UYNTV

ئاپتونوم رايونىمىزدىن پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان ھەر مىللەت ۋەكىللەر 1 مىليون 500 مىڭدىن كۆپرەك پارتىيە ئەزاسى ۋە 23 مىليوندىن كۆپرەك ھەر مىللەت خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى زىممىسىگە ئېلىپ، تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن كاتتا يىغىنغا ئاتلاندى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : شىنجاڭ گېزىتى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 18-10-2017 15:54

A-A+

يۈەن لېي، ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئالتۇن كۈزدە، بېيجىڭنىڭ ھاۋاسى ئىللىق ئىدى. 10–ئاينىڭ 15–كۈنى سائەت 14تىن 05 مىنۇت ئۆتكەندە، ئاپتونوم رايونىمىزدىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 19 – قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 1 مىليون 500 مىڭدىن كۆپرەك پارتىيە ئەزاسى ۋە 23 مىليوندىن كۆپرەك ھەر مىللەت خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى زىممىسىگە ئېلىپ، بېيجىڭغا ئوڭۇشلۇق يېتىپ كەلدى. ۋەكىللەر نەتىجىلەرنى خۇلاسىلەپ، قەلبى ھاياجانغا تولدى؛ كەلگۈسىگە نەزەر سېلىپ، چەكسىز ئىپتىخارلاندى، روھى كۆتۈرۈلۈپ، چەكسىز شەرەپ ھېس قىلىشتى.

 ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ ئايروپىلان كۈتۈش ئۆيىدە، قىزىل رەڭلىك خىزمەت كىيىمى كىيىۋالغان ۋەكىل رۇڭ شۆلىڭ ناھايىتى خۇشال ھالدا: پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغانلىقىمدىن ناھايىتى پەخىرلىنىمەن ھەم مەسئۇلىيىتىمنىڭ ئېغىرلىقىنى ھېس قىلىمەن. مەن قۇرۇلتاي روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ۋەكىللىك مەجبۇرىيىتىمنى ھەقىقىي ياخشى ئادا قىلىپ، زېھنىي كۈچۈمنى مەركەزلەشتۈرۈپ، قۇرۇلتاينىڭ ياخشى ئېچىلىشىغا ھەسسە قوشۇپ، تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى يەردە قويمايمەن، دېدى.

 بۇ خىل خۇشاللىق يۇرتىمىزدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشنىڭ نەتىجىسى ئىدى. ‹‹لەنجۇ – شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىدا قاتناش باشلاندى، شىنجاڭدا تۇنجى مېترو پويىزى ياسالدى...، <بىر بەلباغ، بىر يول> تەشەببۇسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ھاياتىي كۈچ قوشتى›› دېدى ۋەكىل روشەنگۈل توختى پەخىرلىنىپ. ۋەكىل روزىمەمەت باقى مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بەش يىلدا، تەرەققىيات ئىدىيەسىدە يېڭىلىق يارىتىش ماڭا ئوخشاش نېفىت ئىشچىلىرىنىڭ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشى ۋە تەتقىقاتقا قاتنىشىشىنى ياخشى سەھنە بىلەن تەمىنلىدى، بۇ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ شىنجاڭغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى، مەن جەزمەن ئۆگەنگەن بىلىملىرىمدىن تېخىمۇ كۆپ كىشىنى بەھرىمەن قىلىمەن.

 10 مىڭ مېتىر ئېگىز بوشلۇقتىكى ئايروپىلان بۆلمىسىدە كەيپىيات يەنىلا قىزغىن ئىدى، ۋەكىللەر يۇرتىدىكى بەش يىلدىن بۇيانقى غايەت زور ئۆزگىرىشلەردىن ئۆزئارا بەھرىمەن بولۇۋاتاتتى. ‹‹يۇرتداشلار ھازىر كىرىمىمىز كۆپەيدى، مۇھىتىمىز ياخشىلاندى، يىلدا ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرتۈشكە قاتنىشىمىز، ھازىرقى تۇرمۇشىمىز ھەقىقەتەن بەك ياخشى دېيىشىۋاتىدۇ›› دېدى ۋەكىل خەي جۈ كۈلۈپ تۇرۇپ. ۋەكىل ۋاڭ پىڭ ئۇنىڭ گېپىگە ئۇلاپلا: ‹‹ھازىر تاغدىكى چارۋىچىلار ناھىيە بازىرىغا بېرىپ تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى سېتىۋالسا، ئۈندىدارىدا ھەق تاپشۇرىدىكەن، ھەقىقەتەن چوڭ ئۆزگىرىش بوپتۇ›› دېدى.

 ئايروپىلان بېيجىڭ پايتەخت خەلقئارا ئايروپورتىغا يېتىپ كەلدى. پەلەمپەيلىك شوتىدىن چۈشۈۋاتقان ۋەكىل لىدا پېرۋاي كۆتۈرۈۋالغان، پۇختا ئورالغان قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇمى كىشىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتاتتى. ‹‹بۇنى ھەمكارلىق كوپىراتىپىمىزدىكى تۆت كىشى بىر ئايدا پۈتتۈردى، مەن ئۇنى بېيجىڭغا ئېلىپ بېرىپ، كۆڭلىمىزنى ئىپادىلەپ، پارتىيەگە بولغان مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن›› دېدى لىدا پېرۋاي. بۇ بەش يىلدا، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى لىدا پېرۋاينى ئىش ئورنىدىن قالغان ئىشچىدىن بېيىش باشلامچىسىغا ئايلاندۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئاچا – سىڭىللارنى ئۇنىڭ بىلەن بىللە ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈش يولىغا باشلىدى.

 ۋەكىل ليۇ جىخۈەي ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدىن زور ئۈمىد كۈتتى. ئۇ: ‹‹دۆلەتنىڭ مائارىپ، بولۇپمۇ كەسپىي مائارىپ جەھەتتە قانداق يېڭى فاڭجېن، سىياسەتلەرنى يولغا قويىدىغانلىقىغا دىققەت قىلىمەن، بۇ قېتىمقى كاتتا يىغىندىن تېخىمۇ كۆپ خۇش خەۋەر كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن›› دېدى.

 ‹‹بىز جەزمەن يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، <بىرىكمە مۇشت>نى ياخشى ئېتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپىمىزنى قوشىمىز›› دېدى ۋەكىل ئەخمەت مەمەت.

 ۋەكىللەر قۇرۇلتاينىڭ ياخشى ئېچىلىشىغا بالدۇر، تولۇق تەييارلىق قىلىپ، بارلىق پارتىيە ئەزاسى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ ئارزۇسى ۋە مۇھىم تاپشۇرۇقىنى بېيجىڭغا ئېلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ۋەكىل ليۇ خۈيجۈن: ‹‹بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئۇلۇغ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بىزنى يېڭى پارلاق كەلگۈسىگە يېتەكلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز›› دېدى.

مۇناسىۋەتلىك ئولانمىلار