UYNTV

سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھىنىڭ رۇسىيەدە زىيارەتتە بولۇشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 11-10-2017 14:08

A-A+

چەتئەل تاراتقۇلىرى سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھى سالماننىڭ رۇسىيەدە زىيارەتتە بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دۈشمەنلىشىش ھالىتىگە خاتىمە بېرىشى-رۇسىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى تەسىرىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بەردى دېدى.

چەتئەل تاراتقۇلىرى رۇسىيە بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانى 6-ئۆكتەبىر رۇسىيەدە ياسالغان قوراللارنى سېتىپ بېرىش توختامىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن كېلىشىمنى ئىمزالاپ، نەچچە ئون يىلدىن بۇيانقى دۈشمەنلىشىش ھالىتىگە خاتىمە بەردى، بۇ-سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھىنىڭ تۇنجى قېتىم رۇسىيەدە زىيارەتتە بولغاندىكى نەتىجىلىرىنىڭ بىرى دېدى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 6-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھى سالمان بىلەن رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىننىڭ كىرىمىل سارىيىدىكى سۆھبىتى-ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى توڭنىڭ ئېرىگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىكەن. ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدىن تارتىپ جىددىيلىشىپ كەتكەن، سەئۇدى ئەرەبىستانى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا ئافغانىستاندىكى توپىلاڭچى ئارمىيەنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئافغانىستانغا تاجاۋۇز قىلىشىغا قارشى تۇرۇشىنى قوللىغان.

كۆزەتكۈچىلەر رىيادنىڭ موسكۋا بىلەن ئالاقە باغلاشنى قارار قىلغانلىقى-موسكۋانىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى تەسىرىنىڭ كېڭىيىۋاتقانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ دېدى. بۇ يەنە سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ خام نېفىت ئېكسپورت باھاسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، رۇسىيەنى نېفىت ئىشلەپچىقىرىشقا چەك قويىدىغان دۇنياۋى كېلىشىم ئىمزالاشقا يېقىنلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

پۇتىن سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھىنىڭ زىيارەتكە كېلىشىنى بەلگە خاراكتېرلىك ئىش، بۇ-ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرىدۇ دەپ ماختىدى. سالمان تىنچلىق، بىخەتەرلىك ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، مەن دوست دۆلەت رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كېڭەيتىشنى ئۈمىد قىلىمەن دېدى.

سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھى ئىككى دۆلەتنىڭ نۇرغۇن خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدىكى قارىشى بىردەك، بىز خەلقئارا نېفىت باھاسىنى ساقلاشقا داۋاملىق تېرىشىشنى ئۈمىد قىلىمىز دەپ كۆرسەتتى.

سەئۇدى ئەرەبىستانى ھەربىي سانائەت شىركىتى سۆھبەتتىن كېيىن بۇ شىركەتنىڭ رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورت شىركىتى بىلەن رۇسىيەدە ياسالغان ئىلغار قوراللارنى سېتىۋېلىش كېلىشىمى ئىمزالىغانلىقى، بۇنىڭ ئىچىدە S-400 بەلگىلىك يىراق مۇساپىلىك ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنىڭ بارلىقىنى جاكارلىدى.

خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ قورال ئىشلەپچىقىرىشنى يەرلىكتۈرۈش مۇددىئاسىغا ئاساسەن، بۇ كېلىشىملەر تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىش، سەئۇدى ئەرەبىستانىدا رۇسىيەدە ياسىلىدىغان كورنېت-EM تىپلىق تانكىغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا، TOS-1A تىپلىق راكېتالىق زەمبىرەك سىستېمىسى، AGS-30 تىپلىق ئاپتوماتىك گىرانات ئاتقۇچ ۋە ئەڭ يېڭى نۇسخىدىكى كالاشىنكوۋ ئاپتوماتىنى ئىشلەپچىقىرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. گەرچە ئامېرىكا يەنىلا سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ 1-نومۇرلۇق قورال-ياراق تەمىنلىگۈچىسى ھەم ئەڭ مۇھىم ئىتتىپاقدىشى بولسىمۇ، لېكىن يېڭى كېلىشىم-سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كېڭەيتمەكچى بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى.

خەۋەردە، سەئۇدى ئەرەبىستانى يەنە رۇسىيەنىڭ يادرو ئېنېرگىيە تېخنىكىسىغا ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ شۇنداقلا رۇسىيەدىن ئاشلىق ئىمپورت قىلىشنى كېڭەيتىشكە تەييارلىنىپ بولغاندەك تۇرىدۇ دېيىلدى.

تەھلىلچىلەر سالماننى ئۆز ئىچىگە ئالغان پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىدىكى خان جەمەتلىرىنىڭ نۇرغۇن ئەزالىرىنىڭ موسكۋاغا زىيارەتكە بارغانلىقى-رۇسىيەنىڭ سۇرىيەدىكى تەۋەككۈلچىلىك ھەرىكىتىگە جاۋاب قايتۇرۇشتىكى ئەڭ كۈچلۈك ئىسپات دەپ قارىدى.

