UYNTV

جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى يارىتايلى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : شىنجاڭ گېزىتى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 01-11-2017 16:42

A-A+

 ئاپتونوم رايونلۇق 9–نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 4–ئومۇمىي يىغىنىدىن خاتىرە

  مۇخبىرلىرىمىز يۈەن لېي،لى ياڭ، ياۋ تۇڭ

  ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4 – ئومۇمىي يىغىنى 10 – ئاينىڭ 30 – كۈنى ئېچىلدى. يىغىندا پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى ۋە ئۆگىنىلدى، ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 4 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش توغرىسىدىكى قارارى›› قاراپ چىقىلىپ ماقۇللىنىپ، يىغىن قاتناشچىلىرىنى چوڭقۇر ئىلھاملاندۇردى. كۆپچىلىك يېڭى دەۋر، يېڭى ئىدىيە، يېڭى زىددىيەت، يېڭى بۇرچ، يېڭى نىشان قاتارلىقلارغا نىسبەتەن تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇشقا ئىگە بولدى. ئۇلار بەس – بەستە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسى بىلەن كاللىمىزنى قوراللاندۇرۇپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىزچىللاشتۇرىمىز، دېيىشتى.

  بۇرچ چاقىرماقتا، ئورتاق تونۇش مۇجەسسەملەنمەكتە. كۆپچىلىك روھنى ئۇرغۇتۇپ، ئىدىيەسىنى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، كۈچنى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئاساسىدا مۇجەسسەملەپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، يېڭى دەۋردە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى يارىتىشقا بەل باغلىدى.

  يېڭى ئىدىيەنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، چوڭقۇر چۈشىنىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭى نەتىجە يارىتىمىز

  يىغىن قاتناشچىلىرى يىغىندا زېھنىي كۈچىنى قۇرۇلتاي روھىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىر تەرەپتىن تەپسىلىي ئاڭلاپ، بىر تەرەپتىن ئەستايىدىل خاتىرە قالدۇردى. يىغىن قاتناشچىلىرى يىغىن مەيدانىدىن چىققاندىن كېيىن تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن، بەختىيار، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش ئارزۇسى ۋە ئىرادىسىنى بىلدۈردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى دولقۇن توختى مۇنداق دېدى: 19 – قۇرۇلتاي دوكلاتى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغانلىقى توغرىسىدىكى سىياسىي خىتابنامە ۋە ھەرىكەت پىروگراممىسى. بىز يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى يەنىمۇ ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ سىلىق، مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ باشلىقى گاۋ جيەنلۇڭ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى روھىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى ۋە جەۋھىرىنى ئىگىلەش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئۇنى پۇختا ئۆگىنىپ، خەتمۇخەت، جۈملىمۇجۈملە چۈشىنىپ ئۆزلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ھەقىقىي ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرگەندىلا، ئاندىن ئىدىيەنى قوراللاندۇرۇپ، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردە يېڭى مۇساپىنى باشلاپ، داۋاملىق يېڭى سەھىپە ياراتقىلى بولىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىسلاھات ئىشخانىسىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرى ليۇ جيەنشىن مۇنداق دېدى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ئۆزلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي ئۆگىنىپ، ھەقىقىي چۈشەنگەندىن كېيىن، ھەقىقىي ئىشىنىش، ھەقىقىي ئىشلىتىش، چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنى چوڭقۇر تونۇش شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. باش نىشان ئېڭىنى قەتئىي پۇختا تۇرغۇزۇپ، باش نىشاننى كۆڭلىمىزگە پۈكۈپ، باش نىشاننى زىممىمىزگە ئېلىپ، باش نىشاننى چىڭ تۇتۇپ، دىققەتنى ھەر ۋاقىت باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش نىشان ئارقىلىق ئىدىيە، تونۇش، قەدەم ۋە ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇشقا قەتئىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

  پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشنى چىڭىتىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، داۋاملىق ئىلگىرىلەيمىز

  19 – قۇرۇلتاي دوكلاتىدا ‹‹قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى ۋە رەھبەرلىك سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش›› ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى بۇرغىسى چېلىندى. يېڭى دەۋردە پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى تەلىپىنى قانداق قىلىپ پۇختا ئىگىلەپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىنى تېخىمۇ قەتئىي، تېخىمۇ ئاڭلىق، تېخىمۇ كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈش يىغىن قاتناشچىلىرىنى چوڭقۇر ئويغا سالدى.

