UYNTV

ك پ مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 19–قۇرۇلتىيى دوكلاتى توغرىسىدا پىكىر ئالدى

تەھرىر : خەمىت مەسخوت | كېلىش مەنبەسى : شىنجاڭ گېزىتى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 16-10-2017 18:47

A-A+

شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى
 يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن يىغىنغا قاتناشتى
 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10–ئاينىڭ 15 –كۈنى تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى 8–ئاينىڭ 30 – كۈنى جۇڭنەنخەيدە پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 19–قۇرۇلتىيى دوكلاتىنىڭ پىكىر ئېلىش نۇسخىسى توغرىسىدا دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا – سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە پارتىيە – گۇرۇھسىز زاتلارنىڭ پىكىر – تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى نىشان، يېڭى سەپەر ئالدىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلار ھەمكارلىشىش، بىللە ئىشلەشنى كۈچەيتىپ، ئەڭ كەڭ كۆلەملىك ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ھەر قايسى قاتلام، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئەقىل – پاراسىتى ۋە كۈچىنى ئەڭ زور دەرىجىدە مۇجەسسەملەپ، پۈتكۈل جەمئىيەت، پۈتكۈل مىللەتنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشى كېرەك.
 ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن يىغىنغا قاتناشتى.
 سۆھبەت يىغىنىدا، شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىنىڭ پىكىر ئېلىش نۇسخىسىنىڭ شەكىللىنىش جەريانىنى تونۇشتۇردى، ئۇ پارتىيە سىرتىدىكى زاتلارنىڭ كەڭ – كۇشادە پىكىر بايان قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىنىڭ پىكىر ئېلىش نۇسخىسىغا قارىتا پىكىر – تەكلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلدى.
 جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋەن ئېشياڭ، جۇڭگو دېموكراتىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى جاڭ باۋۋېن، جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى چېن چاڭجى، جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى يەن جۈنچى، جۇڭگو دېھقان – ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى چېن جۇ، جۇڭگو ئادالەتچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى جياڭ زوجۈن، ‹‹3 – سېنتەبىر›› ئىلمىي جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى خەن چىدې، تەيۋەن دېموكراتىك ئاپتونومىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى لىن ۋېنيى، مەملىكەتلىك سودا – سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ۋاڭ چىنمىن، پارتىيە – گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىلى گو لېي سۆھبەت يىغىنىدا پىكىر بايان قىلدى. ئۇلار مۇنداق دېيىشتى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ھازىرقى دۇنيا ۋە زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ئىلمىي ئىگىلەپ، غايەت زور سىياسىي جاسارەت ۋە ۋەزىپىلەرنى زىممىسىگە ئېلىش روھى بىلەن بايراقنى كۆتۈرۈپ، يۆنىلىش بەلگىلەپ، پىلان تۈزۈپ، خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، ‹‹بەش بىر گەۋدە›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىدا مۇھىم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا تارىخىي ۋە دەۋر يۈكسەكلىكىدە تۇرۇلۇپ، ج ك پ 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا بارلىققا كەلگەن تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەر، يېڭى تارىخىي شارائىتتا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم نەزەرىيە ۋە ئەمەلىي مەسىلىلەر چوڭقۇر شەرھلىنىپ، بىر قاتار مۇھىم ئىدىيە، مۇھىم نۇقتىئىنەزەر، مۇھىم ھۆكۈم، مۇھىم تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ. يىغىنغا قاتناشقان يولداشلار قۇرۇلما خاراكتېرلىك باج كېمەيتىش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۇھىتىنى سەرخىللاشتۇرۇش، يېزا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىشچان دۆلەت قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىدىغان سىستېمىلىق مۇھىت قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىش، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ئادىل، ھەققانىي قانۇن ئىدارە قىلىدىغان مۇھىت يارىتىش، پارتىيە سىرتىدىكى زىيالىيلار خىزمىتىنى كۈچەيتىش، ھوقۇق يۈرگۈزۈشنى چەكلەش ۋە نازارەت قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش پىلانلاش، ئۆسمۈرلەر، بالىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش، ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشى ۋە گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى بىر تۇتاش پىلانلاش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئاساسىي قاتلامغىچە كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولۇش، پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ تەكلىپ ۋە پىكىر بەردى.

مۇناسىۋەتلىك ئولانمىلار