UYNTV

رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن ئىراندا زىيارەتتە بولۇپ، ئوتتۇرا شەرق ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى كۈچەيتتى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 03-11-2017 17:51

A-A+

رۇسىيە زۇڭتۇڭى ۋىلادىمىر پۇتىن تۈنۈگۈن ئىراندا زىيارەتتە بولۇپ، ئىراننىڭ ئالىي داھىيسى ئاياتۇللا ئەلى ھامېنىيى ۋە زۇڭتۇڭى ھەسەن رۇھانى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت، ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى كېلىشىمى، سۇرىيە ۋەزىيىتى قاتارلىق قارالمىلارنى مۇزاكىرە قىلدى.

بۇندىن باشقا پۇتىن يەنە رۇھانى ۋە ئىرانغا زىيارەتكە بارغان ئەزەربەيجان زۇڭتۇڭى ئىلھام ئەلىيېف بىلەن ئۈچ تەرەپلىك سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

تەھلىلچى ئەربابلار چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمىنى بىكار قىلىۋېتىمىز دەپ تەھدىت سېلىۋاتقان ئەھۋالدا، پۇتىننىڭ بۇ قېتىم ئىراندا زىيارەتتە بولۇشى ئىران بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىدۇ. ئىراننىڭ بۇندىن كېيىن سۇرىيە مەسىلىسىدە رۇسىيەگە ياردەملىشىپلا قالماستىن، ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ مۇقىملىقىدىمۇ رۇسىيە بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى تەسىر كۈچىنى زورايتىپ، «ئاچقۇچلۇق كۈچ» بولۇش نىشانىغا يېتىشىدىن ئۈمىد بار.

جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى رۇسىيە-ياۋروپا ئاسىيا تەتقىقاتخانىسى رۇسىيە دىپلوماتىيەسى تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، تەتقىقاتچى لى يۇڭخۇي مۇنداق دېدى: خەلقئارادا ماي باھاسى تۆۋەن بولۇۋاتقان ئەھۋالدا، رۇسىيە بىلەن ئىران ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى جەھەتتە قېزىشتىن پىششىقلاپ ئىشلەش، توشۇشقىچە بولغان نۇرغۇن ھەمكارلىق كېلىشىملىرىنى ئىمزالىدى. ئىككى تەرەپ يەنە ئىران تەۋەسىدە ئىككىنچى يادرو رېئاكتورى ياساشنى مۇزاكىرە قىلدى.

بۇندىن باشقا لى يۇڭخۇي يەنە مۇنداق دېدى: قورال سېتىش جەھەتتە، S-300 تىپلىق ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىدىنمۇ ئىلغار ھەربىي ھازىرلىقلار ھەمكارلىقىنىڭ بولۇشىنى يوق دېگىلى بولمايدۇ.

S-300 رۇسىيە تەتقىق قىلىپ ياسىغان ئوتتۇرا، ئۇزاق مۇساپىلىك يەردىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى، ھەربىر قويۇپ بېرىش ئاپتوموبىلغا تۆت باشقۇرۇلىدىغان بومبا قاچىلىغىلى بولىدۇ، ھۇجۇم قىلىپ كەلگەن دۈشمەن ئايروپىلانلىرى قاتارلىق كۆپ خىل نىشانلارغا زەربە بېرىشكە ئىشلەتكىلى بولىدۇ. بۇلتۇر 8-ئايدا، ئىران پايتەخت تېھراننىڭ جەنۇبىغا 100 كىلومېتىر كېلىدىغان فورتو يادرو ئەسلىھەسى ئەتراپىغا S-300 سىستېمىسىنى ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى.

رۇسىيە 2015-يىلى سۇرىيەگە ئەسكەر ئەۋەتىپ ئەسەبىي تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى» كۈچلىرىگە زەربە بەرگەندىن كېيىن، رۇسىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى تەسىر كۈچى ئۈزلۈكسىز ئاشتى. سۇرىيە مەسىلىسىدە، رۇسىيە بىلەن ئىران سۇرىيە زۇڭتۇڭى باشار ئەسەد ھۆكۈمىتىنى ساقلاپ قېلىشقا كۈچىدى. رۇسىيە بىلەن ئىران تۈركىيە بىلەن بىرلىكتە سۇرىيە مەسىلىسى ھەققىدە تىنچ سۆزلىشىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ سۇرىيە مەسىلىسىدىكى تەسىر كۈچىنى ئاجىزلاشتۇردى.

لى يۇڭخۇي مۇنداق دەپ قارىدى: ھازىر سۇرىيە مەسىلىسى توغرىسىدا رۇسىيە، ئىران ۋە تۈركىيە بىر تەرەپ، ئامېرىكا، سەئۇدى ئەرەبىستانى، ئىسرائىلىيە يەنە بىر تەرەپ بولغان قارشىلىق ۋەزىيىتى شەكىللەندى.

ئۇ مۇنداق دېدى: سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى «ئىسلام دۆلىتى»گە زەربە بېرىش، قولدىن بېرىپ قويغان زېمىننى قايتۇرۇۋېلىشنىڭ ئاخىرقى باسقۇچلىرىدا رۇسىيە ئىران بىلەن بىرلىشىپ، تۈركىيە، ئەزەربەيجان قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ۋەزىيەتنى تىزگىنلەيدىغان ئەھۋالنى يەنىمۇ پۇختىلىشى مۇمكىن، بۇ بۇ قېتىم ئىراندا رۇسىيە، ئىران، ئەزەربەيجان رەھبەرلىرىنىڭ يەنە بىر قېتىم ئۇچرىشىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى.

ئامېرىكا زۇڭتۇڭى دونالد تىرامپ 13-ئۆكتەبىر سۆز قىلىپ، ئىراننى يادرو كېلىشىمىنى ئادا قىلدى، دەپ بېكىتىشنى رەت قىلىپلا قالماستىن يەنە ئىران ئىسلام ئىنقىلابىي قوغدىغۇچىلار ئەترىتىنى جازالايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. تەھلىلچى ئەربابلار مۇنداق دەپ قارىدى: ئىراننى يادرو كېلىشىمىنى ئادا قىلدى، دەپ بېكىتىشنى رەت قىلىش ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە تېخىمۇ كۆپ ئېنىقسىزلىقلارنى ئېلىپ كېلىپلا قالماستىن، ئوتتۇرا شەرق رايونى ئىستراتېگىيەلىك مۇقىملىق ۋەزىيىتىنى يەنىمۇ يامانلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

لى يۇڭخۇي: ئىران بۇنداق ئېنىقسىز ۋەزىيەتتە رۇسىيە بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى مۇمكىن، دەپ قارىدى. ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئالىي ئەمەلدارى ئىبراھىم رەھىمبۇل 31-ئۆكتەبىر: رۇسىيە، ئىران، ئەزەربەيجان رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشى رايون ھەمكارلىقىدا ئامېرىكىنىڭ تەستىقلىشى ھاجەتسىز ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ، دېدى.