UYNTV

مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايوننىڭ بېجىرىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن 22 –،23–تۈركۈمدىكى ئەرزىيەت خېتىنىڭ 168 پارچىسى بېجىرىلدى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 12-09-2017 17:43

A-A+

 ۋاڭ يايۈننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىشىغا ماسلىشىش، ئالاقىلىشىش خىزمىتىگە كاپالەتلىك قىلىش گۇرۇپپىسىدىن ئىگىلىشىچە، مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى 9–ئاينىڭ 11–كۈنىگىچە ئاپتونوم رايوننىڭ بېجىرىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن 22–تۈركۈمدىكى 86 پارچە ئەرزىيەت خېتىنىڭ (بىڭتۈەننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) ھەممىسى بېجىرىلگەن، 23–تۈركۈمدىكى 84 پارچە ئەرزىيەت خېتىنىڭ (بىڭتۈەننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) 82 پارچىسى بېجىرىلىپ، ئىككى تۈركۈمدە بېجىرىلگەن ئەرزىيەت خېتى 168 پارچىگە يەتكەن.

 رايون ئايرىمىسىدىن قارىغاندا، 22–تۈركۈمدە بېجىرىلگەن 86 پارچە ئەرزىيەت خېتى ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 29 پارچە، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ 16 پارچە، قاراماي شەھىرىنىڭ 10 پارچە، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ 8 پارچە، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ 7 پارچە، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ 4 پارچە، قەشقەر ۋىلايىتى بىلەن ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ 3 پارچىدىن، قومۇل شەھىرى بىلەن بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ 2 پارچىدىن، تۇرپان شەھىرى بىلەن ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ 1پارچىدىن ئىكەن. بۇلغىما تۈرىدىن قارىغاندا، شاۋقۇنغا چېتىلىدىغىنى 24 پارچە، ئاتموسفېراغا چېتىلىدىغىنى 21 پارچە، چاڭ–توزانغا چېتىلىدىغىنى 20 پارچە، قاتتىق تاشلاندۇققا چېتىلىدىغىنى 17 پارچە، سۇنىڭ بۇلغىنىشىغا چېتىلىدىغىنى 12 پارچە، بۇسقا چېتىلىدىغىنى 10 پارچە، ئېكولوگىيەگە چېتىلىدىغىنى 6 پارچە، باشقا تۈرلەرگە چېتىلىدىغىنى 14 پارچە ئىكەن.

 رايون ئايرىمىسىدىن قارىغاندا، 23–تۈركۈمدە بېجىرىلگەن 82 پارچە ئەرزىيەت خېتى ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 39 پارچە، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ 11 پارچە، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ 9 پارچە، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ 6 پارچە، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ 5 پارچە، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ 3پارچە، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى بىلەن تۇرپان شەھىرىنىڭ 2 پارچىدىن، قاراماي شەھىرى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بىلەن قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ 1 پارچىدىن ئىكەن. بۇلغىما تۈرىدىن قارىغاندا، ئاتموسفېراغا چېتىلىدىغىنى 28 پارچە، قاتتىق تاشلاندۇققا چېتىلىدىغىنى 21 پارچە، شاۋقۇنغا چېتىلىدىغىنى 19 پارچە، چاڭ–توزانغا چېتىلىدىغىنى 14 پارچە، بۇسقا چېتىلىدىغىنى 13 پارچە، سۇنىڭ بۇلغىنىشىغا چېتىلىدىغىنى 7 پارچە، ئېكولوگىيەگە چېتىلىدىغىنى 3 پارچە، باشقا تۈرلەرگە چېتىلىدىغىنى 6 پارچە ئىكەن.

 ئۇقۇشىمچە، ھازىرغىچە مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونغا 23 تۈركۈمدە بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن 1490 پارچە ئەرزىيەت خېتىنىڭ 1466 پارچىسى بېجىرىلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە، تەكشۈرۈپ راستلىقى دەلىللەنگىنى 1325 پارچە، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغىنى 141 پارچە ئىكەن. تەكشۈرۈپ راستلىقى دەلىللەنگەن ھەم بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ئەرزىيەت خېتى ئارىسىدا تۈزىتىشكە بۇيرۇلغان كارخانا 1092، مەمۇرىي جازا بېرىلگەن كارخانا 366، جەرىمانە سوممىسى جەمئىي 29 مىليون 813 مىڭ 600 يۈەن بولغان؛ 1 پارچە ئەرزىيەت خېتى دېلو تۇرغۇزۇلۇپ تەكشۈرۈلگەن، 20 كىشى مەمۇرىي جەھەتتىن، 3 كىشى جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلغان، 130 كىشى سۆھبەتكە چاقىرتىلغان، 799 كىشىنىڭ جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلگەن.بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن بارلىق ئەرزىيەت خەتلىرىنىڭ بېجىرىلىش ئەھۋالى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تور بېكىتى (http://www.xinjiang.gov.cn)دە ئېلان قىلىنغان.

مۇناسىۋەتلىك ئولانمىلار

مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونىمىزغا 30–تۈركۈم..09-12

‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىت ئاسراشقا دائىر ئەرزىيەت–پاش قىلىش خېتىنى بېجىرىش خ..09-12

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مۇھىت ۋە بايلىق كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش..09-12

گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى كومىتېتىنىڭ 8–تەپتىش گۇرۇپپىسى شىنجاڭ..09-12

گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى كومىتېتىنىڭ 8–تەپتىش گۇرۇپپىسى شىنجاڭ..09-12

مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايوننىڭ بېجىرىشىگە ئ..09-11

مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايوننىڭ بېجىرىشىگە ئ..09-11

ئاپتونوم رايونىمىزدىن بەش ئەسەر مەملىكەتلىك 2-نۆۋەتلىك «تىنچ جۇڭگو» مىكرو كى..09-11

4408 يېزا «قوش تىل» يەسلىسى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا قەد كۆ..09-08

ئاپتونوم رايونىمىزدىن ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن 4000 ئوقۇغۇچى ئىچكىرىگە تە..09-07