UYNTV

كېننىدىنىڭ قەستكە ئۇچراش دېلوسى توغرىسىدىكى 2800 پارچە ئارخىپ ئېلان قىلىندى، ئەمما ھەقىقىي ئەھۋال يەنىلا مۇنازىرىدە قالدى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 30-10-2017 16:54

A-A+

ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى جون فىتزگېرالد كېننىدىنىڭ قەستكە ئۇچراش دېلوسى توغرىسىدىكى ھۆكۈمەت تەكشۈرۈشى ئاللىقاچان ئاياغلاشقان، كۆپ سانلىق ئامېرىكا ئاممىسى ھەرخىل سۇيىقەست سەپسەتىلىرىگە ئىشىنىدۇ، قاتمۇ-قات گۇمان بار، دەپ قارايدۇ. 26-ئۆكتەبىر قەستكە ئۇچراش دېلوسىغا ئالاقىدار 3100 ئارخىپنىڭ ئاشكارىلاش مۇددىتى توشتى، ئامېرىكا دۆلەتلىك ئارخىپخانىسى شۇ كۈنى كەچتە ئۇنىڭ 2800ىنى ئاشكارىلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، زۇڭتۇڭ دونالد تىرامپ «دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن» دېگەن باھانە بىلەن، قالغانلىرىنى ئاشكارىلىماسلىقنى قارار قىلدى.

ئارخىپ ئاشكارىلانغان بولسىمۇ، ئامېرىكا ئاممىسى كېننىدى قەستكە ئۇچراش دېلوسىنىڭ «ھەقىقىي ئەھۋالى»غا يەنىلا قىزىقىدۇ.

جون فىتزگېرالد كېننىدى 1963-يىلى 22-نويابىر تېكساس ئىشتاتىنىڭ داللاس شەھىرىدە قەستكە ئۇچرىغان. ھۆكۈمەت تەكشۈرۈپ قاتىل دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسمىدىن چېكىنگەن لى خارۋېي ئوسۋالد بىرلا كىشى، دەپ جاكارلىدى. ئەمما نۇرغۇن ئامېرىكىلىقلار بۇنىڭدا باشقا سىر بار، دەپ قارايدۇ. ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى، داللاستىكى مۇتەسسىپ كۈچلەر، شۇ چاغدىكى مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ لىندون باينىس جونسون، كۇبادىكى سەرگەردان زاتلار، قارا قوللار پارتىيەسى قاتارلىقلارغا ئالاقىدار «سۇيىقەست سەپسەتىلىرى»نىڭ ھەرخىل نۇسخىلىرى بار، ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتىدۇ.

بۇ قېتىم ئاشكارىلىغان 2800 ئارخىپتا ئەينى يىلى قوشما ئىشتاتلىق تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ دۇنيا مىقياسىدا كىچىككىنە بولسىمۇ ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن يىپ ئۇچى ئىزدىگەنلىكى، كۇبا ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇش پىلانىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كېننىدى ھۆكۈمىتىگە چېتىشلىق نۇرغۇن مەخپىي ھەرىكەتلەر تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.

ئاشكارىلانغان ئارخىپلاردا 1962-يىلى 14-سېنتەبىر زۇڭتۇڭ جون فىتزگېرالد كېننىدى، ئىنىسى، ئەينى چاغدىكى ئەدلىيە مىنىستىرى روبېرت فىرانسىس كېننىدى ۋە ئاقساراينىڭ بىر توپ ئالىي مەسلىھەتچىلىرى قاتناشقان يېپىق يىغىن خاتىرىلەنگەن. يىغىن ئارىلىقىدا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ كانادادىن كۇباغا توشۇلىدىغان بىر تۈركۈم ئايروپىلان زاپچاسلىرىنى بۇزۇۋېتىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقى مۇزاكىرە قىلىنغان. شۇ چاغدا كېننىدىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىشلىرى ياردەمچىسى ماكجورج باندى بۇنداق ئىشتا قايتا-قايتا ئويلىشىش كېرەكلىكىنى ئېيتقان.

ئەمما ئامېرىكا تاراتقۇلىرى ئاشكارىلانغان ئارخىپلاردىن ئەسقاتقۇدەك ئۇچۇرلارنىڭ چىقىشىغا ئۈمىد باغلىمىدى.

20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرى بىر مۇستەقىل تەكشۈرۈش كومىتېتىنى باشلاپ، قەستلەشكە ئالاقىدار ئارخىپلارنى قايتا تەكشۈرگەن سوتچى جون تېنھېم ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا: ئېلان قىلىنمىغان ئارخىپلار ئاساسلىقى تەكشۈرۈش كومىتېتى ئەينى يىلى «قەستلەش دېلوسى بىلەن ئالاقىسى يوق دەپ قاراپ» ئىشلىتىلمىگەن مەزمۇنلار، دېدى. ئەمما ئۇ يەنە: 20 يىل بۇرۇن مۇھىم ئەمەس دەپ قارالغان يىپ ئۇچىنى ھازىر باشقىچە چۈشەندۈرگىلى بولۇشى مۇمكىن، دېدى.

