UYNTV

تىرامپ ئامېرىكىغا سەككىز دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ كېلىشىنى چەكلىدى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 27-09-2017 17:14

A-A+

   شىنخۇا تورى خەۋىرى: 24-سېنتەبىر، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ ساياھەت مەنئىي قىلىش يېڭى بۇيرۇقىغا ئىمزا قويدى. بۇ بۇيرۇققا ئاساسلانغاندا، سەككىز دۆلەتنىڭ پۇقرالىرى ئامېرىكىغا كىرەلمەيدۇ.

    تونۇشتۇرۇلىشىچە، بۇ يېڭى تۈزۈم 18 - ئۆكتەبىردىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىكەن. ئىران، چاۋشيەن، چاد، لىۋىيە، سۇرىيە، ۋېنېسۇئېلا، يەمەن ۋە سومالىدىن ئىبارەت سەككىز دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشى ئومۇميۈزلۈك ياكى قىسمەن چەكلىنىدىكەن. ئالدىنقى ساياھەت مەنئىي قىلىش بۇيرۇقىغا كىرگۈزۈلگەن سۇدان يېڭى تىزىملىككە كىرگۈزۈلمىگەن، يېڭى تىزىملىككە چاۋشيەن، ۋېنېسۇئېلا ۋە چاد قوشۇلغان.