UYNTV

رو يىڭمىن كورېيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلەندى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 01-09-2017 09:24

A-A+

كورېيە زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى 30- ئاۋغۇست، ئورتاق دېموكراتىك پارتىيەسىنىڭ سابىق پارلامېنت ئەزاسى رو يىڭمىن كورېيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلەنگەنلىكىنى جاكارلىدى.

رو يىڭمىن 1957- يىلى تۇغۇلغان، يونشى ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. 2012- يىلدىكى چوڭ سايلامدا مونجەيىننىڭ كاتىبات ئىشخانىسىنىڭ باشلىقى بولغان، بۇ يىللىق چوڭ سايلام مەزگىلىدە، ئۇ مون جەيىننىڭ تەدبىر بەلگىلەش كومىتېتىنىڭ تەشكىلات باشلىقى بولغان. كورېيە تاراتقۇلىرى، رو يىڭمىن مون جەيىننىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك ئادىمى دېدى.