UYNTV

جۇڭگو، لائوس، بېرما، تايلاندنىڭ 63- قېتىم مىكۇن دەرياسىدا بىرلىكتە چارلاش قانۇننى ئىجرا قىلىش ھەرىكىتى تولۇق ئاخىرلاشتى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 30-10-2017 17:05

A-A+

قانۇننى ئىجرا قىلغۇچى تۆت پاراخوتنىڭ جۇڭگونىڭ گۇانلى پورتىدا ئاستا ئاستا توختىتىشىغا ئەگىشىپ، جۇڭگو، لائوس، بېرما، تايلاندنىڭ 63- قېتىم مىكون دەرياسىدا بىرلىكتە چارلاش قانۇننى ئىجرا قىلىش ھەرىكىتى تولۇق ئاخىرلاشتى.

بۇ قېتىمقى بىرلەشمە ھەرىكەت 26- ئۆكتەبىر جۇڭگونىڭ گۇانلى پورتىدا باشلانغان بولۇپ ئۇچ كېچە تۆت كۈندۈز داۋاملاشتى. جۇڭگو، لائوس، بېرما، تايلانددىن ئىبارەت تۆت تەرەپ جەمئىي قانۇننى ئىجرا قىلغۇچى يەتتە پاراخوت ، قانۇننى ئىجرا قىلغۇچى 163 خادىمنى ئاجراتتى، ئومۇمي مۇساپە جەمئىي 512 كىلومېتىرغا يەتتى.