UYNTV

19-قۇرۇلتاي جۇڭگو دائىرىسىدىن ھالقىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يۈكسەك دىققەت ئېتىبارىغا ئېرىشتى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 19-10-2017 17:47

A-A+

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، جۇڭگو يەر شارى ئىقتىسادىنى ئوڭشاش سىستېمىسى ئىسلاھاتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە مۇھىم تۆھپە قوشتى. بارغانسېرى كۆپ جۇڭگو تەشەببۇسى خەلقئارانىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى. بارغانسېرى كۆپ جۇڭگو لايىھەسى خەلقئارا ھەرىكەتكە مۇجەسسەملەندى. جۇڭگو بىلەن دۇنيانىڭ مۇناسىۋىتىدە مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە تارىخىي ئۆزگىرىش بولدى. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ 19-قۇرۇلتىيى جۇڭگو دائىرىسىدىن ھالقىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يۈكسەك دىققەت ئېتىبارىغا ئېرىشتى.

جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19-قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلغانلىقى پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى. ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي ئەربابلىرى، ئالىم-مۇتەخەسسىسلىرى جۇڭگو لايىھەسىنىڭ دۇنياغا يېتەكچىلىك قىلىپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىنى كۈتمەكتە.

رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى يىراق شەرق تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى رۇگانىن مۇنداق دېدى: جۇڭگو باراۋەر بولۇشنى ئىزچىل تەشەببۇس قىلىپ كەلدى ھەمدە جۇڭگولا ئەمەس باشقا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ نۆۋەتتىكى يەر شارىنى تەرتىپكە سېلىش سىېستىمىسىدىن تېگىشلىك ھوقۇق-مەنپەئەتكە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلدى. ھەممىدىن مۇھىم بولغان بىر نۇقتا شۇكى، بۈگۈن جۇڭگو دۇنياغا قوشنىلارنى بېيىتىش، باشقا دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ياردەم بېرىش ئىقتىدارىنى نامايان قىلدى. باشقا دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئېفىيوپىيە زۇڭتۇڭى مۇللاتۇ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئەڭ قارشى ئېلىنغان ئىدىيەسىنىڭ بىرى شۇكى، ئۇ خەلقئارا جەمئىيەتنى سىياسەت سىستېمىسىنىڭ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىگە بىرىكتۈردى، مېنىڭچە بۇ خەلقئارا جەمئىيەتكە نىسبەتەن بىر يېڭى پەلسەپە، خەلقئارا جەمئىيەتنى جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىگە رەھبەرلىك قىلىدىغان جۇڭگو ئەقىل-پاراسىتىنى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

ھەمكارلىشىپ بىرلىكتە غەلىبە قىلىش يادرو قىلىنغان يېڭىچە دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىش، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىنسانلار تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش جەھەتلەردە جۇڭگونىڭ كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى بارغانسېرى كۆپ دۆلەتنىڭ چۈشىنىشى ۋە قوللىشىغا ئېرىشتى، شۇنداقلا تېخىمۇ كەڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىنى نامايان قىلدى.

پېرونىڭ پارلامېنت ئەزاسى ۋە پېرو پارلامېنتى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ رەئىسى روسا بارتېلا مۇنداق دېدى: بىز جۇڭگونىڭ، رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ يەرشارىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدىكى خەلقئارا ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتكەنلىكىنى قارشى ئالىمىز. بۇ شۇنداقلا يەنە پۈتۈن دۇنيا خەلقى ھەقىقىي ئېھتىياجلىق بولغان ئىجابىي كۈچ.

رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى يىراق شەرق تەتقىقاتخانىسىنىڭ باشلىقى رۇگانىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: غەربلىك سودىگەرلەر جۈملىدىن ئامېرىكا، ياپونىيە، كورېيەلىك سودىگەرلەرنىڭ نەچچە مىليارد مەبلىغىنى جۇڭگوغا سېلىشىدىكى سەۋەب ئۇلار جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا ئىشىنىدۇ.

ئېفوپىيە زۇڭتۇڭى مۇللاتۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىز قوش غەلىبە ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىۋاتقان، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەنپەئەت يۈزلىنىشى ئوخشاش بولغان، ئۆزئارا تەڭ نەپ ئالىدىغان مەزگىلدە، بارلىق دۆلەتلەر مۇشۇنداق ھەمكارلىقنى داۋاملاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەملىكەتلىك 19-قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىشى ۋە جۇڭگونىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، خەلقئارا جەمئىيەت جۇڭگودىن كەلگەن ساداغا بەكرەك دىققەت قىلىدۇ، جۇڭگونىڭ تېخىمۇ كۆپ تەرەققىياتىنىڭ دۇنياغا ئېلىپ كەلگەن تەسىرىنى تېخىمۇ ھېس قىلىدۇ.

ھىندىستان كۆزەتكۈچىلەر تەتقىقات فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى كۇلكارنى مۇنداق دېدى: مېنىڭچە بۈگۈن رەئىس شى جىنپىڭ دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم رەھبەرلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى، ئۇنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە جۇڭگو «ئىقتىسادىي چوڭ دۆلەت» بولۇپ قەد كۆتۈردى، بۇنىڭدىن باشقا يەنە دۇنيادىكى مەسئۇلىيەتچان چوڭ بىر دۆلەتكە ئايلاندى، جۇڭگو ئوخشاش بولمىغان دۆلەت، قىتئە ۋە مەدەنىيەتنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇپ، تىنچلىق ۋە تەرەققىيات كۆۋرۈكىگە ئايلاندى، شۇڭا مېنىڭچە 19-قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىشى جۇڭگوغىلا ئەمەس دۇنياغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ھەمكارلىقى بويىچە ئالاھىدە ئەلچىسى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ھەمكارلىقى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى كېدىكا مۇنداق دېدى: مەن 19-قۇرۇلتايغا ئەڭ گۈزەل تىلەكلەرنى تىلەيمەن، بىز بۇ يىغىندا رەئىس شى جىنپىڭ ئىلگىرىكى بىرقانچە يىلدا بېكىتكەن سىياسەتلەرنىڭ جەزمىلەشتۈرۈلۈپ ۋە داۋاملاشتۇرۇلۇپ، يەر شارىنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇشنى كۈتمەكتىمىز، بىزنىڭ بۇنىڭغا ئىشەنچىمىز كامىل، بىز جۇڭگونىڭ ئۈلگە بولۇشىنى، پۈتۈن دۇنياغا ھەمكارلىق ئېلىپ كېلىشىنى كۈتمەكتىمىز.

مۇناسىۋەتلىك ئولانمىلار

«جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن بەش يىل» چوڭ تىپتىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسى:..10-18

پارتىيەنىڭ مەملىكەتلىك 19–قېتىملىق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈ..10-18

پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئومۇمىي يىغىن ئۆت..10-18

19–قۇرۇلتاينىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى10-18

پارتىيەنىڭ مەملىكەتلىك 19–قېتىملىق قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتى دائىمىي ھەيئىتى..10-18

19–قۇرۇلتاينىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى10-18

مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، يېڭى نەتىجىلىرىمىز بىلەن پارت..10-18

پارتىيە 19–قۇرۇلتىيى تەييارلىق يىغىنى ۋە ھەيئەت رىياسىتىنىڭ 1–قېتىملىق يىغىن..10-18

ئاپتونوم رايونىمىزدىن پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان ھەر مىللەت ۋەكىللە..10-18

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش گۇرۇھى شىركىتى بىلەن ..10-17

19-قۇرۇلتاي جۇڭگو دائىرىسىدىن ھالقىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يۈكسەك دىققەت ئېت..10-19