UYNTV

‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىت ئاسراشقا دائىر ئەرزىيەت–پاش قىلىش خېتىنى بېجىرىش خىزمىتى ۋاقىتلىق بەلگىلىمىسى›› ئېلان قىلىندى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 12-09-2017 17:40

A-A+

  ۋاڭ يايۈن خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش نازارىتى ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىت ئاسراشقا دائىر ئەرزىيەت–پاش قىلىش خېتىنى بېجىرىش خىزمىتىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، بۇنىڭدىن كېيىن ئامما ئىنكاس قىلغان مۇھىت ئاسراشقا دائىر ئەرزىيەت مەسىلىلىرى ۋە پاش قىلىنغان مەسىلىلەرنىڭ ۋاقتىدا ۋە ئۈنۈملۈك ھەل قىلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، يېقىندا ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىت ئاسراشقا دائىر ئەرزىيەت–پاش قىلىش خېتىنى بېجىرىش خىزمىتى ۋاقىتلىق بەلگىلىمىسى››نى ئېلان قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ شۇ دەرىجىلىك مۇھىت ئاسراشقا دائىر ئەرزىيەت–پاش قىلىش خېتىنىڭ قوبۇل قىلىش سۇبيېكتى ۋە ئۆتكۈزۈپ بېرىش–بېجىرىش تەرتىپى، تۈرگە ئايرىش ۋە بېجىرىش مەسئۇلىيەت سۇبيېكتى، بېجىرىش مۇددىتى، بېجىرىپ ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئۆلچىمى ۋە ئالاقىدار خىزمەت تەلىپى قاتارلىقلارنى ئايدىڭلاشتۇردى.

 ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش نازارىتىنىڭ باش ئىنژېنېرى ۋېن يۈبياۋنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ‹‹بەلگىلىمە››دە مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئەرزىيەت–پاش قىلىش خېتىنى بېجىرىش توغرىسىدىكى ئالاقىدار تەلەپلىرى ۋە تەجرىبە، ئۇسۇللىرىدىن تولۇق پايدىلىنىلغان، بۇ بەلگىلىمە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىت ئاسراشقا دائىر ئەرزىيەت–پاش قىلىش خېتىنى بېجىرىش خىزمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، ئاممىنىڭ مۇھىت ئاسراشقا دائىر ئەرزىيەت يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مۇھىتتىن رازى بولۇش ۋە ئېرىشىش تۇيغۇسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مۇھىت ئاسراشقا قاتنىشىش ئاكتىپچانلىقىنى قوزغاشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.

