UYNTV

سۇرىيەنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش جېڭى ئاخىرلاشمىدى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 17-08-2017 16:15

A-A+

سۇرىيە ئارمىيەسى خومۇس ئۆلكسىدە زور ئىلگىرلەشلەرگە ئېرىشىپ، ئەسەبىي تەكشىلات ئىسلام دۆلىتىنىڭ قولىدىن خومۇس شەھەرنى قايتۇرۋالدى، بىراق ئىسلام دۆلىتى خومۇس ئۆلكسىنىڭ شەرقىدىكى قۇملۇق رايۇندىكى شۇخنەھ شەھرىگە چىىكىنىپ بۇ شەھەر قايتىدىن سۇرىيەنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش جېڭىدىكى ئىستراتىكىيەلىك يۇركىگە ئايلىنىپ ئىس تۇتەك تىخى تارقىمىدى، ئوق ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇردى. سۇرىيەنىڭ شەرقىدىكى قۇملىق رايۇندىكى سوخنەھ شەھرىدە يېقىندا بىر مەيدان شىددەتلىك جەڭ ئاخىرلاشتى، بىراق بومباردىمان قىلىش ئاخرلاشمىدى.

سۇخنەھ شەھرى ئەسەبىي تەشكىلات ئىسلام دۆلىتىنىڭ خومۇس ئۆلكىسىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر بازىسى، ئۇ شەرقي، غەربى ۋە شىمالى قىسمنى تۇتاشتۇردىغان قاتناش مۇھىم تۇگىنى بولغاچقا ، ئىلگىرى كىشلەرنىڭ نەزىرى چۇشمەيدىغان بۇ كېچىك شەھەر تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش جېڭىدە سۇرىيەنىڭ ئىستىراتىكىيەلىك يۇرىكى دەپ ئاتىلىپ، ئۆتكەن ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن ئىسلام دۆلىتى قۇراللىق كۇچلىرى ئوتتۇرسىدىكى تالاش تارتىش قىلىدىغان نۇقتىغا ئايلاندى.

بىر مەيدان شىددەتلىك ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق، سۇرىيە ئارمىيە تەرەپ 12-ئاۋغۇست سۇخنەھ شەھرىنى پۇتۇنلەي ئازد قىلدى، مۇخبىر ئارقىدىن زىيارەت قىلىش ئۈچۈن بۇ شەھەرگە كېردى.

شەھەرگە كېرش ئېغىزىدا ئەسەبى تەكشىلات تۇرغۇزغان كۆرسىتىش ۋېۋېىسكىسى بولۇپ، خومۇس ئۆلكىسى دىگەن خەتنىڭ ئورنىغا ئىسلام دۆلىتىنىڭ خومۇس شىتاتى دەپ يېزىلغان، يول بويىدىكى كۆپلگەن يول كۆرسەتكۇچلىرىمۇ ئەسەبىي ئۇنسۇرلار تەرىپىدىن ئۆچۈرۋىتىلگەن. بۇنىڭدىن ئەسەبىي ئۇنسۇرلارنىڭ ئاتالمىش چېگرىدا قانداق ئەسەبى زوراۋانلىق ھۆكۇمرانلىقى قىلغانلىقىنى كۆرۋالغىلى بولىدۇ.

سۇرىيەدىكى قايتۇرۋىلىنغان كۆپلگەن شەھەرلەرگە ئوخشاش، شىددەتلىك ئۇرۇش ۋە ھاۋا ھۇجۇمى بۇ شەھەرنىڭ تۆت كۇۋادىرات كېلومىتىر كېلىدىغان كىچىك بازارلىرىنى ۋەيران قىلىپ تاشلىغان، مۇخبىر بۇ يەردە قايسىنىڭ ئاپتومبىل يۇيۇش ئويى، كوك تات ماگىزىنى ، بودكا ئىكەنلىكىنى بەرىقلەندۇرەلمىگەن، بۇ ئەسلەرلەرنىڭ ھەممىسى ئوق ئېزى بىلەن قاپلانغان بولۇپ ۋەيران قىلىپ تاشلانغان. سېرتقى تىمى ئورۇلۇپ چۇشكەن تۇرالغۇ ئويلەرنىڭ ئىچى قۇپ قۇرۇپ بولۇپ، تاش پارچىلىرى بىلەن تولۇپ كەتكەن.

يېراقتىن كۆتۈرۈلگەن ئىس تۇتەكلەر ئاسمانغا ئورلەپ، ئۇق ئاۋازلىرى ئاڭلىنىپ تۇرغان. بىر ئەسكەر مۇنداق دېدى؛ سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ئىسلام دۆلىتىنىڭ قالدۇق كۇچلىرى بىلەن شەھەر ئەتراپى رايۇنىدا يەنىلا ئۇرۇش قىلماقتا، ئارمىيە تەرەپنىڭ كونتۇرۇل قىلغان بىخەتەر چېگرىسى تەخمىنەن 10 كېلومىترغا يەتتى.

بىر پىكاپ ئۆتۈپ كەتتى، بىر ئەسكەر ماشىنىدىن بېىشنى چىقىرىپ، بىر سەپدىشىم يارىدار بولدى، دەپ توۋلىدى. ئۇنىڭ ئاۋازىدىن جىددىيلىك، قايغۇرۇش ۋە ئاچچىقلىنىش تۇيغۇسى چىقىپ تۇراتتى. مۇخبىر ئۇنىڭدىن ئەھۋال ئىگىلىدى، ئەسلىدە ھاۋا ھۇجۇمىدا چۈشكەن بىر بومبا تولۇق پارتلىمىغانلىقتىن، نەق مەيداننى تازىلاۋاتقان ئەسكەرنى ئېغىر يارىدار قىلغان ئىكەن.

ھاۋا ھۇجۇمىدىن قالغان بومبىلاردىن باشقا، ئەسەبىي ئۇنسۇرلار يەنە شەھەر ئىچىگە زور مىقتاردا بومبا كۆمگەنلىكتىن، نەچچە كۈندىن بۇيان بومبا تازىلىنىۋېتىپتۇ. گەرچە ئۇرۇشتا غەلىبە قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئەسكەرلەر يەنىلا ئۆزىنى ئەركىن قويۇۋېتەلمەيتتى، چىھرىدىن جىددىيلىك چىقىپ تۇراتتى.

شەھەردە ساق قالغان بىنا ئاساسەن يوق ئىدى. ئەسكەرلەر ئىككى-ئۈچتىن بولۇپ تاملىرى ئۆرۈلگەن ئۆيلەردە تۇراتتى، ئوت-چۆپ ياكى تاشلىققا كارۋات سېلىنجىسىنى سېلىپ، ماشىنىدىن سۆكىۋالغان ئورۇندۇقنى كىرىسلو قىلىپ ئولتۇرۇپ، نان-چاي ئىچىپ قورساق توقلايتتى.

سۈرىيە ئارمىيە تەرەپ شەھەر مەركىزىدىكى كىچىك مەيداندا بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. سەھنىدە بىر ئەسكەر بايراقنى مۇرىسىگە قويۇپ، غەلىبە قىلغانلىق ئىشارىتى قىلدى. دۆلەت بايرىقى كۆتۈرۈلۈپ، شامالدا لەپىلدىدى. ئەسكەرلەر مىلتىقلىرىنى پۇلاڭلىتىپ: روھىمىزنى، قېنىمىزنى ئايىمايمىز، ۋەتەن ئۈچۈن قۇربان بولۇشقا تەييارمىز! دەپ تەڭ توۋلاشتى.

بىر ئالىي ئوفېتسېر مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئىسلام دۆلىتى ئىلگىرى سۇخنەھتە ناھايىتى كۆپ ئوق-دورا ساقلىغان، ئۇرۇش ۋاختىدا ئەتراپتىكى ھەرقايسى نۇقتىلارغا يۆتكىگەن. بىز بۇ شەھەرنى ئالغاندىن كېيىن، قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ تەمىنلەش يولىنى ئۈزۈل-كېسىل ئۈزۈپ تاشلىدۇق. بۇ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلىشىگە نىسبەتەن زور ئىستراتېگىيىلىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.

5-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ، سۈرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيىسى «ئۇلۇغ سۈبھى» ناملىق ھەربىي ھەرىكەتنى باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىر قانچە ئۇرۇش سېپىدە، ئىسلام دۆلىتى بىلەن ئۇرۇش قىلدى. سۇخنەھنى ئالغاندىن كېيىن، ئىسلام دۆلىتىنىڭ شەرقىي قىسىمدىكى نۇقتىسى بولغان دەيزۇر ئۆلكىسىگە قاراپ يۈرۈش قىلىدۇ. ئۇ ھازىرغىچە يەنىلا ئەسەبىي ئۇنسۇرلارنىڭ قامىلى ئاستىدا تۇرماقتا. زور مىقتاردىكى پۇخرا ۋە ئەسكەرلەر پاراشوت ئارقىلىق تاشلاپ بېرىلگەن قۇتقۇزۇش بۇيۇملىرىغا تايىنىپ تۇرمۇشىنى قامدىماقتا.

تومۇز مەزگىلى بولغاچقا، چۆل باياۋاننىڭ ئىسسىقى چىدىغۇسىىز ئىدى. ئەسكەرلەر قىسقا ۋاقىت دەم ئالغاندىن كېيىن، يەنە بىر ئۇرۇش مەيدانىغا يۈرۈش قىلىدۇ.