UYNTV

دېمىستۇرا: ماھىيەتلىك ئەھمىيەتكە ئىگە سۈرىيە مەسىلىسى جەنۋە تىنچلىق سۆھبىتى ئۆكتەبىردە ئۆتكۈزۈلىدۇ

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 18-08-2017 15:08

A-A+

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 18-ئاۋغۇست بېيجىڭ خەۋىرى:

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ سۈرىيە مەسىلىسى بويىچە ئالاھىدە ئەلچىسى دېمىستۇرا تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: ناۋادا ۋاقىت پىشىپ يېتىلسە، مەن سېنتەبىردە جەنۋەدە تەييارلىق خاراكتىرلىق بىر قېتىملىق تىنچلىق سۆھبىتى ئۇيۇشتۇرىمەن، بىراق كېيىنكى قېتىمقى ماھىيەتلىك ئەھمىيەتكە ئىگە سۈرىيە مەسىلىسى جەنۋە سۆھبىتى ئۆكتەبىردە ئۆتكۈزۈلىدۇ.

دېمىستۇرا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە سۈرىيە مەسىلىسى جەنۋە تىنچلىق سۆھبىتىگە قاتنىشىدىغان ئۈچ ئۆكتىچى گۇرۇھ ۋەكىللەر ئۆمىكى يېقىندا يىغىن ئېچىپ، ئىچكى قىسىمدىكى ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىش ۋە بىرلىككە كەلگەن ئۆكتىچى گۇرۇھ ۋەكىللەر ئۆمىكىنى قايىتىدىن تەشكىللەش ئۈستىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزۈشى مۇمكىن. مەن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، يىغىن ئاياغلىشىشتىن بۇرۇنقى بىر قانچە قېتىملىق ۋاستىلىق سۆھبەت ئارقىلىق سۈرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ئۆكتىچى گۇرۇھ ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ يۈزمۇ-يۈز بىۋاستە سۆھبەتنى بالدۇرراق ئەمەلگە ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.