 ‹‹بەلگىلىمە››دە مۇنۇلار ئېنىق كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش نازارىتى ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك مۇھىت ئاسراشقا دائىر ئەرزىيەت–پاش قىلىش خېتىنى قوبۇل قىلىش سۇبيېكتى بولىدۇ، ئومۇمىي بېجىرىش تەرتىپى تىزىملاش، دەسلەپكى تەكشۈرۈش، بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىش، بېجىرىشنى نازارەت قىلىش، جاۋاب بېرىش، ئارخىپ تۇرغۇزۇش قاتارلىق 6 باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ. پاش قىلىش مەنبەسى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلار بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ۋە بىۋاسىتە ئەرز قىلىنغان ئەرزىيەت–پاش قىلىش خېتى دەپ ئايرىلىپ، مۇھىت ئاسراش نازارىتى تىزىملاش، دەسلەپكى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ۋىلايەت، ئوبلاست (ناھىيە، شەھەر)لىك مۇھىت ئاسراش تارماقلىرىنىڭ بېجىرىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ، مۇھىت ئاسراش نازارىتى بېجىرىشنى سۈرۈشتۈرۈش، نازارەت قىلىش ھەم تەكشۈرۈپ دەلىللەش، جاۋاب بېرىشكە مەسئۇل بولىدۇ؛ 12369 قىزىق لىنىيەلىك تېلېفون ئارقىلىق پاش قىلىنغان ئەرزىيەت–پاش قىلىش خېتىنى مۇھىت ئاسراش نازارىتى تىزىملاپ، ئارقىدىن ۋىلايەت، ئوبلاست (شەھەر، ناھىيە)لىق مۇھىت ئاسراش تارماقلىرىنىڭ بېجىرىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ، ۋىلايەت، ئوبلاستلىق مۇھىت ئاسراش تارماقلىرى جاۋاب بېرىشكە مەسئۇل بولىدۇ ھەم مۇھىت ئاسراش نازارىتىگە رويخەتكە ئالدۇرىدۇ. پاش قىلىنغان مەسىلىنىڭ خاراكتېرىگە ئاساسەن، مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى ياكى ئېكولوگىيەگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئالاقىدار مەسىلىلەر مۇھىت ئاسراش نازارىتىنىڭ باشچىلىقىدا بېجىرىلىدۇ ۋە جاۋاب بېرىلىدۇ؛ شەھەرلەرنىڭ مۇھىت تازىلىقى، بوز يەر ئېچىش، كان ئېچىش، ئورمان ۋە ئوتلاقلارنى ۋەيران قىلىش، ياۋايى ھايۋانلارنى ئۆلتۈرۈش قاتارلىقلارغا چېتىلىدىغان مەسىلىلەرنى مۇھىت ئاسراش نازارىتى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالاقىدار نازارەت، ئىدارىلەرنىڭ بېجىرىشىگە ۋە جاۋاب بېرىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ؛ مۇھىت ئاسراش تارماقلىرى ۋە خىزمەتچىلەرنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرماسلىق، ئىشنى قالايمىقان قىلىشىغا چېتىلىدىغان مەسىلىلەرنى ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇھىت ئاسراش نازارىتىدە تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ ياكى ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەسئۇللىرىنىڭ باشچىلىقىدا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشقا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ. مۇھىت ئاسراشقا دائىر بارلىق ئەرزىيەت–پاش قىلىش خېتىنى بېجىرىش جەريانىدا يەرلىك ھۆكۈمەت ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى، مۇھىت ئاسراش تارماقلىرى تولۇق تەكشۈرۈشى كېرەك.

 مۇھىت ئاسراشقا دائىر ئەرزىيەت–پاش قىلىش خېتىنى بېجىرىش مۇددىتى ‹‹ئەرزىيەت نىزامى››دا بەلگىلەنگەن 60 خىزمەت كۈنىدىن قوبۇل قىلىنغان كۈندىن باشلاپ 35 خىزمەت كۈنىدە بېجىرىشكە ئۆزگەرتىلىپ، 25 خىزمەت كۈنى قىسقارتىلدى.

 ‹‹بەلگىلىمە››دە مۇھىت ئاسراشقا دائىر ئەزىيەت–پاش قىلىش خېتىنى بېجىرىش خىزمىتى ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش، ئانالىز قىلىپ باھالاش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش، شۇنداقلا ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك مۇھىت ئاسراش تارماقلىرىغا ئەرزىيەت ئىشلىرى مەخسۇس خادىملىرىنى سەپلەش قاتارلىق جەھەتلەردە كونكرېت تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

مۇناسىۋەتلىك ئولانمىلار

مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونىمىزغا 30–تۈركۈم..09-12

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مۇھىت ۋە بايلىق كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش..09-12

«شى جىنپىڭنىڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر ۋە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى خىزمىتى توغرى..09-12

گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى كومىتېتىنىڭ 8–تەپتىش گۇرۇپپىسى شىنجاڭ..09-12

گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى كومىتېتىنىڭ 8–تەپتىش گۇرۇپپىسى شىنجاڭ..09-12

مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايوننىڭ بېجىرىشىگە ئ..09-11

مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايوننىڭ بېجىرىشىگە ئ..09-11

ئاپتونوم رايونىمىزدىن بەش ئەسەر مەملىكەتلىك 2-نۆۋەتلىك «تىنچ جۇڭگو» مىكرو كى..09-11

لى كېچياڭ گوۋۇيۈەن پەرمانى ئىمزالاپ، تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى ‹‹دىن ئى..09-08

4408 يېزا «قوش تىل» يەسلىسى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا قەد كۆ..09-08