UYNTV

چۆچەك ئايرودۇرۇمىدا 10-سېنتەبىر قاتناش ئەسلىگە كەلدى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 12-09-2017 17:54

A-A+

ش

10-سېنتەبىر سائەت 09:00 دا، چۆچەك ئايرودۇرۇمىدا قاتنىشى ئەسلىگە كەلدى. تۇنجى نۆۋەتچى ئايروپىلان چۆچەك ئايرودۇرۇمىغا قونۇپ، يولۇچىلار ئايروپىلاندىن چۈشتى.

    ئۆز خەۋىرىمىز: 10-سېنتەبىر سائەت 09:00 دا، چۆچەك ئايرودۇرۇمىدا قاتناش ئەسلىگە كېلىپ، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ‹‹بوئىن 737-700 ››تىپلىق تۇنجى نۆۋەتچى ئايروپىلانى ئاستا-ئاستا چۆچەك ئايرودۇرۇمىغا قوندى.

  چۆچەك ئايرودۇرۇمى 1992-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىدىن ئىلگىرى ئايرودۇرۇمنىڭ قاتتىق دېتال ئەسلىھەلىرى يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجىتمائىي تەرەققىيات ئېھتىياجىنى قاندۇرالمىغان ئىدى. 2015-يىل ئىيۇندا، تارباغاتاي ۋىلايىتى چۆچەك ئايرودۇرۇمىنى كېڭەيتىش تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ تەييارلىق خىزمىتىدە ئىش باشلاپ، 2017-يىلى مايدا بۇ تۈردە ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلۇش باشلىغان. تۆت ئاي جىددىي قۇرۇلۇش قىلىش نەتىجىسىدە ئۇچۇش رايونى مەيدان يولى قۇرۇلۇشى، ئۇچۇشقا ياردەم بېرىش چىرىغى، بىر قىسىم بېكەت سۇپىسى قاتارلىق قۇرۇلۇشلار تاماملىنىپ، ھاۋا قاتنىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش شارائىتى ھازىرلىنىپ، 10-سېنتەبىر قاتناش ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن.  

  قاتناش ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن دەسلەپكى مەزگىلىدە، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ‹‹بوئىن 737-700 ››تىپلىق نۆۋەتچى ئايروپىلانى ئۇچۇش ۋەزپىسىنى ئىجرا قىلىپ، ئۈرۈمچى-چۆچەك ئارا ئاۋىياتىسيە لىنىيەسىدە ھەر كۈنى بىر نۆۋەت بېرىپ-كېلىپ قاتنايدۇ. تيەنجىن ئاۋىياتسىيەسىمۇ ئۈرۈمچى-چۆچەك ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە قاتناشنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان بولۇپ، ھەر كۈنى ئىككى نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتنايدۇ.

    تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى، بىڭتۈەن 9-شى پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن شىجاڭ جۇ جىگەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، چۆچەك ئايرودۇرۇمىدا قاتناش ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن ئۈرۈمچى-چۆچەك ئاۋىياتىسيە لىنىيەسى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، يېڭىدىن چۆچەكتىن شىخەنزە، ئالتاي، غۇلجا قاتارلىق جايلارغا بارىدىغان شىنجاڭ ئىچى ئايلانما ئاۋىياتىسيە لىنىيەسى كۆپەيتىلىدىكەن، چۆچەكتىن بىۋاستە شىنجاڭنىڭ سىرتىغا ئۇچىدىغان تۈگۈن شەھەر ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلىپ، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن قولايلىق ئاۋىياتسىيە مۇلازىمىتى يولغا قويۇلىدىكەن. 

مۇناسىۋەتلىك ئولانمىلار