UYNTV

سەئۇدى ئەرەبىستانى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ دۆلەت بىرلەشمە ئارمىيەسى يەمەندىكى ھەرىكىتىنى ماسلاشتۇردى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 30-10-2017 17:04

A-A+

سەئۇدى ئەرەبىستانى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ دۆلەت بىرلەشمە ئارمىيەسى 29- ئۆكتەبىر سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ پايتەختى رىيادتا كۆپ دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى ۋە باش ئىشتاب باشلىقلىرىنىڭ بىرلەشمە يىغىنىنى ئىچىپ، يەمەندىكى ھەربىي ئىشلار، دىپلوماتىيە ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ھەرىكىتىنى ماسلاشتۇردى.

سەئۇد ئەرەبىستانىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى جۇبەر يىغىندا ئىراننىڭ يەمەندىكى قۇسەي قوراللىق كۈچلىرىنى قۇرال ۋە مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق ۋاسىتىلارنى قوللىنىش ئارقىلىق يەمەننىڭ تىنچلىق مۇساپىسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىراننىڭ بۇ ھەرىكىتى يەمەن ھۆكۈمىتى بىلەن قوسەي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ كۆپ قېتىملىق تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ مەغلۇبىيىتىگە سەۋەبچى بولۇپ، يەمەن مەسىلىسىنى تىنچلىق ئۇسۇلى بىلەن ھەل قىلىشىدىكى تۈرلۈك تىرىشچانلىقلارنى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراتتى.