UYNTV

مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى قاتارلىق تارماقلار 19-قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىن دولقۇنى قوزغىدى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 30-10-2017 16:58

A-A+

يېقىندا پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى بېيجىڭدا غەلىبىلىك يېپىلدى، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەتلىك ئاخبارات، نەشرىيات رادىيو كىنو تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى، دۆلەتلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش باش ئىدارىسى، تاموژنا باش مەھكىمىسى قاتارلىق تارماقلار يېقىندا پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ئەقىل پاراسىتى ۋە كۈچىنى پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مۇجەسسەملەشنى تەلەپ قىلدى.

مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ھەققىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشىدا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئاياللار بىرلەشمىسىدىكى كادىرلار پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى دوكلاتى، پارتىيە نىزامنامىسى تۈزىتىلمىسى قاتارلىق ھۆججەتلەرنى تولۇق ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، مۇھاكىمە قىلىشى، بارلىق ئاياللارغا پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھىنى ياخشى تەشۋىق قىلىپ، تور بېكىتى ۋە يېڭى تاراتقۇ سەھنىسى،ئۈندىدار، شەھەر يېزا مەھەللىرىدىكى ئاياللار ئائىلىسى شۇنداقلا ئاساسى قاتلامدىكى نەچچە مىليون ئاياللار بىرلەشمىسى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئاياللار ياقتۇرىدىغان تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى تەڭ قەدەمدە قانات يايدۇرۇپ، بارلىق ئاياللارنى بايراقنى قەتئىي ئېگىز كۆتۈرۈپ، يادروغا ئەگىشىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش ئېتىقادى ۋە ئىشەنچىسىنى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەش كېرەك.

19-قۇرۇلتاي دوكلاتىدا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش ـ- پارتىيەنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشىدىكى تۈپ ئۇسۇلى، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش ــ جۇڭگوچە سوتسيالىزمنىڭ تۈپ ماھىيىتى. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇرغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق خوجا بولۇش، دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشتە باشتىن ئاخىرى چىڭ تۇرۇپ، ئەدلىيەنىڭ فۇنكسىيەسىنى ھەقىقىي يۈرگۈزۈپ، جەمئىيەت ئومۇملۇقى ۋە مۇقىملىقىنى ھەقىقىي قوغداپ، جەمئىيەتتە ھەققانىيلىق ۋە ئادىللىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ھەرقايسى تارماقلار شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قوشۇننى قوراللاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇشنى تەكىتلىدى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى ساۋ جيەنمىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تۈرلۈك تەپتىش خىزمىتىنى دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش ئەمەلىيىتىگە چىڭ سىڭدۈرۈش، جۈملىدىن قانۇن تۇرغۇزۇش، قانۇننى ئىجارە قىلىش، ئەدلىيە يۈرگۈزۈش، قانۇنغا ئەمەل قىلىش قاتارلىق ھەرقايسى ھالقىلارغا سىڭدۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ قانۇنچىلىق سىستېمىسى بەرپا قىلىش، سوتسىيالىستىك قانۇنچىل دۆلەت قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

دۆلەتلىك ئاخبارات نەشرىيات، رادىيو كىنو تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: تېخىمۇ چوڭقۇر، سالمىقى ۋە قىممىتى بار نوپۇزلۇق خەۋەرلەرنى بېرىپ، تېخىمۇ جانلىق تېما ۋە مەخسۇس سەھىپىلەرنى ئېچىپ، 19-قۇرۇلتاي روھى سىڭگەن ۋە ئىپادىلەنگەن، ئامما ياقتۇرىدىغان نەشرىيات ۋە كىنو تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرىنى چىقىرىپ، 19-قۇرۇلتاي روھىنى ھەقىقىي، ئېنىق، چۈشىنىشلىك، تولۇق سۆزلەپ، پۇقرالارغا چۈشەندۈرۈش، ئۆزلەشتۈرۈش ۋە ئۇلار ئارىسىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان: يەر ھۆددىگەرلىك مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش شۇنداقلا ئۇزاق مۇددەت ئۆزگەرتمەسلىك، ئىككىنچى نۆۋەتلىك يەر ھۆددىگەرلىك مۇددىتىنى يەنە 30 يىل ئۇزارتىش تەلىپىگە قارىتا يېزا ئىگىلىك تارماقلىرىدىن 2018-يىلى يېزىلاردىكى ھۆددە يەرلەرنىڭ ھوقۇقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تىزىملاپ، كىنىشكا تارقىتىش ۋەزىپىسىنى يۇقىرى سۈپەتتە تاماملاپ، ئىسلاھاتتىن تولۇق ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

قاتناش تىرانسپورت مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ۋۇ چۈنگېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: قاتناشتا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ زور تەدبىرنى تەتقىق قىلىش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ــ قاتناش تىرانسپورت كەسپىدە 19-قۇرۇلتاي روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى ئەڭ مۇھىم خىزمەت، بىز تىرىشىپ، 2035-يىلىغا بارغاندا زامانىۋىلاشقان قاتناشتا كۈچلۈك دۆلەتلەر قاتارىغا كىرىش، مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى زامانىۋىلاشقان قاتناشتا كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ ئالدىنقى قاتارىغا ئومۇميۈزلۈك ئۆتۈشنى دەسلەپكى نىشان قىلدۇق.

مۇناسىۋەتلىك ئولانمىلار