UYNTV

ئامېرىكىدىكى مالىمانچىلىقنىڭ كەينىدىكى كۈلرەڭ كەركىدان

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 01-09-2017 09:09

A-A+

ئامېرىكىنىڭ چارلوتتېسۋىللىدىكى مالىمانچىلىق كىشىلەرنىڭ ئامېرىكىغا بولغان تۈرلۈك قالايمىقان تەسەۋۋۇرىنى قوزغىدى. 2007-يىلى ئامېرىكىدا يۈز بەرگەن ئىككىلەمچى قەرز كىرىزىسى خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىنى پەيدا قىلدى، ئون يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئامېرىكا جەمئىيىتىدە يەنە قالايمىقانچىلىق ھەتتا تەرتىپسىزلىك كۆپ يۈز بېرىشكە باشلىدى. بۇ خىل ھادىسىنىڭ كەينىدە مۇنداق ئۈچ چوڭ مەسىلە بار: 1-، ئىرقى كەمسىتىش، 2-، باي نامراتلىق پەرقى، 3- سىياسىي قۇتۇپلىشىش. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، بۈگۈنكى ئامېرىكىدىكى قالايمىقانچىلىق- تۈرلۈك زىددىيەتلەرنىڭ گىرەلىشىپ كەتكەنلىكىدىن بولۇپ، يەككە مەسىلە ئەمەس.

يۇقىرىقى ئۈچ زىددىيەتكە ئۇزۇن بولدى ھەمدە كۆپ قېتىم كىرىزىس پەيدا قىلدى، ئامېرىكىدىكى روشەن مەسىلە بولغانلىقتىن ھەتتا ئامېرىكا جەمئىيىتىدىكى "كۈلرەڭ كەركىدان" دەپ ئاتالدى. ئامېرىكا ئالىمى مېشىل ۋوك ئىقتىساد،پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى چوڭ ئېھتىماللىق ھەمدە ئۇنىڭ زور يوشۇرۇن خەۋپىنى "كۈلرەڭ كەركىدان" ئوخشاتتى. ناھايىتى كۆپ ۋاقىتلاردا كىشىلەر خېيىم-خەتەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تونۇپ يەتسىمۇ، لېكىن يوشۇرۇن خەۋپكە ئاكتىپ،ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرمايدۇ. ئامېرىكىدىكى يۇقىرىقى مەسىلىلەرنى بۇ ئۇقۇم ئارقىلىق بايان قىلىش يەنىلا بىر قەدەر مۇۋاپىق كېلىدۇ.

ئىرقى كەمسىتىشكە كەلسەك بۇندىن 50 يىل بۇرۇنقى بىر مەيدان ئىرقى مالىمانچىلىق ئامېرىكىنى بىر ئالدى، نۇرغۇن شەھەرلەردە مالىمانچىلىق كېلىپ چىقىپ، ئامېرىكىدىكى ئىچكى ئۇرۇش ئاياغلاشقاندىن كېيىنكى ئىچكى ئۇرۇشقا ئەڭ يېقىن كېلىدىغان خەتەرلىك ۋاقىت بولۇپ قالدى. بۇ قېتىمقى چارلوتتېسۋىللىدا پارتلىغان ئون يىلدىن بۇيانقى ئەڭ زور كۆلەملىك ئاق تەنلىكلەر ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرۇش مەستلىكى نامايىشى مالىمانچىلىق پەيدا قىلدى، بۇ ئامېرىكىدىكى ئوخشاش بولمىغان ئىرقتىكىلەر زىددىيىتىنىڭ ئەڭ كەسكىنلەشكەنلىكىنىڭ ئەڭ يېڭى ئىپادىسى. ئامېرىكا يالې ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخشۇناسلىق پىروفېسسورى داۋېي بۇلايت يېقىندا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئامېرىكىدىكى ئىچكى ئۇرۇش- ئامېرىكا تارىخىدىكى قاتتىق ئۇخلاۋاتقان ئەجدىھاغا ئوخشايدۇ، ھەر ۋاقىت ئويلىمىغان ۋاقىتتا ئويغىنىپ، بىزگە قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان يۇلقۇن پۈركۈشى مۇمكىن.

باي نامراتلىق پەرقىگە كەلسەك قارا تەنلىكلەر قانۇنىي جەھەتتە باراۋەر ئورۇنغا ئىگە بولدى، لېكىن ھەققى جەمئىيەتتىكى باراۋەرلىك ئورنىغا خېلى ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدۇ. دېموكراتىك ھوقۇقى ھەرىكىتى رەھبىرى مارتېن روتتېركىن بۇندىن 50 يىل بۇرۇن قارا تەنلىكلەر قۇللۇقتىن ئازاد بولغاندىن كېيىنمۇ يەنىلا ئىرقى كەمسىتىشكە ئۇچرايدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىكى كۆپ قىسىم سەۋەبنىڭ ئىقتىسادى جەھەتتىكى باراۋەرسىزلىكتىن بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلغان ئىدى. بەزى ئامېرىكا ئالىملىرى رەتلىگەن سانلىق مەلۇماتلاردىن ئايان بولۇشىچە، ئامېرىكا جەمئىيىتىدىكى باي نامراتلىقنىڭ ئىككى قۇتۇپلىشىشى يەنىمۇ كۈچەيمەكتە ئىكەن، بۈگۈنكى كۈندە ئامېرىكىدا بايلىق ۋە كىرىم جەھەتتىكى باي نامراتلىق پەرقى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىكى چوڭ كاساتچىلىقتىن كېيىن ئەڭ چوڭ ئىكەن. ئۇندىن باشقا، 2008-يىلىدىكى پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىدىن كېيىن، ئامېرىكا مۇقىم گۈللىنىش باسقۇچىغا كىردى، ھازىر ئىشسىزلىق نىسبىتى كىرىزىس يۈز بېرىشتىن ئىلگىرىكى سەۋىيەگە چۈشتى، ئۇنىڭ ئۈستىدە يېڭى ئەسىر كىرگەندىن بۇيانقى، يېڭى تۆۋەن نۇقتا بارلىققا كەلدى. لېكىن زور تۈركۈم تۆۋەن كىرىملىكلەر ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە بولالمىدى، ۋول كوچىسى ھەرىكىتىدىكى تەلىپىمۇ قاندۇرۇلمىدى.

