UYNTV

سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 11–نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 19–قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئېچىلدى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 14-09-2017 16:37

A-A+

يىغىندا ‹‹باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېزلىتىش›› باش تېمىسىدىكى ھاكىمىيەت ئىشلىرى ئۈستىدە مەخسۇس مۇھاكىمە قانات يايدۇرۇلدى

  لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 11–نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 19–قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنى 9–ئاينىڭ 13–كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى، يىغىندا ‹‹باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېزلىتىش›› باش تېمىسىدىكى ھاكىمىيەت ئىشلىرى ئۈستىدە مەخسۇس مۇھاكىمە قانات يايدۇرۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا قاتناشتى.

 يىغىندا چېن جى، سۇڭ ياجۈن، نيۇ شياۋپىڭ، مېھرىبان غوجىئابدۇل، زۇلپىيە ئابدۇقادىر، جاڭ ئاباۋ، جاڭ شياۋفېڭ، مېڭ چىڭسەي، شۈ نەن، شى خەييىڭ قاتارلىق ئون يولداش شىنجاڭنىڭ يېڭىچە شەھەرلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەھەرلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، شىنجاڭچە كىچىك بازار قۇرۇش، جەنۇبىي شىنجاڭچە كىچىك شەھەر–بازارلارنى پىلانلاشنى كۈچەيتىش، قاتناش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن قوللاشنى كۈچەيتىش، كەسىپلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بىڭتۈەن شەھەرلىرىنىڭ سىڭىشىش شەكىلدىكى يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، كەسىپ بىلەن شەھەرنى بىرلەشتۈرۈپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشكە تۈرتكە بولۇش قاتارلىقلار توغرىسىدا سۆز قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ شەھەرلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە ھەر تەرەپتىن تەكلىپ بەردى. بۇ قېتىمقى يىغىندا ‹‹بىر تۇتاش پىلانلاشنى يېتەكچى قىلىش، تۈزۈلمە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش››، ‹‹شەھەر–بازار ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، كەسىپ بىلەن شەھەرنىڭ بىرلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش››، ‹‹شەھەر–بازار فۇنكسىيەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، شەھەر–بازار سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش››، ‹‹ئادىمىيەت ئىناقلىقىغا تۈرتكە بولۇش، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش››تىن ئىبارەت تۆت مەخسۇس تېما تەسىس قىلىندى. يىغىنغا قاتناشقانلار مەخسۇس تېمىلارنى چۆرىدەپ، ئاكتىپ چارە–تەدبىر كۆرسىتىپ، قىممىتى ۋە سالمىقى بار پىكىر–تەكلىپلەرنى بەردى.

 ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جەرۇللا ھېسامىدىن، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش–قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن سىياسىي كومىسسار كۇڭ شىڭلۇڭ يىغىنغا قاتنىشىپ، ئەزالارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىدى.

 ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بەي جىجيې ئالاقىدار كادىرلار ئىشلىرى توغرىسىدا چۈشەنچە بەردى، سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى يۈ شيۇدۇڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن رىزۋان ئەبەي، لى شياڭلىن، جۈرئەت ئىمىن، ليۇ جىيۇڭ، ماغاۋ سېيتقامزا، ليۇ جيەنشىن، ۋەن خەيچۈەن، چېڭ جېنشەن، بادەي، كادىرقان مىراسقان، ئابدۇلىتىپ ئابدۇرېھىم، باش كاتىپ خەن جۈن يىغىنغا قاتناشتى.

 شىنجاڭدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزالىرى؛ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگىنىنىڭ رەھبەرلىرى، مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ مەسئۇللىرى، ئوبلاست، شەھەرلىك سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىلىرىنىڭ شۇجىلىرى، سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسلىرى، ۋىلايەتلەردىكى سىياسىي كېڭەش خىزمەت كومىتېتى پارتگۇرۇپپىلىرىنىڭ شۇجىلىرى، مۇدىرلىرى؛ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش–قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىگە قاراشلىق ناھىيە دەرىجىلىك شەھەرلەردىكى سىياسىي كېڭەشلەرنىڭ رەئىسلىرى قاتارلىقلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

 يىغىنغا جۇڭگوچە بازار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن كۈنەس ناھىيەسىنىڭ نارات بازىرى قاتارلىق سەككىز خاس بازاردىكى ئالاقىدار يولداشلار سىرتتىن قاتناشتى.

مۇناسىۋەتلىك ئولانمىلار

شىنجاڭدىكى بىر قانچە تارىخىي مەسىلىگە ئالاقىدار تەتقىقات توغرىسىدىكى سۆھبەت ..09-14

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ ئېكولوگىيەلىك..09-13

ئاپتونوم رايونىمىز تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونلىرىدا كانچىلىق ھوقۇقىنى ئېنىقلاشن..09-13

ئاپتونوم رايونىمىز تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونلىرىدا كانچىلىق ھوقۇقىنى ئېنىقلاشن..09-13

‹‹ئىككىنى مەركەزلەشتۈرۈش›› ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك ق..09-13

مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونىمىزغا 31–تۈركۈم..09-13

مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايوننىڭ بېجىرىشىگە ئ..09-13

گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى كومىتېتىنىڭ 8–تەپتىش گۇرۇپپىسى شىنجاڭ..09-12

گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى كومىتېتىنىڭ 8–تەپتىش گۇرۇپپىسى شىنجاڭ..09-12

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مۇھىت ۋە بايلىق كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش..09-12