UYNTV

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن سۈپەتنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىرنى تارقاتتى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 13-09-2017 17:18

A-A+

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ 9–ئاينىڭ 12–كۈنى تېلېگراممىسى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى 9–ئاينىڭ 12–كۈنى بېرىلگەن ھوقۇققا بىنائەن ‹‹ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ سۈپەتنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى››نى تارقاتتى. پىكىردە 2020–يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىزنىڭ تەمىنلەش سۈپىتىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاپ، تەمىنلەش سىستېمىسىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك قىلىپ، سۈپەتتە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، سۈپەت ئومۇمىي سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

 يېتەكچى پىكىردە مۇنۇلار تەكىتلەندى: تەمىنلەش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنىڭ ئاساسىي ھۇجۇم نىشانى، مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش تەمىنلەش سىستېمىسىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتىكى مەركىزىي ۋەزىپە. سۈپەتنى 1–ئورۇنغا قويىدىغان قىممەت يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇش، ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ۋە دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرۇشنى تۈپ نىشان قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك.

 مەھسۇلات، قۇرۇلۇش ۋە مۇلازىمەت سۈپىتىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈش كېرەك. سۈپەتتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك تۈزىتىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان، ئىستېمالدا دوستانە بولغان ئوتتۇرا، يۇقىرى دەرىجىلىك مەھسۇلاتلار بىلەن تەمىنلەشنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇش كېرەك، يۇقىرى ئاشۇرما قىممەت ۋە ئەلا مۇلازىمەتنىڭ تەمىنلەشتىكى نىسبىتىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، جۇڭگو ياسىمىچىلىقى، جۇڭگو قۇرۇلۇشچىلىقى، جۇڭگو مۇلازىمىتى، جۇڭگونىڭ داڭلىق ماركىلىرىنىڭ خەلقئارا رىقابەت ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىش كېرەك.

 كەسىپلەرنىڭ تەرەققىيات سۈپىتىنى سىجىل ئاشۇرۇش كېرەك. كارخانىلارنىڭ سۈپەت باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈش كېرەك، ئەنئەنىۋى، ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ قىممەت زەنجىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەرنىڭ سۈپەت، ئۈنۈم ئالاھىدىلىكىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى يەنىمۇ تېزلىتىپ، تېخنىكا، ماھارەت، بىلىم قاتارلىقلار مۇھىم ئامىل قىلىنغان سۈپەت رىقابەت تىپىدىكى كەسىپلەرنىڭ كۆلىمىنى كۆرۈنەرلىك كېڭەيتىپ، سۈپەت، ئۈنۈم ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان بىر تۈركۈم دۇنيا دەرىجىلىك كەسىپلەر توپىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

 رايونلارنىڭ سۈپەت سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك تېز ئۆستۈرۈش كېرەك. رايونلارنىڭ ئاساسىي فۇنكسىيەلىك ئورنى ۋە كەسىپ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى تېخىمۇ مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ، رايونلارنىڭ خاس بايلىقى، مۇھىت سىغىمچانلىقى ۋە كەسىپ ئاساسى قاتارلىق بايلىق ئەۋزەللىكلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، كەسىپلەرنى دەرىجىمۇ دەرىجە يۆتكەش بىلەن سۈپەت دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ماس قەدەمدە ئىلگىرى سۈرۈپ، رايون ئىقتىسادىدا ئالاقە راۋانلاشقان ۋە پەرقلىق راۋاجلانغان ئەندىزىنى بارلىققا كەلتۈرۈش كېرەك.

 دۆلەتنىڭ سۈپەت ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ ئۈنۈمى، ئىقتىدارىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. دۆلەتنىڭ ھېسابلاش، ئۆلچەم، تەكشۈرۈش–ئۆلچەش، ئىسپات بېرىش، ئېتىراپ قىلىش قاتارلىق سۈپەت ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئايلىنىشى، تېخنىكا سەۋىيەسى ۋە مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خەلقئارا رىقابەت ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈش كېرەك، پەن–تېخنىكىدا ئىلگىرىلەش، كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، جەمئىيەتنى تۈزەش، تاشقى ئالاقىنى قوللاشنى تېخىمۇ كۈچەيتىش كېرەك.

مۇناسىۋەتلىك ئولانمىلار

«شى جىنپىڭنىڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر ۋە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى خىزمىتى توغرى..09-12

گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى كومىتېتىنىڭ 8–تەپتىش گۇرۇپپىسى شىنجاڭ..09-12

گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى كومىتېتىنىڭ 8–تەپتىش گۇرۇپپىسى شىنجاڭ..09-12

‹‹پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنى يېتەكچى قىلايلى: باش شۇجى شى جىنپى..09-11

لى كېچياڭ گوۋۇيۈەن پەرمانى ئىمزالاپ، تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى ‹‹دىن ئى..09-08

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدا ئوقۇغۇچ..09-07

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگىنى قۇربان ھېيتنى تەبر..09-04

ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەتچىلىك تەرەققىيات كومىتېتى شىنجاڭ تېلېگرافى بىلەن بى..09-01

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە ..08-31

‹‹شى جىنپىڭنىڭ سوتسىيالىستىك سىياسىي قۇرۇلۇش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈند..08-29