بۇندىن باشقا، رۇسىيە «موسكۋا كومسومول گېزىتى»نىڭ 6-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، سىياسىيونلار سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھىنىڭ تارىختا تۇنجى قېتىم رۇسىيەدە زىيارەتتە بولۇشىنى تارىخىي خاراكتېرلىك، بۆسۈش خاراكتېرلىك، بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك، مۇۋەپپەقىيەتلىك زىيارەت دەپ تەرىپلىگەن.

پادىشاھنىڭ ياشىنىپ قالغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، قارشى ئېلىش مۇراسىمى قىسسقارتىلغاندىن كېيىنكى تەرتىپ بويىچە ئۆتكۈزۈلدى، بىراق بۇ قىسقىغىنە بىر قانچە مىنۇتقىمۇ سالمان ئاران بەرداشلىق بېرەلىدى. ئۇ ئىزچىل ھاسىسىغا تايىنىپ تۇرسىمۇ، پۇتىن ئۇنىڭ يېڭىدىن ئاستا تۇتۇۋالدى.

سۆھبەت ئۈستىلىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن سالماندا بىر ئاز ئىشەنچ تۇغۇلدى. پادىشاھ مۇنۇنلارنى بىلدۈردى: سەئۇدى ئەرەبىستانى رۇسىيەنى دوستانە دۆلەت دەپ قارايدۇ ھەمدە رۇسىيە بىلەن تىنچلىق ۋە گۈللىنىش ئىشلىرى مۇلازىمىتى جەھەتتە ھەمكارلىشىشنى ئويلايدۇ. مۇھىم يۆنىلىشنىڭ بىرى نېفىت قېزىش. سالمان مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: دۇنيا نېفىت بازىرىنى مۇقىم قىلىمىز دەيدىكەنمىز بىز رۇسىيە بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىشىش ئۈستىدە ئىزدىنىمىز. 
سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋەكىللەر ئۆمىكى نېفىت بازىرىنىڭ ۋەزىيىتى، سۇرىيە مەسىلىسى ۋە ئىراننىڭ قوشنا دۆلەتلەرگە كېڭىيىشى قاتارلىق بىر قانچە مۇھىم قارالمىلار ھەققىدە مەركەزلىك مۇزاكىرە قىلدى. يېقىندا سەئۇدى ئەرەبىستانى پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتىپ، باشار ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇۋېتىشنى سۇرىيەنى سىياسىي ياراشتۇرۇش مۇساپىسىنى باشلاشنىڭ زۆرۈر شەرتى قىلىشتا چىڭ تۇرۇۋالمىدى.

ھازىر رىيادنى تېخىمۇ ئەندىشىگە سالىدىغىنى قاتار بىلەن ئىران. رۇسىيەگە ئىقتىسادى مەبلەغ سېلىش ۋە ھەربىي تېخنىكا ھەمكارلىقى ساھەسىدىكى چوڭ سودىلارنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق ئىران بىلەن ھەمكارلىشىشتىن ۋاز كەچتۈرۈشنى يوققا چىقارمايدۇ.

بۇندىن باشقا گېرمانىيە «ئەينەك» ھەپتىلىك ژۇرنىلى تور بېكىتىنىڭ 5-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھى سالماننىڭ رۇسىيەدىكى تارىخىي خاراكتېرلىك زىيارىتى ئىككى دۆلەتنىڭ كەلگۈسىدە زىچ ھەمكارلىشىشىدىن ئۈمىد بارلىقىنى بىلدۈرىدىكەن. 
رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف: ئىككى دۆلەت بوشلۇق ۋە يادرو ئېنېرگىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن ساھەلەردە ھەمكارلىشىدۇ دېدى. خەۋەر قىلىنىشىچە، ئىككى دۆلەت ئەمەلدارلىرى كېرمېل سارىيىدا كېلىشىم ئىمزالاپ، ئومۇمىي سوممىسى بىر مىليارد ئامېرىكا دوللىرى كېلىدىغان ئورتاق مەبلەغ سېلىش فوندى تەسىس قىلىشنى پىلانلىغان.

كۆزەتكۈچىلەر: بۇ قېتىمقى كۆرۈشۈشنىڭ ئەھمىيىتى ئاساسلىقى سەئۇدى ئەرەبىستانى ئەنئەنە جەھەتتە گەرچە ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلاشسىمۇ، بىراق ھازىر يۆنىلىشىنى رۇسىيەگە ئۆزگەرتكەنلىكىدە دەپ قارىدى. موسكۋانىڭ ئەرەب دۇنياسىدا ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتقان تەسىرى رىيادنى شېرىكلىرىنى ئالماشتۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىشكە مەجبۇرلىماقتا.