UYNTV

ئاممىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ بېيىتىشتىكى ياخشى شۇجىلار

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 11-10-2017 14:13

A-A+

بىز بۈگۈنكى «19-قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى قىياپىتى»ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك خەۋىرىمىزدە ئاممىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، بېيىتىشتىكى ئىككى ئاساسى قاتلام كادىرى بىلەن تونۇشىمىز،بۇنىڭ بىرسى خەينەن ئۆلكىسى تيەنبياۋ كەنت ياچېيكا شۇجىسى ياڭ فېڭجى، يەنە بىرى چۇڭچىڭ چىشېڭ كەنت پارتكوم شۇجىسى شيوڭ شاڭبىڭ.

خەينەن ئۆلكىسى بەيشا لىزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى تيەنبياۋ كەنتى تاغنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان كەنت، 1998-يىلى 36 ياشلىق ياڭ فېڭجى مەزكۇر كەنتنىڭ ياچېيكا شۇجىسى بولىدۇ، سەۋەبى ئۇ بۇ كەنتتىكى تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن بىردىن بىر كىشى ئىدى.

ياڭ فېڭجى: تيەنبياۋ كەنتى بېيىيمەن دەيدىكەن ئۇزاق مۇددەتلىك بىر كەسىپنى بەرپا قىلىشى كېرەك دەپ قارايدۇ، ئۇ قايتا قايتا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئاخىرى نەزىرىنى كاۋچۇك تېرىقچىلىقىغا قارىتىدۇ.

ياڭ فېڭجى كۆپچىلىكنىڭ ئىشەنچىسىنى چىڭىتىش ئۈچۈن باشلامچىلىق بىلەن ئۆز ئۆيىنىڭ 10 مو كاۋچۇكلىقىنى 100 موغا كېڭەيتىدۇ، ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە تيەنبياۋ كەنتنىڭ كاۋچۇك تېرىقچىلىق كۆلىمى 5مىڭ مودىن ئاشىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇ يىلى بازار ئەھۋالى ياخشى بولۇپ، كەنتتىكى بارلىق ئائىلىلەر مول ھوسۇل ئالىدۇ.

بۇ ئىككى يىلدا ياڭ فېڭجى يەنە كەنت ئاھالىلىرىنى باشلاپ كاۋچۇكزارلىقتا توخۇ، ئۆردەك، قوي دېگەندەكلەرنى بېقىپ، ئورمان ئىچى ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، مۇكەممەللەشتۈردى، ئۇنىڭ تۈرتكىسىدە كەنتتىكىلەرنىڭ كىشى بېشى يىللىق كىرىمى 1998-يىلىدىكى 1300نەچچە يۈەندىن كۆپىيىپ، ھازىرقى كۈنگە كەلگەندە 9مىڭ يۈەنگە يېقىنلاشتى.

ئاممىنى يېتەكلەپ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىغان يەنە بىر 19-قۇرۇلتاي ۋەكىلى چۇڭچىڭ شەھىرى كەيجۇ رايونى چىشېڭ كەنت پارتكومىنىڭ شۇجىسى شيوڭ شاڭبىڭ.

شيوڭ شاڭبىڭ يۇرتىنىڭ قىياپىتىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن 2004-يىلى قەيسەرلىك بىلەن نەچچە مىليونلۇق سودىسىنى تاشلاپ يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ، ئىشنى ئالدى بىلەن يول ياساشتىن باشلايدۇ.

يوللار ياسىلىپ بولغاندىن كېيىن ئۇ يەنە مايمۇن شاپتۇلى تېرىشنى پىلانلايدۇ، ئەينى چاغدا كەنت ئاھالىلىرىنىڭ پۇلى بولمىغاچقا ئۇ ئۆزى 300مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سالىدۇ، بۈگۈنكى كۈندە چىشېڭ كەنتىنىڭ مايمۇن شاپتۇللىرىنىڭ مەھسۇلاتى ئاشتى، بازار ئەھۋالىغا قارىغاندا بۇ يىل مايمۇن شاپتۇل مەھسۇلاتى پاي قوشقان ھەر بىر دېھقان ئائىلىسى ئۈچۈن 20 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن، بۇ كەنت يەنە مايمۇن شاپتۇلى ئارقىلىق يېزا كەنت ساياھىتى، ياشانغاندا كۈتۈنۈش ئىستىراھەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كۈنلىرىنى بارغانسېرى ياخشىلىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئولانمىلار

مەكتەپتىن ئىبارەت بۇ پاك تۇپراقنى ياخشى قوغداپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قار..10-10

جۇڭگونىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان ‹‹ھالقىلىق تەدبىرلەر›› ياخشى قوللىنىلدى10-09

تەكشۈرۈشتىن ئىبارەت قورالدىن ياخشى پايدىلىنىپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى..09-29

تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ‹‹بىرىكمە مۇشت››ىنى قەتئىي تەۋرەن..09-29

ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭ..09-28

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ كارخانىچىلارغا ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىش م..09-27

‹‹شى جىنپىڭ ئېيتقان ھېكايىلەر›› ناملىق كىتاب 1 مىليون 500مىڭ پارچىگە يېقىن ت..09-25

لى كېچياڭ دەل جايىدا، بىخەتەر، ئاشكارە كۆچۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بىر ئائىلىنى..09-19

ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، نۆۋەتتىكى مۇقىملىقن..09-08

ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، نۆۋەتتىكى مۇقىملىقن..09-08