UYNTV

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قەتئىي قوغداش كېرەك

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : شىنجاڭ گېزىتى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 01-11-2017 16:34

A-A+

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە 19–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1–ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قەتئىي قوغداش كېرەك

  يېڭى دەۋردىكى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى تىرىشىپ يارىتىش كېرەك

   چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  مۇخبىرىمىز ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 10 – ئاينىڭ 31 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1 – ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1 – ئومۇمىي يىغىنىدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپى سايلاپ چىقىلدى، يولداش شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىلىقىغا، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسلىكىگە يەنە بىر قېتىم سايلاندى، بۇ تارىخنىڭ تاللىشى، خەلقنىڭ تاللىشى، دەۋرنىڭ تاللىشى، پارتىيەنىڭ بەختى، دۆلەتنىڭ بەختى، مىللەتنىڭ بەختى، بۇ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسىنى تولۇق نامايان قىلدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جەزمەن پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرەلەيدۇ.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1 – ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا بېكىتلىگەن نىشان – ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش زىچ چۆرىدىلىپ، ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى خىزمەتلەر ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلدى، يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىشى توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشىدا زور يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە بارلىق پارتىيەلىك كادىرلار پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1 – ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىتتىپاق – ئىناق، باي، گۈللەنگەن، مەدەنىي، تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىشى كېرەك.

  بىرىنچىدىن، ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغداش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ پۈتۈن پارتىيە ھىمايە قىلىدىغان، خەلق قەدىرلەيدىغان، پارتىيەنىڭ داھىي بولۇشقا مۇناسىپ داھىيسى، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭدىن ئىبارەت بۇ يادرونى قوغداشنى ئەڭ چوڭ سىياسىي، ئەڭ مۇھىم سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدە دەپ قاراپ، قەتئىي ھالدا ئىدىيە جەھەتتە يادرونى تونۇپ، سىياسىي جەھەتتە يادرونى قوغداپ، تەشكىلىي جەھەتتە يادروغا بويسۇنۇپ، ھەرىكەت جەھەتتە يادروغا يېقىندىن ئەگىشىپ، يادرونى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، يادروغا ھۆرمەت قىلىپ، يادروغا مۇتلەق سادىق بولۇش، شىنجاڭ پايتەخت بېيجىڭدىن يىراقتا بولسىمۇ، بىراق ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، بارلىق پارتىيە ئەزالىرى ۋە ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ قەلبى باشتىن – ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن زىچ باغلىنىشى، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداش كېرەك.

  ئىككىنچىدىن، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىگىلەش، ئايدىڭلاشتۇرۇش، ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتى ۋە پارتىيە نىزامنامىسىنى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1 – ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆگىنىش، ئىگىلەش، ئايدىڭلاشتۇرۇش، ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، كۈچنى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداشقا ھەقىقىي مۇجەسسەملەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك.

  ئۈچىنچىدىن، چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆگەنگەننى تىرىشىپ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، كاللىنى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسى بىلەن قوراللاندۇرۇش كېرەك. ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇش، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىش، پىرىنسىپىنى ئۆزلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنىڭ دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشى، تارىخىي ئورنى، ئىلمىي سىستېمىسى، روھىي ماھىيىتى، ئەمەلىيەت تەلىپى ۋە ئۇنىڭغا يۇغۇرۇلغان مۇستەھكەم ئېتىقاد، ئىشەنچ، خەلقنى ئاساس قىلىشتەك روشەن مەيدان، كۈچلۈك تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىق، راستچىل – ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىستىلى، دادىل يېڭىلىق يارىتىش روھى ۋە ئىلمىي مېتودولوگىيەنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي ئۆگىنىپ، ھەقىقىي بىلىپ، ھەقىقىي ئىشىنىپ، ھەقىقىي ئىشلىتىپ، ئېتىقاد ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، روھىي جەھەتتىن ‹‹كالتسىي›› تولۇقلاپ، ئىدىيەۋى يۆنىلىشنى چىڭ ئىگىلەش كېرەك.

  تۆتىنچىدىن، ئىستىلنى ھەقىقىي ئۆزگەرتىپ، يېڭى دەۋردە تىرىشىپ يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىش كېرەك. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، ئىستىلنى قەتئىي بوشاشماي ياخشىلاپ ۋە ئۆزگەرتىپ، پارتىيە بىلەن خەلقنىڭ قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى باشتىن – ئاخىر ساقلاش كېرەك؛ دادىل، مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، ئىقتىدار ۋە قابىلىيەتنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، خەتەرگە دادىل تەۋەككۈل قىلىپ، ئىشلەشنى ئويلاپ، ھەقىقىي ئىشلەپ، ئىش قىلىشنى بىلىپ، ئىشتىن نەتىجە يارىتىش كېرەك؛ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىستىلىنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامغا، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئەمەلىي ئەھۋالنى، بىرىنچى قول ماتېرىيالنى ئىگىلەپ، زىددىيەت، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  بەشىنچىدىن، زىچ بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى يارىتىش كېرەك. ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلارغا ئاساسەن، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئۆز رايونى، ئۆز تارمىقىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، نىشان – ۋەزىپىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، خىزمەت تەدبىرلىرىنى تەپسىلىيلەشتۈرۈپ، ۋەزىپە جەدۋىلى، ۋاقىت جەدۋىلى، لىنىيە خەرىتىسى تۈزۈپ، ‹‹مىخ قېقىش روھى›› ئارقىلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن نىشان – ۋەزىپە ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئوڭۇشلۇق ئورۇنداشقا كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ شىنجاڭدا ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يىغىندا يەنە ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى پۇرسەت، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ دەپ بىلىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسىنى قەرەلىدە تاماملاشنىڭ مۇھىملىقى، مۈشكۈللۈكى، تەخىرسىزلىكىنى تولۇق تونۇپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئاساسىي تەدبىرىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەدە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش، ئاساسىي سان تېخىمۇ ئېنىق بولۇش، باشقۇرۇش تېخىمۇ ئىلمىي بولۇش، تەدبىر تېخىمۇ دەل جايىدا بولۇش، يول تېخىمۇ كەڭرى بولۇش، ئىستىل تېخىمۇ پۇختا بولۇش، سىياسەت تېخىمۇ مۇكەممەل بولۇش، مەبلەغ تېخىمۇ بىخەتەر بولۇش، مەسئۇلىيەت تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچى بىلەن بۇرچنى زىممىگە ئېلىپ، توختىماي ئالغا باسىدىغان ئىشەنچ، جاسارەت، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، ئىستىھكامنى ئىگىلەشتەك قاتتىق، ئەمەلىي تەدبىر ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە قەتئىي قەرەلىدە غەلىبە قىلىش كېرەك.

  يىغىندا يەنە ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى نىشانلىق باھالاش، تەكشۈرۈش چارىسى›› قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.

  شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، شاۋكەت ئىمىن، شۈ خەيرۇڭ، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، لو دۇڭچۈەن، سارقىت ئاقان، پېڭ جيارۈي يىغىنغا قاتناشتى.

مۇناسىۋەتلىك ئولانمىلار