ تۇنجى باياناتىنىڭ يۆنىلىشى ئېنىق بولمىغانلىقتىن نارازى بولۇش دەپ قارالدى. تىرامپ قالايمىقانچىلىقتىن كېيىنكى تۇنجى مۇخبىرلار يىغىنىدا، كۆپ تەرەپلەر ئادەمنى چۆچۈتىدىغان ئۆچمەنلىك، كاجلىق ۋە زوراۋانلىقنى پەيدا قىلدى دېدى. ئۇ ئاق تەنلىك پەرەسلەر قاتارلىق ئەسەبىي ئوڭچىلارنى ئاشكارا ئەيىبلىمەستىن، بەلكى كۆپ تەرەپلەرنىڭ زوراۋانلىقىغا قارشى تۇرىمەن دەپ تومتاقلا بىلدۈرۈپ، جامائەتچىلىكنىڭ ئىنكاسىنى قوزغىدى، ئىككى پارتىيەنىڭ بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى، سودا ساھەسىنىڭ رەھبەرلىرى بۇنىڭدىن نارازى بولدى.

جامائەتچىلىك ئاق تەنلىك پەرەسلەر قاتارلىق ئەسەبىي مۇتەئەسسىپ ئىدىيەنىڭ كۈنسايىن ئاشكارىلىنىپ، ئىرقىي كەمسىتىشنىڭ تېخىمۇ ئەۋج ئېلىشى ھەم ئامېرىكىدىكى سىياسىي قۇتۇپلىنىشنى كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىشتىن ئەنسىرىگەنلىكتىن، بۇ قېتىم چارلوتتىسۋىلدا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ۋەقەسى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى بەك تارتتى.

ئامېرىكا تاراتقۇلىرى تەھلىل قىلىپ، بۇ قېتىم ئاق تەنلىك ئەسەبىي ئوڭچىلار ۋە ئاق تەنلىك پەرەسلەر تەشكىلاتىنىڭ چارلوتتىسۋىلدا كەڭ كۆلەمدە ئېتىراز پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشى ئىنچىكە تاللاشتىن ئۆتكەن ئىش، چارلوتتىسۋىل شەھىرى-ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئاساسچىسى توماس جېففېرسوننىڭ يۇرتى شۇنداقلا ئالىي مەكتەپ شەھىرى، شەھەر ئاھالىلىرى ھۆرىيەتچىلەرنى ئاساس قىلىدۇ. ئاق تەنلىك پەرەسلەر تەشكىلاتىنىڭ بۇ يەردە ئېتىراز پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشى-ھۆرىيەتچىلەرگە كۈچ كۆرسىتىپ، ئۆزلىرىنىڭ كۈچىنى سىناق بېقىشنى مەقسەت قىلىدۇ دېدى. 
2016-يىلىدىكى زۇڭتۇڭ سايلىمىدىن بۇيان، ئاق تەنلىك ئەسەبىي ئوڭچىللار ۋاشىنگتوندا داغدۇغا بىلەن يىغىلدى، ئۇلارنىڭ ۋەكىلى مىلو جانكىنوپروس كالفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى بېرىكلىي شۆبە مەكتىپىدە نۇتۇق سۆزلىدى، بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ھۆرىيەتچىلەر كۆپ ساننى ئىگەللەيدىغان سورۇنلاردا يۈز بەردى، ھەمدە توقۇنۇش يۈز بېرىپ، يامان ئاقىۋەت پەيدا قىلدى.

ۋىنگىرىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دىن تارىخى دوكتورى ناتالى مۇنداق دېدى: جەمىسنىڭ ئەسەبىي زوراۋانلىق يولىغا كىرىش جەريانىغىمۇ دىققەت قىلىش كېرەك، ئۇ ئۈزلۈكسىز ئۆچمەنلىك سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇنى دائىمىيلىق ھالەتكە ئايلاندۇرىۋالغان، بولۇپمۇ ئۇ تۇرمۇش جەھەتتە قىيىنچىلىققا يولۇققاندا، شۇخىل سۆزلەرنى ئاڭلاپ، سەۋەبنى باشقىلارغا ئارتقان، كۆڭلىدىكى ئۆچمەنلىك ئۇلغايغان، ھەمدە بۇ يىغىلىپ ئاخىرىدا پاجىئە يۈز بەرگەن.

ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرى ئەسەبىي ئوڭچىللارغا يېڭى سەھنە يارىتىپ بەردى. 14-ئاۋغۇست، 3K پارتىيەسىنىڭ باشلىقى داۋىت تېۋېتىردا ئاق تەنلىك پەرەسلەرنىڭ نامايىشىسىنى تەشكىللىگۈچى جونسۇنغا ئاشكارە ئىئانە بەردى. جونسۇن توردا "سۆز ئەركىنلىكى" ھەرىكىتىنى تەشكىللەپ، ئەسەبىي ئوڭچىللارنىڭ سۆز ئەركىنلىكى قوغدالمىدى، دېدى.

3K پارتىيەسى ۋەكىللىكىدىكى ئاق تەنلىك پەرەسلەر ئىدىيەسىنىڭ ئامېرىكىدىكى تارىخى ئىنتايىن ئۇزۇن، بىراق ئۇلار قاراڭغۇلۇققا يوشۇرۇنىلۋالغاچقا، جەمئىيەتنىڭ ئاساسى ئېقىمى ئۇلارنى تازا قوبۇل قىلمايدۇ.

2016-يىلىدىكى سايلامدىن بۇيان، ئاق تەنلىك پەرەسلىك قاتارلىق ئەسەبىي ئىدىيەلەر قايتا باش كۆتۈردى، ئەسەبىي ئوڭچىللار تاراتقۇلاردا توختىماي سۆزلەپ تۇردى. بۇ قېتىم ئەسەبىي ئوڭچىللارنىڭ ئاشكارە ھالدا ناتىسىست بايرىقىنى كۆتۈرۈپ، ناتسسىتچە سالام بېرىپ، "ۋەتىمىزنى قايتۇرۇۋالايلى" دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاپ، ئامېرىكىنىڭ ئاساسلىق جەمئىيىتىگە چوڭقۇر تەسىر قىلدى ۋە چۆچۈتتى. چارلوتتىزۋېل شەھىرىنىڭ باشلىقى مايكول: مەن بۇ شەھەرنىڭ ئاق تەنلىك پەرەسلەرنىڭ پەردە ئارقىسىدىن ئالدىغا چىقىش سەھنىسىگە ئايلىنىپ، قاراڭغۇلۇقتىن سەكرەپ چىقىدىغان نامايەندىسىگە ئايلىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيمەن، دېدى.

مۇناسىۋەتلىك ئولانمىلار