UYNTV

يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تارىخىي بۇرچىنى چىڭ ئىگىلەيلى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : شىنجاڭ گېزىتى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 02-11-2017 11:23

A-A+

جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى ئەڭ ئۇلۇغ ئارزۇسى، بۇ ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قۇرۇلغان كۈندىن باشلاپلا زىممىسىگە ئالغان تارىخىي بۇرچى.

  «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ھەرگىزمۇ ئاسانلا، داقا- دۇمباق چېلىپلا ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىغان ئىش ئەمەس». پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا پارتىيەمىزنىڭ 96 يىلدىن بۇيان تارىخىي بۇرچىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن جاپالىق تىرىشچانلىقلىرى، قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلىرى چوڭقۇر ئەسلەپ ئۆتۈلدى، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تارىخىي بۇرچى چوڭقۇر شەرھلىنىپ، پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار يېڭى دەۋردە ئىدىيە جەھەتتە تارىخىي بۇرچنى تېخىمۇ ياخشى زىممىسىگە ئېلىشقا سەپەرۋەر قىلىنىپ، ئۇلارغا كۈرەش قىلىش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بېرىلدى. يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تارىخىي بۇرچىنى چىڭ ئىگىلەش پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى مۇھىم مەزمۇن، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە، يۈز مىليونلىغان خەلقنىڭ بىر نىيەتتە جۇڭگو ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرۇشىدىكى قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

  بۇرچ يۆنىلىشنى يېتەكلەيدۇ. يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تارىخىي بۇرچىنى چىڭ ئىگىلەش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن 96 يىلدىن بۇيانقى جۇڭگو يولىنىڭ تارىخىي لوگىكىسى ۋە رېئال لوگىكىسىنى چوڭقۇر چۈشىنىش كېرەك. ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش ۋە ئىسلاھات تارىخى مۇساپىسىدە، پارتىيەمىز خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، مىڭبىر مۇشەققەت، خەتەرلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، غايەت زور قۇربانلىقلارنى بېرىپ، ئىسسىق قان ۋە ھاياتلىق بەدىلىگە مۇنداق چوڭقۇر تونۇشقا ئىگە بولدى: جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن جەزمەن جۇڭگو خەلقىنىڭ يەلكىسىنى بېسىپ تۇرۇۋاتقان جاھانگىرلىك، فېئودالىزم، بىيۇروكرات كاپىتالىزمدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ تاغنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقى، خەلقنىڭ ئازادلىقى، دۆلەتنىڭ بىرلىكى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك؛ جەزمەن دۆلىتىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىلغار ئىجتىمائىي تۈزۈم ئورنىتىش كېرەك؛ جەزمەن دەۋر ئېقىمىغا ماسلىشىپ، خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇنلىشىپ، دادىل ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، ئىشىكنى ئېچىۋېتىپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنى باشتىن- ئاخىر جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىتىدىغان كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئىگە قىلىش كېرەك. دەل مۇشۇ قانۇنىيەتلىك تونۇشلار بولغاچقا، پارتىيەمىز خەلققە زىچ تايىنىپ، قارىماققا بۆسۈپ ئۆتكىلى بولمايدىغان قاتمۇقات قىيىن ئۆتكەللەردىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ، ئىنسانىيەت تارىخىدا ئەبەدىي نۇر چاچىدىغان ئالەمشۇمۇل مۆجىزىلەرنى يارىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئۈچۈن ئۇلۇغۋار تارىخىي تۆھپىلەرنى قوشتى.

  بۇرچ كەلگۈسىنى يېتەكلەيدۇ. يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تارىخىي بۇرچىنى چىڭ ئىگىلەش ئۈچۈن، جەزمەن يېڭى دەۋردە ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى قىلىش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇشلارنى ئېلىپ بېرىش، ئۇلۇغ ئىشلارنى ئىلگىرى سۈرۈش ئوتتۇرىسىدىكى ئىچكى باغلىنىشنى ئەتراپلىق تونۇش كېرەك. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن جەزمەن ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى قىلىش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇشلارنى ئېلىپ بېرىش، ئۇلۇغ ئىشلارنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مول ئىچكى مەزمۇنى چوڭقۇر شەرھلەندى. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن «تۆت ئۇلۇغ»نىڭ ئۆزئارا باغلىنىدىغان، بىر- بىرىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان زىچ مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك. يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە نۇرغۇن ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى قىلىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا تەكىتلەنگەن «بەش تېخىمۇ ئاڭلىق بولۇش»نى ئىشقا ئاشۇرغاندىلا، ئاندىن ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدىكى بارلىق قىيىنچىلىق ۋە توسالغۇلارنى تۈگەتكىلى بولىدۇ؛ پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي رەھبەرلىك كۈچى، ئىدىيەۋى يېتەكچىلىك كۈچى، ئاممىۋى تەشكىللەش كۈچى، ئىجتىمائىي چاقىرىق كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرغاندىلا، ئاندىن ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى مۇستەھكەم سىياسىي كاپالەتكە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ؛ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا باشتىن- ئاخىر چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى تېخىمۇ ئاڭلىق كۈچەيتكەندىلا، ئاندىن ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا داغدام يول ئاچقىلى بولىدۇ. «تۆت ئۇلۇغ» ئىچىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغىنى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇش. ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ ئىش، ئۇلۇغ ئارزۇ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، پارتىيە رەھبەرلىكىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنى تېخىمۇ قۇدرەتلىك، كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقىش، پارتىيەمىزنىڭ باشتىن- ئاخىر دەۋرنىڭ ئالدىدا مېڭىشىغا، باشتىن- ئاخىر خەلقنىڭ تايانچى بولۇشىغا، باشتىن- ئاخىر كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جەزمەن يېڭى دەۋر ئاتا قىلغان تارىخىي بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئۈچۈن تارىخىي خاراكتېرلىك يېڭى ئۇلۇغ تۆھپىلەرنى قوشالايدۇ.

  شاڭخەي شىكۇمېندىن ئاتلىنىپ، 96 يىللىق ھەيۋەتلىك تارىخىي مۇساپىنى بېسىپ ئۆتۈش داۋامىدا، پارتىيەمىز بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىش ئۈچۈن، مەيلى ئاجىز ۋاقتىدا ياكى كۈچلۈك ۋاقتىدا بولسۇن، ئەسلىي مەقسىتىنى باشتىن- ئاخىر ئۆزگەرتمىدى، مەيلى ئوڭۇشلۇق ئىلگىرىلىسۇن ياكى توسالغۇغا ئۇچرىسۇن، ئىرادىسىدىن قەتئىي يانمىدى. بۈگۈنكى كۈندە بىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش نىشانىغا تارىختىكى ھەرقانداق چاغدىكىدىنمۇ بەكرەك يېقىنلاشتۇق، يۈز چاقىرىم يولنىڭ توقسان چاقىرىمىنى بېسىپ بولدۇق، پۈتۈن پارتىيەدىكىلەر جەزمەن تېخىمۇ مۈشكۈل، تېخىمۇ جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە تەييارلىنىشى، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، دەۋر ئاتا قىلغان مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، تولۇپ تاشقان ئىشەنچ ۋە ئىقتىدار بىلەن ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تارىخقا، خەلققە تېخىمۇ ئەلا نەتىجە بىلەن يېڭى جاۋاب قايتۇرۇشى كېرەك.
  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 30- ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى)