UYNTV

كۆپ تەرەپلەر كۇرد رايونىنىڭ مۇستەقىللىقنى ئومۇمي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇشقا قارشى تۇردى، خەلقئارا...

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 30-09-2017 16:30

A-A+

كۆپ تەرەپلەر كۇرد رايونىنىڭ مۇستەقىللىقنى ئومۇمي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇشقا قارشى تۇردى، خەلقئارا جەمئىيەت ئىراقنىڭ بىرلىكىنى قوللىدى

ئىراق كۇرد ئاپتونوم رايونى 25-سېنتەبىر كۆپ تەرەپلەرنىڭ قارشى تۇرۇشىغا قارىماي، مۇستەقىللىق مەسىلىسىنى ئومۇمي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويدى. ئىراق مەركىزى ھۆكۈمىتى بىلەن تۈركىيە، ئىران قاتارلىق ئەتراپتىكى دۆلەتلەر ئارقا ئارقىدىن كۇرد رايونىنىڭ ئومۇمي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇشقا قارشى تەدبىر قوللاندى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ئامېرىكا، رۇسىيە قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلات ۋە دۆلەتلەر كۇرد رايونىنىڭ مۇستەقىللىقنى ئومۇمي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇشقا بىردەك قارشى تۇردى، ئىراقنىڭ بىرلىكىنى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوللىدى. ئىراق زۇڭلىسى ئابادى 27-سېنتەبىر پارلامېنتتا مۇنداق دېدى: ئەگەر كۇرد رايونى باغداد بىلەن يەنە داۋاملىق سۆزلەشمەكچى بولسا، ئومۇمي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇشنىڭ نەتىجىسىدىن ۋەز كېچىپ، ئاساسى قانۇن رامكىسىغا قايتىپ كېلىشى كېرەك. ئىراق مىللىي پارلامېنتىمۇ ھۆكۈمەتتىن كۇرد رايونىنىڭ ئومۇمي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇشىغا قارتا بىر قاتار قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى. بۇ، تالاش تارتىش قىلىۋاتقان رايونغا ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرۇش، زاپاس بايلىقى مول بولغان كېركوك نېفىتلىكىنى قايتىدىن كونترول قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدى.

مۇناسىۋەتلىك ئولانمىلار