UYNTV

«يېڭى تەرەققىيات قارىشى دىرىژورلۇق تايىقى، قاتناش چىرىغى» 2-قىسىم

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 11-10-2017 14:10

A-A+

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن، دەۋرنىڭ يۈزلىنىشىنى پەملەپ، خەلقنىڭ ئارزۇسىغا بېقىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلارغا پائال تاقابىل تۇرۇشقا يېتەكلەپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا تۈرتكە بولۇپ، ئىچكى-تاشقى دىپلوماتىيە، دۆلەت مۇداپىئەسى قاتارلىق ساھەلەردە يېپ-يېڭى ۋەزىيەت ياراتتى.

پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى غەلىبىلىك ئېچىلىش ئالدىدا، «ئاڭلاڭ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزلىرىنى» ماۋزۇلۇق 10 قىسىملىق ئالاھىدە يۈرۈشلۈك خەۋەرنى تەييارلىدۇق، بۇ يۈرۈشلۈك خەۋىرىمىزدە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ھەققىدىكى يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئوي-پىكىر، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى ۋە ئۇلۇغ نەتىجىلىرىنى ئەسلەپ ئۆتىمىز. بۈگۈن بۇ يۈرۈشلۈك خەۋىرىمىزنىڭ «يېڭى تەرەققىيات قارىشى دىرىژورلۇق تايىقى، قاتناش چىرىغى» دېگەن 2- قىسمى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.

يېڭى دەۋرنىڭ كىرىشىگە ئەگىشىپ، جۇڭگونىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىيات مۇھىتى، شارائىتى، ۋەزىپىسى يېڭى چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇشنى تەلەپ قىلدى. 2014-يىلى 5-ئايدا، باش شۇجى شىجىنپىڭ تۇنجى قېتىم يېڭى تۇراقلىق ھالەت ئۇقۇمىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

جۇڭگو ئىقتىسادى يېڭى تۇراقلىق ھالەتتە، قەد كۆتۈرۈۋاتقان چوڭ دۆلەتنىڭ يېڭى ئىقتىساد سىستېمىسىغا ئىگە زور تەرەققىيات پۇرسىتىنى بارلىققا كەلتۈرمەكتە.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: يېڭى تۇراقلىق ھالەتتە، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستا بولۇۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئەمەلىي ئېشىش مىقدارى يەنىلا ئوبيېكتىپ بولماقتا؛ جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى تېخىمۇ مۇقىملىشىپ قالدى، ئېشىشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى تېخىمۇ كۆپ مەنبەلەشمەكتە؛ جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى قۇرۇلمىسى سەرخىللاشماقتا، دەرىجىسى ئۆسمەكتە، تەرەققىيات ئىستىقبالى تېخىمۇ مۇقىملاشماقتا؛ جۇڭگو ھۆكۈمىتى زور كۈچ بىلەن ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ بەردى، بازارنىڭ ھاياتى كۈچىنى يەنىمۇ قويۇۋەتتى.

پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىدا يېڭىلىق يارىتىش، تەڭكەش، يېشىل، ئېچىۋېتىش، ئورتاق بەھرىلىنىش تەرەققىيات قارىشى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ: يېڭى تەرەققىيات قارىشى دىرىژورلۇق تايىقى، قاتناش چىرىغى دەپ كۆرسەتتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىشنى دۆلەت تەرەققىيات ئومۇملىقىنىڭ يادرولۇق ئورنىغا قويۇش، يېڭىلىق يارىتىشنى دۆلەتنىڭ بارلىق خىزمەتلىرىگە، پۈتۈن جەمئىيەتتىكى ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلاندۇرۇش كېرەك. تەڭكەش تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇشتا، تەرەققىياتنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش لازىم. يېشىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇشتا، بايلىق تېجەش، مۇھىت ئاسراشتىن ئىبارەت ئاساسىي دۆلەت سىياسىتىدە، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، ئادەملەر بىلەن تەبىئەت ئىناق تەرەققىي قىلىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى قېلىپنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئېچىۋېتىشنى راۋاجلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇشتا ئۆز-ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ پايدا ئېلىشتەك ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، كەڭ تۈردە مەنپەئەت ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش لازىم. ئورتاق بەھرىلىنىشنى راۋاجلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇشتا، تەرەققىيات خەلق ئۈچۈن بولۇش، تەرەققىياتتا خەلققە تايىنىش، تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن خەلقنى ئورتاق نەپكە ئىگە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، پۈتۈن خەلقنى ئورتاق قۇرۇش ئورتاق بەھرىلىنىش تەرەققىياتى داۋامىدا تېخىمۇ نەپ ئېلىش تۇيغۇسىغا، ئورتاق بېيىش يۆنىلىشىگە قاراپ مۇقىم ئىلگىرىلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

2015-يىلى 10-نويابىر باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەز مالىيە رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 11-قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، تۇنجى قېتىم تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئوتتۇرىغا قويدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: بىز تەكىتلەۋاتقان تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات ھەم تەمىنلەشنى تەكىتلەش، ھەم ئېھتىياجغا ئەھمىيەت بېرىش، ھەم ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنى گەۋدىلەندۈرۈش ھەم ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش، ھەم بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى جارى قىلدۇرۇش ھەم ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ئوبدان جارى قىلدۇرۇش، ھەم نەزەرنى ھازىرغا قارىتىش ھەم مەۋقەنى يىراققا قارىتىشنى كۆرسىتىدۇ. ئىشنى ئىشلەپچىقىرىش ھالقىسىدىن باشلاپ تۇتۇش، تەمىنلەش قۇرۇلمىسىنىڭ تەلەپ ئۆزگىرىشىگە بولغان ماسلىشىشچانلىقى ۋە جانلىقلىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

ئىرادە كۈچلۈك بولغاندا ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدۇ، قىيىنچىلىقتىن قورقمىغاندا ئالغا ئىلگىرىلىگىلى بولىدۇ.

2016-يىلى تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش يىلىنى باشتىن كۆچۈرۈپ، دەسلەپكى ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى. 2017-يىلى تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات چوڭقۇرلاشتۇرۇلغان بىر يىل، جۇڭگونىڭ تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات پىلانى بارغانچە ئېنىق بولدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگودا ياخشى دورا ئاچچىق بولىدۇ دەيدىغان گەپ بار. بىزنىڭ قوللىنىۋاتقىنىمىز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ياخشى رېتسېپى. كەلگۈسىگە يۈزلىنىشتە جۇڭگو يېڭىلىق يارىتىش، تەڭكەش، يېشىل، ئېچىۋېتىش، ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادى تەرەققىيات يېڭى تۇراقلىق ھالىتىگە ئۈزلۈكسىز ماسلىشىپ، ئۇنى ئىگىلەپ، ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىپ، تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېچىۋېتىش تىپىدىكى ئىقتىسادى يېڭى تۈزۈلمىنى تېزدىن بەرپا قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ئىقتىسادى تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

بەش يىلدىن بۇيان، 1500دىن ئارتۇق ئىسلاھات تەدبىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئومۇميۈزلۈك تىرىشىدىغان، كۆپ نۇقتىلاردا بۆسۈش بولغان، چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلىدىغان ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى، ئىقتىسادنىڭ سىجىل تەرەققىي قىلىش يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى ئېنېرگىيەسى ئۈزلۈكسىز توپلاندى. جۇڭگو يېڭى قاراش يېتەكچىلىكىدىكى تەرەققىيات يولىدا داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش نىشانىغا ،دۇنيا سەھنىسىنىڭ مەركىزىگە قەدەممۇ-قەدەم يېقىنلىنىدۇ.