  شىنجاڭ ئېرتىش دەرياسى قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى شى چۈەن مۇنداق دېدى: پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، بىزدە ئەمدى يېتەرلىك بولدى، ئازراق بولسىمۇ ئارام ئېلىۋالايلى، بىر قېتىملىق جەڭنى ياخشى قىلىش بىلەنلا مەڭگۈلۈك راھەت – پاراغەتكە ئېرىشىمىز، دەسلەپكى ئۈنۈمنى كۆرۈپلا تىرىشمىساقمۇ بولىدۇ، دەيدىغان ئىدىيە بولسا بولمايدۇ. بىز 19 – قۇرۇلتاي روھىنى يېتەكچى قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، كوممۇنىستلارنىڭ سىياسىي خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلاپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، داۋاملىق تىرىشىپ ئىلگىرىلەپ، پارتىيەنى تېخىمۇ قەيسەر، قۇدرەتلىك قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، نازىر، ئېچىۋېتىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى رۇڭ جۈن مۇنداق قارىدى: شىنجاڭ گەرچە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئالدىنقى سەپ بازىسى ۋە ئاساسىي جەڭگاھى بولۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ۋەزىپىسى ئېغىر بولسىمۇ، لېكىن پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى مەسىلىسىدە ھېچقانداق ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئىگە ئەمەس. پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چەكلەنگەن رايون بولماسلىق، ئومۇميۈزلۈك قاپلاش، قەتئىي يول قويماسلىق، چەكلەشكە ئەھمىيەت بېرىش، يۇقىرى بېسىمنى كۈچەيتىش، ئۇزاققىچە ھەيۋە كۆرسىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

  بازغانچىنىڭ بېلى چىڭ بولۇشى كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرى، شىنجاڭ مەمۇرىيەت ئىنستىتۇتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرى ليۇ چۈەنشەن مۇنداق دېدى: يېڭى دەۋرگە قەدەم قويۇپ، يېڭى زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىپ، يېڭى بۇرچنى ئورۇنداشتا پارتىيە ئۆزىنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، پارتىيەنى تېخىمۇ قەيسەر، قۇدرەتلىك قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئاچقۇچ. پارتىيە مەكتىپى(مەمۇرىيەت ئىنستىتۇتى) ئالاھىدە رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەلىك كادىرلارنى پارتىيەۋىلىك جەھەتتە تەربىيەلەپ، ئۇلارنى روھىي ئوزۇق بىلەن تەمىنلەش ۋەزىپىسىنى ياخشى ئورۇندىشى كېرەك.

  مەۋقەنى ئىش ئورنىدا تۆھپە قوشۇشقا قارىتىپ، جاسارەتلىك ۋە ياراملىق بولۇپ، يېڭى سەھىپە يارىتىمىز

  پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئۇلۇغ پىلانى تۈزۈپ چىقىلدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما قانداق قىلغاندا ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، قەدەمنى پۇختا ئېلىپ، مۇقەددەس بۇرچنى زىممىسىگە ئالالايدۇ؟

  ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جۇ گاڭ مۇنداق دېدى: بىز تېخىمۇ تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق ۋە تېخىمۇ پۇختا ئىشلەش ئىستىلى بىلەن، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنى بارلىق خىزمەتلىرىمىزنىڭ ھەرىكەت قىبلىنەماسى قىلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا خىزمىتىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن شۇجىسى ۋاڭ جىجۈن مۇنداق دېدى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى روھىنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، كەسپىي مائارىپ سۈپىتىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە بايرىقىنى مائارىپ ساھەسىدىن ئىبارەت بۇ بازىدا جەۋلان قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش – تىرانسپورت نازارىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى لى خۇڭبىن قەتئىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە ئاپتونوم رايونىمىز قاتناش سىستېمىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىسى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، كادىرلار، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئىدىيەسى ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قاتناش قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، قاتناش چوڭ تەرەققىياتى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت.

  كەلگۈسى توغرىسىدا توختالغاندا، ئاپتونوم رايونلۇق سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى چېن جۇڭكۇەن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان گۈزەل ئىستەك ھەربىر جۇڭگولۇقنى ئۈمىدلەندۈرىدۇ. بىز سودا ئىشلىرى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ياخشى مۇھىت يارىتىمىز.

  قۇدرەتلىك ئۇلۇغ كۈچنى مۇجەسسەملەپ، شانلىق نەتىجە يارىتىمىز. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق قەتئىي ھالدا پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، ئەسلىي مەقسەتنى باشتىن – ئاخىر ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىشنىڭ ئۇلۇغ نىشانىنى بويلاپ، داۋاملىق جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، تارىخ ۋە خەلققە يۈز كېلەلەيدىغان دەۋر سەھىپىسىنى يارىتىدۇ.