سىياسىي قۇتۇپلىشىشقا كەلسەك ئامېرىكا جەمئىيىتىدىكى باراۋەرسىزلىك ناھايىتى كۆپ ئىجتىمائىي توقۇنۇشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. تۈرلۈك ئەندىشىلەر، غەزەپلىنىشلەر سىياسىي قارشىلىشىشقا ئايلاندى، پارتىيەلەرنىڭ سىياسىيسى يەنە بۇنىڭغا يەل بەردى، بۇنىڭلىق بىلەن ھازىرقى ئامېرىكىدىكى جەمئىيەت، ئىقتىساد ۋە سىياسەت جەھەتتىكى كۆپ خىل بۆلۈنۈش يەنە بۇلار ئۆز-ئارا گىرەلىشىپ كەتكەن ۋەزىيەت كېلىپ چىقتى. بۇنىڭ ئىچىدە سىياسىي قارشىلىشىش ئامېرىكا جەمئىيىتىدىكى زىددىيەتلەرنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئىپادىلىنىش شەكلى.

يۇقىرىقى ئۈچ چوڭ مەسىلە ئامېرىكا جەمئىيىتىدىكى جاھىل كېسەل بولۇپ قالدى. قائىدە بويىچە ئېلىپ ئېيتقاندا، ئامېرىكا جەمئىيىتى ناھايىتى كۈچلۈك ئۆزىنى تەڭشەش، تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، ساقايتىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشى كېرەك ئىدى، ئامېرىكىنىڭ سىياسىي تۈزۈمىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى لايىھەسىمۇ ئەسەبىيلىكتىن ساقلىنالايدۇ، ئامېرىكا مەدەنىيەتتە ئەركىنلىك، دېموكراتىيە، باراۋەرلىك ۋە شەخسىيەتچىلىكنى ئەلا بىلىدۇ. لېكىن يۇقىرىقى جاھىل كېسەلنىڭ ئىپادىسى شۇكى، ئامېرىكىنىڭ جەمئىيەت، ئىقتىساد ۋە سىياسەت تۈزۈلمىسىنىڭ ھەرىكەت مېخانىزمىدىن چاتاق چىقتى، سىياسىي بۆلۈنۈش، جەمئىيەتتىكى تەرتىپسىزلىك، تۈزۈم تەڭپۇڭسىزلىقى كېلىپ چىقىپ، تەرەققىيات قارشىلىشىشى، دېموكراتىيە قارشىلىشىشى، ئەركىنلىك قارشىلىشىشى شەكىللىنىپ، تۈرلۈك زىددىيەتلەر گىرەلىشىپ كەتتى.

تۈزۈم قاتلىمىدىن قارىغاندا، ئامېرىكا بۇندىن 200 يىل بۇرۇن لايىھەلىگەن ئۈچ ھوقۇقنى ئايرىش، ئۆز-ئارا تەڭپۇلاشتۇرۇش، ئىككى پارتىيە نۆۋەتلىشىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قاتارلىق سىياسىي رامكا سۇيىئىستېمال قىلىندى، ھازىرغىچە زور ئىسلاھات بولغاندا سايلامغا ئەھمىيەت بېرىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشكە سەل قاراش ئەۋج ئېلىپ كەتتى، جەمئىيەتتىكى كۈلرەڭ كەركىدان مەسىلىسىنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن ساقلىنىش بارغانسېرى تەسلىشىپ كەتتى. مەسىلە كۆپ چىقىدىغان، ھەل قىلىش ئىنتايىن تەس بولىدىغان ھالەت شەكىللەندى. كىشىلەر شۇنىڭغا ئىشىنىدۇكى، ئامېرىكىنىڭ تۈزۈمى ناھايىتى كۈچلۈك ئۆز-ئۆزىنىڭ خاتالىقنى، ئېغىشىنى تۈزىتىش، ئىقتىدارىنى يېڭىلاش ئىقتىدارىغا ئىگە، لېكىن بۇنىڭغا ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدۇ، بۇنىڭ جەريانى ئەگرى-توقاي بولۇپ، بۇنىڭ ئۈچۈن كۆپ بەدەل تۆلىنىدۇ.

لىنكولىن مۇنداق دېگەن ئىدى: ياۋروپا، ئاسىيا ۋە ئافىرىقىدىكى بارلىق قىسىم ئامېرىكىغا تەھدىت سالالمايدۇ، ئەگەر ئامېرىكا خەتەرگە يولۇقتى دېسەك، بۇ خەتەر ئامېرىكىنىڭ ئىچكى قىسىمىدىن كېلىدۇ. ئۇنداقتا ئامېرىكا مۇشۇنداق خەتەرنىڭ قايسى تەرىپىدە تۇرۇۋاتىدۇ؟