UYNTV

مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايوننىڭ بېجىرىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن 24–،25–تۈركۈمدىكى ئەرزىيەت خېتىنىڭ 160 پارچىسى بېجىرىلدى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 13-09-2017 17:21

A-A+

  ۋاڭ يايۈننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىشىغا ماسلىشىش، ئالاقىلىشىش خىزمىتىگە كاپالەتلىك قىلىش گۇرۇپپىسىدىن ئىگىلىشىچە، 9–ئاينىڭ 12–كۈنىگىچە، مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايوننىڭ بېجىرىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن 24-تۈركۈمدىكى 76 پارچە ئەرزىيەت خېتىنىڭ (بىڭتۈەننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) ھەممىسى بېجىرىلگەن، 25–تۈركۈمدىكى 87 پارچە ئەرزىيەت خېتىنىڭ 84 پارچىسى بېجىرىلىپ، ئىككى تۈركۈمدە بېجىرىلگەن ئەرزىيەت خېتى 160 پارچىگە يەتكەن.

 رايون ئايرىمىسىدىن قارىغاندا، 24–تۈركۈمدە بېجىرىلگەن 76 پارچە ئەرزىيەت خېتى ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 41 پارچە، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ 7 پارچە، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ 6 پارچە، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، ئالتاي ۋىلايىتى ۋە تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ 4 پارچىدىن، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ 3 پارچە، تۇرپان شەھىرىنىڭ 2 پارچە، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، قومۇل شەھىرى، ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋە قاراماي شەھىرىنىڭ 1 پارچىدىن بولغان. بۇنىڭدىن سىرت، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىك 1 پارچە ئەرزىيەت خېتىنى بىرلىكتە بېجىرگەن. بۇلغىما تۈرىدىن قارىغاندا، شاۋقۇنغا چېتىلىدىغىنى 24 پارچە، ئاتموسفېراغا چېتىلىدىغىنى 23 پارچە، قاتتىق تاشلاندۇققا چېتىلىدىغىنى 19 پارچە، بۇسقا چېتىلىدىغىنى 12 پارچە، چاڭ–توزانغا چېتىلىدىغىنى 11 پارچە، سۇنىڭ بۇلغىنىشىغا چېتىلىدىغىنى 7 پارچە، ئېكولوگىيەگە چېتىلىدىغىنى 4 پارچە، باشقا تۈرلەرگە چېتىلىدىغىنى 6 پارچە بولغان.

 رايون ئايرىمىسىدىن قارىغاندا، 25–تۈركۈمدە بېجىرىلگەن 84 پارچە ئەرزىيەت خېتى ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 35 پارچە، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ 10 پارچە، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ 8 پارچە، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ 7 پارچە، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ 6 پارچە، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە قومۇل شەھىرىنىڭ 5 پارچىدىن، قەشقەر ۋىلايىتى، ئالتاي ۋىلايىتى ۋە تۇرپان شەھىرىنىڭ 2 پارچىدىن، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ 1 پارچە بولغان. بۇنىڭدىن سىرت، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىك 1 پارچە ئەرزىيەت خېتىنى بىرلىكتە بېجىرگەن. بۇلغىما تۈرىدىن قارىغاندا، ئاتموسفېراغا چېتىلىدىغىنى 26 پارچە، شاۋقۇن ۋە چاڭ–توزانغا چېتىلىدىغىنى 20 پارچە، قاتتىق تاشلاندۇققا چېتىلىدىغىنى 19 پارچە، سۇنىڭ بۇلغىنىشىغا چېتىلىدىغىنى 11 پارچە، بۇسقا چېتىلىدىغىنى 10 پارچە، ئېكولوگىيەگە چېتىلىدىغىنى 6 پارچە، باشقا تۈرلەرگە چېتىلىدىغىنى 3 پارچە بولغان.

 ئۇقۇشىمچە، ھازىرغىچە مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونغا ئالدىنقى 25 تۈركۈمدە بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن 1653 پارچە ئەرزىيەت خېتىنىڭ 1648 پارچىسى بېجىرىلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە تەكشۈرۈپ راستلىقى دەلىللەنگىنى 1491 پارچە، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغىنى 157 پارچە ئىكەن. ئەرزىيەت خەتلىرىنى تەكشۈرۈپ بېجىرىش جەريانىدا 1221 كارخانا تۈزىتىشكە بۇيرۇلغان، 399 كارخانىغا مەمۇرىي جازا بېرىلگەن، جەرىمانە سوممىسى جەمئىي 31 مىليون 733 مىڭ 900 يۈەن بولغان؛ 1 پارچە ئەرزىيەت خېتى دېلو تۇرغۇزۇلۇپ تەكشۈرۈلگەن، 20 كىشى مەمۇرىي جەھەتتىن، 3 كىشى جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلغان، 135 كىشى سۆھبەتكە چاقىرىتىلغان، 808 كىشىنىڭ جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلگەن. بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن بارلىق ئەرزىيەت خەتلىرىنىڭ بېجىرىلىش ئەھۋالى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تور بېكىتى (http://www.xinjiang.gov.cn)دە ئېلان قىلىنغان.

مۇناسىۋەتلىك ئولانمىلار

مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونىمىزغا 31–تۈركۈم..09-13

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ ئېكولوگىيەلىك..09-13

‹‹ئىككىنى مەركەزلەشتۈرۈش›› ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك ق..09-13

ئاپتونوم رايونىمىز تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونلىرىدا كانچىلىق ھوقۇقىنى ئېنىقلاشن..09-13

ئاپتونوم رايونىمىز تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونلىرىدا كانچىلىق ھوقۇقىنى ئېنىقلاشن..09-13

مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايوننىڭ بېجىرىشىگە ئ..09-12

مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونىمىزغا 30–تۈركۈم..09-12

‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىت ئاسراشقا دائىر ئەرزىيەت–پاش قىلىش خېتىنى بېجىرىش خ..09-12

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مۇھىت ۋە بايلىق كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش..09-12

گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى كومىتېتىنىڭ 8–تەپتىش گۇرۇپپىسى شىنجاڭ..09-12