تارىخشۇناسلار ئاشكارىلانغان ئارخىپلارنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيان كەڭ تارقىلىپ يۈرگەن «سۇيىقەست سەپسەتىلىرى»نى جىمىقتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلدى. ئەمما ئاقساراينىڭ ئاز بىر قىسمىنى ئاشكارىلىمىغانلىقى ئۇلارنى ئۈمىدسىزلەندۈردى. بىر قىسىم ئالىملار: ئەينى يىلى ھۆكۈمەت بېكىتكەن قاتىل لى خارۋېي ئوسۋالد قەستلەش ۋەقەسىدىن بۇرۇن مېكسىكىنىڭ پايتەختى مېكسىكا شەھىرىدە ئالتە كۈن تۇرغان، گۇۋاھلىق سۆزىدە ئۇ شۇ جايدىكى كۇبا ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى باش ئەلچىخانىلىرىغا ۋىزا ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن تۇرغان، دېيىلگەن، ئەمما كونكرېت تەپسىلاتى ئېنىق ئېيتىلمىغان. ئارخىپ بۇ سىرلىق سەپەرنىڭ ھەقىقىي مەقسىتىنى ئېچىپ بېرەلىشى مۇمكىن، دېدى.

تىرامپ بىر ئەسلەتمىدە بەزى ئارخىپلارنى ئاشكارىلىمىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: مېنىڭ باشقا تاللىشىم يوق، بارلىق ئارخىپلارنى ھازىر ئاشكارىلاش دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە قايتۇرۇۋالغۇسىز زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن.

تىرامپ ۋاقتىنچە پېچەتلەنگەن بىرقانچە يۈز ئارخىپقا ئالتە ئايلىق تەكشۈرۈش مۇددىتى بېكىتتى. ئۇ ئالاقىدار ئاخبارات تارماقلىرىغا ئاز ساندىكىلىرىدىن باشقا ئارخىپلارنى ئىمكانقەدەر ئاشكارىلاش بېسىمى چۈشۈرىدۇ.

ئاقساراي ئەمەلدارلىرى بىر قىسىم ئارخىپلارنى ئاشكارىلىمىغانلىق مەسئۇلىيىتىنى قوشما ئىشتاتلىق تەكشۈرۈش ئىدارىسى بىلەن مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىغا دۆڭگەپ قويۇپ، بۇ ئىككى خەۋپسىزلىك ئورگىنى قىسمەن ئارخىپلارنى داۋاملىق مەخپىي ساقلاشتا چىڭ تۇرۇۋالدى، دېدى.

ھازىر تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئامالسىز قېلىشىغا ئەينى يىلىدىكى جۇمھۇرىيەتچى زۇڭتۇڭ گېئورگى خېربېرت ۋولكىر بوش، يەنى چوڭ بۇشنىڭ سۆزلىرى سەۋەبچى بولدى.

1992-يىلى 26-ئۆكتەبىر، ئەينى چاغدىكى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى چوڭ بوش قانۇن لايىھەسىگە ئىمزا قويۇپ، كېننىدىنىڭ قەستكە ئۇچراش دېلوسىغا ئالاقىدار بارلىق ئالاقىدار ھۆكۈمەت ئارخىپلىرىنى 25 يىلدىن كېيىن ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلغان. ئەمما بۇ قانۇندا يەنە: زۇڭتۇڭ بۇنداق قىلىش ئاخبارات، قانۇن ئىجرا قىلىش، دۆلەت مۇداپىئەسى ياكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت خەۋپسىزلىكىگە زىيان يەتكۈزىدۇ، دەپ قارالسا، ئېلان قىلىنمىسىمۇ بولىدۇ، دەپ كېيىنكى زۇڭتۇڭلارغا يوچۇق قالدۇرۇپ قويۇلغان. شۇڭا تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قىسمىنى ئاشكارىلىماسلىقىنىڭ قانۇنىي ئاساسى بار.

چوڭ بۇشنىڭ ئەينى چاغدىكى قارارىمۇ يەنە بىر خىل ئامالسىزلىقتىن بولغان، چۈنكى ئامېرىكىلىق رېژىسسور ئولىۋېر سىتون 1991-يىلى كېننىدىنىڭ قەستكە ئۇچراش دېلوسىغا ئالاقىدار «سۇيىقەست سەپسەتىلىرى» توغرىسىدا «جون فىتزگېرالد كېننىدى» ناملىق فىلىم ئىشلەپ، بىر مەھەل زىلزىلە قوزغاپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن ئارخىپلارنى ئاشكارىلاپ، كۆپ يىللاردىن بۇيان كىشىلەر ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن گەپلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.

ئۇنىڭدىن بۇرۇن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 30 مىڭ پارچە ئالاقىدار ئارخىپنى ئاشكارىلىغان، مەزمۇنلىرى بەلگىلىك دەرىجىدە قىسقارتىلغان، ئەمما ھەرخىل «سۇيىقەست سەپسەتىلىرى»نى يوق قىلالمىغان. بۇ قېتىم كىشىلەر «ئاشكارىلاشقا بولمايدۇ» دېگەن قىسمىغا تېخىمۇ بەكرەك كۆڭۈل بۆلدى.

بوستون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭلىرى تارىخىنى تەتقىق قىلىدىغان ئالىمى پاترىك مېنى مۇنداق دېدى: «ھۆكۈمەت شۇ بىرقىسىم ئارخىپلارنى ئاشكارىلىمىسىلا كىشىلەرنىڭ گۇمانى تېخىمۇ كۈچىيىپ، كېننىدىنىڭ قەستكە ئۇچرىشىدا بىر سىر بار، دەپ قارايدۇ».

مۇناسىۋەتلىك ئولانمىلار