UYNTV

گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى كومىتېتىنىڭ 8–تەپتىش گۇرۇپپىسى شىنجاڭغا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى تەپتىش قىلىشقا كەلدى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 12-09-2017 11:59

A-A+

 دۇڭ شاۋخۇا خەۋەر قىلىدۇ: زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى لىڭ يۆمىڭ باشچىلىقىدىكى گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى كومىتېتىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش 8–ئۇنىۋېرسال تەپتىش گۇرۇپپىسى 9–ئاينىڭ 11–كۈنى ئاپتونوم رايونىمىزغا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى ئۇنىۋېرسال تەپتىش قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا كەلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئۇنىۋېرسال تەپتىش گۇرۇپپىسىدىكىلەرگە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى.

 لىڭ يۆمىڭ ئۇنىۋېرسال تەپتىش گۇرۇپپىسىنىڭ شىنجاڭغا تەكشۈرۈشكە كېلىشتىكى مەقسىتى، مۇھىم نۇقتىلار ۋە خىزمەت تەلەپلىرىنى تونۇشتۇردى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى:بۇ قېتىمقى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى ئۇنىۋېرسال تەپتىش قىلىش خىزمىتى گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى كومىتېتى پارتىيە 19–قۇرۇلتىيى ئېچىلىش ئالدىدا تەشكىللىگەن بىر قېتىملىق ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش پائالىيىتى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىۋېرسال تەپتىش قىلىش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنىڭ ئەمەلىي نەتىجىلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى كۈچلۈك تۇتقا، بىخەتەرلىك ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ياخشىلاش، خىزمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشتىكى ئۈنۈملۈك يول. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشكە ئالاقىدار ۋەزىپە، تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ھەقىقىي ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈش بۇ قېتىمقى مۇھىم ۋەزىپىمىز. كۆپچىلىكنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭ، زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم تەستىقىي يوليورۇقلىرىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى كومىتېتىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، روھنى ئۇرغۇتۇپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، تەپتىش قىلىش خىزمىتىنى بىرلىكتە تاماملاپ، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشكە ئالاقىدار ۋەزىپە، تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇشىنى، زور، پەۋقۇلئاددە ھادىسە يۈز بېرىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى قەتئىي توسۇپ، پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشى ئۈچۈن مۇقىم، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مۇھىتى يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

 شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتىنى دوكلات قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئالاھىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش توغرىسىدىكى تەدبىر–ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايون مىقياسىدىكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، تۈرلۈك ھادىسە ۋە قازا قىلغانلار سانىنى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا %31.58 ۋە %18.46 ئازايتتى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى، بىراق بۇ يەنىلا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەلىپىدىن خېلىلا يىراق. جايلار، تارماقلار بۇ قېتىمقى تەپتىش قىلىش خىزمىتىنى پۇرسەت ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم يوليورۇقلىرىنىڭ روھىنى يەنىمۇ چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدىيە، ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش توغرىسىدىكى تەدبىر–ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا قەتئىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تېخىمۇ قەتئىي پوزىتسىيە، تېخىمۇ قاتتىق تەدبىر ۋە تېخىمۇ كۈچلۈك ۋاسىتە بىلەن، گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى كومىتېتىنىڭ تەپتىش گۇرۇپپىسى تەكشۈرۈپ بايقىغان مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل تۈزىتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قىزىل سىزىقىنى چىڭ ساقلاپ، زور، پەۋقۇلئاددە ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ قەتئىي ئالدى ئېلىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتىنى داۋاملىق مۇقىم، ياخشى قىلىپ، پارتىيە 19–قۇرۇلتىيى مەزگىلىدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

 تەپتىش گۇرۇپپىسى شىنجاڭدىكى مەزگىلدە ئاپتونوم رايونىمىز ۋە ئالاقىدار ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشكە ئالاقىدار ۋەزىپە، تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈش بىلەن بىللە، قىسمەن نۇقتىلىق كارخانىلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ۋە يوشۇرۇن خەۋپنى تەكشۈرۈپ، تۈزەش ئەھۋالىنى ئارىلاپ تەكشۈرىدۇ ھەمدە كارخانىلارنى ئارىلاپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق ھۆكۈمەت ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ خىزمەت نەتىجىسىنى باھالايدۇ.

 يىغىنغا ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاۋ چىڭ رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى كومىتېتىغا ئەزا ئورۇنلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.

مۇناسىۋەتلىك ئولانمىلار

مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايوننىڭ بېجىرىشىگە ئ..09-11

مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايوننىڭ بېجىرىشىگە ئ..09-11

لى كېچياڭ گوۋۇيۈەن پەرمانى ئىمزالاپ، تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى ‹‹دىن ئى..09-08

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدا ئوقۇغۇچ..09-07

مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايوننىڭ بېجىرىشىگە ئ..09-06

تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان تۇنجى تۈركۈمدىكى 21 ئافغانىستانلىق بالا..09-05

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئۈچ A دەرىجىلىك دوختۇرخانىلاردا دورا باھاسىغا شېرىنكانە ق..09-05

مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايوننىڭ بېجىرىشىگە ئ..09-05

مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 8- گۇرۇپپىسىنىڭ نۆۋەتچىلىك تېلېفونى ۋ..09-05

مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايوننىڭ بېجىرىشىگە ئ..09-04