UYNTV

ئاپتونوم رايونىمىزدىن بارغان پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى كاتتا يىغىنغا كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىق قىلدى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : شىنجاڭ گېزىتى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 17-10-2017 14:54

A-A+

 يۈەن لېي، ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19–قۇرۇلتىيى باشلىنىش ھارپىسىدا ئاپتونوم رايونىمىزدىن بارغان ھەر مىللەت ۋەكىللەر ماتېرىياللارنى ئەستايىدىل تەييارلاپ، ئالاقىدار ھۆججەتلەرنىڭ روھىنى پائال ئۆگىنىپ، تولۇپ تاشقان سىياسىي قىزغىنلىق بىلەن پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنى ياخشى ئېچىشقا كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىق قىلدى.

 10–ئاينىڭ 16–كۈنى ئەتىگەندىلا، بىز ۋەكىل گۈلزىنات توقۇننىڭ ياتىقىغا كەلگىنىمىزدە ئۇ پۈتۈن زېھنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى كۆرۈپ، سۆز ئارگىنالىنى ئەستايىدىل تۈزىتىۋاتقان ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: 10 – ئاينىڭ 15 – كۈنى چۈشتە بېيجىڭغا كەلگەندىن كېيىن، ئىزچىل ماتېرىيال تەييارلاپ، سەھەر سائەت 2دىن ئاشقاندا ئاندىن ئارام ئالدىم. ۋەكىللىك كىنىشكىسىنى تاقاش ئېغىر مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشتىن دېرەك بېرىدۇ، قۇرۇلتاي ئېچىلىشنىڭ ئالدىدىكى قىممەتلىك ۋاقىتتىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئەستايىدىل تەييارلىق قىلىمەن.

 گۈلزىنات توقۇن كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: مائارىپ خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىمغا 13 يىل بولدى، يۇرتۇمنىڭ مائارىپ ئىشلىرىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش بولدى، بالىلارنىڭ كىشىلىك ھاياتىدا ئۆزگىرىش بولۇپلا قالماي، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان ئىشەنچىسىمۇ ئاشتى. مەن كەسپىمنى قىزغىن سۆيىمەن، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا مائارىپقا ئالاقىدار تېخىمۇ كۆپ خۇش خەۋەرلەرنىڭ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

 چۈشتە بىز ۋەكىللەر تۇرۇشلۇق جايدىكى ئاشخانىدا ۋەكىل روشەنگۈل ئابدۇكېرىمنى ئۇچراتتۇق. ئۇ تامىقىنى ئالدىراپ يەپ بولۇپلا، ياتىقىغا قاراپ ماڭغان ئىكەن. ئۇ بىزگە: چۈشتىن كېيىن يىغىن بار، چۈشلۈك ۋاقىتتىن پايدىلانمىساق بولمايدۇ. زىممىمىزدىكى مەسئۇلىيەت ئېغىر، ۋاقىت بەك قىممەتلىك، مىنۇت – سېكۇنتنىمۇ ئىسراپ قىلىشقا بولمايدۇ، دېدى. بىز ئۇنىڭ خاتىرە دەپتىرىنى ۋاراقلاپ كۆردۇق، ئۇنىڭغا نۇرغۇن مەزمۇن خاتىرىلەنگەن بولۇپ، بەزىلىرىنىڭ ئاستىغا سىزىلغان ھەم ئىزاھاتمۇ بېرىلگەن ئىكەن. ئۇ بىزگە مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى تارىخىي كاتتا يىغىننىڭ شاھىتى، ئىشتراكچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، تولۇق تەييارلىق قىلىشىم كېرەك.

 سىرتتا ر ەڭگارەڭ چىراغلار يانغانىدى. ۋەكىللەر تېخى ئارام ئالمىغان بولۇپ، يىغىنغا قاتنىشىشقا تەييارلىق قىلىش بىلەن ئالدىراش ئىدى: بەزىلەر ھۆججەت ئۆگەنسە، بەزىلەر مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى توپلاۋاتاتتى، يەنە بەزىلەر سۆز ئارگىنالىنى يېزىۋاتاتتى... ۋەكىللەر مۇنداق دېدى: پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيى، بولۇپمۇ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى داۋاملىق ياخشىلاپ، ئىقتىسادنى مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى سىجىل ياخشىلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تۈرلۈك ئىشلاردا يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دانا رەھبەرلىكىلا بولىدىكەن، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز تېخىمۇ گۈللەپ قۇدرەت تاپىدۇ، شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ئولانمىلار