UYNTV

چاۋشيەن ئامېرىكىنى باشقا دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشتى دەپ ئەيىبلىدى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 18-08-2017 15:05

A-A+

چاۋشيەن دىپلوماتىيە ۋازارىتى تۈنۈگۈن ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ 2016-يىلى ئېلان قىلغان «خەلقئارا دىنى ئەركىنلىك دوكلاتى»نى ئەيىبلەپ، بۇ چاۋشيەنگە قىلىنغان تۆھمەت ۋە ئېغىۋارگەرچىلىك دېدى.

چاۋشيەن مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋېرىگە قارىغاندا، چاۋشيەن دېپلوماتىيە ۋازارىتىنىڭ باياناتچىسى شۇ كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ ئاتالمىش «خەلقئارا دىنى ئەركىنلىك دوكلاتى»دا ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ دىنى ئەھۋالىغا باھا بېرىلگەن، بىراق بۇ-ئۆزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەتلەرگە تاجاۋۇز قىلىشى ۋە ئارىلىشىشى ئۈچۈن تاپقان باھانىسى، شۇڭا نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ئەيىبلىشى ۋە قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىدى.

ئامېرىكا بۇنداق ھاكاۋۇر، يولسىز ئېغىۋارگەرچىلىك ۋە ئۆز ئالدىغا مەجبۇرلاش قىلمىشىنى دەرھال توختىتىشى كېرەك.

مۇناسىۋەتلىك ئولانمىلار