UYNTV

پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش تەشۋىق قىلىش ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قارار چىقىرىلدى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 03-11-2017 18:15

A-A+

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 3-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى يېقىندا پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قارارنى چىقاردى.

قاراردا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش تەشۋىق قىلىش ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇش لازىم. پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش تەشۋىق قىلىش ئىزچىللاشتۇرۇش پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىنىڭ ئومۇمىلىقى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىياتى، بارلىق خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، پۈتۈن پارتىيە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ؛ يول، نەزەرىيە ، تۈزۈم ، مەدەنىيەت ئىشەنچىسىنى چىڭىتىپ؛ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ،ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغداش ۋە ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ئۇچ چوڭ تارىخىي ۋەزىپىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان تەلپۈنۈشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلىشتا زور رېئال ئەھمىيەتكە ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە.

قاراردا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك توغرا ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ باش تېمىسىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ تارىخىي ئورنى ۋە مەزمۇنىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تارىخىي ئۆزگىرىشى ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرگەنلىكى، ئېلىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەتلەرنىڭ ئۆزگىرىۋاتقانلىقى، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ تارىخىي بۇرچى، بىرىنچى يۈز يىللىق كۈرەش نىشانى ۋە ئىككىنچى يۈز يىللىق كۆرۈش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يۈرۈش قىلىش، سوتسىيالىستىك ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى زور ئورۇنلاشتۇرۇش، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى، شياڭگاڭ ئاۋمېن تەيۋەن خىزمىتى، دىپلوماتىيە خىزمىتىدىكى زور ئورۇنلاشتۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش زور ئورۇنلاشتۇرۇشىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش لازىم.

قاراردا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش ۋە تەشۋىق قىلىشنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆگىنىش تەربىيەلەشنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ، تەشۋىق قىلىش پائالىيىتىنى مەركەزلىك قانات يايدۇرۇپ، خەۋەر تەشۋىقاتىنى ئەتراپلىق ئۇيۇشتۇرۇپ، تەتقىق قىلىش ۋە چۈشەندۈرۈشكە ئەستايىدىل ئۇيۇشتۇرۇش كېرەك. نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە باغلاپ ئۆگىنىش ئىستىلىنى نۇرلاندۇرۇپ، مەسىلىنى ھەل قىلىش، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش لازىم. تەشكىلىي رەھبەرلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، پارتىيە گۇرۇپپىلار رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئۈستىگە ئېلىپ، توغرا يۆنىلىشنى چىڭ ئىگىلەپ، جەلپكارلىقى ۋە تەسىر كۆرسىتىشچانلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. جايلار ۋە تارماقلار پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش ، تەشۋىق قىلىش ، ئىزچىللاشتۇرۇش ئەھۋالىنى دەرھال پارتىيە مەركىزىي كومىتېتقا دوكلات قىلىشى لازىم.

مۇناسىۋەتلىك ئولانمىلار

پارتىيەنىڭ كۈرەش قىلىش مۇساپىسىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئەسلىي مەقسەتنى ھەر ۋاقى..11-02

پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئ..11-01

پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش دولقۇنىنى تېزدىن قوزغ..11-01

پارتىيە 19–قۇرۇلتىيى ھۆججىتى ۋە ئۆگىنىش كونسۇلتاتسىيە ئوقۇشلۇقى ئاپتونوم راي..11-01

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ..11-01

‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلەشكەن ..11-01

پارتىيەنىڭ كۈرەش قىلىش مۇساپىسىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئەسلىي مەقسەتنى ھەر ۋاقى..11-01

جاۋ لېجى: پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پ..10-31

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى «مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا دۆلەت مە..10-31

2018-يىللىق «دۆلەتلىك ئىمتىھان»دا 28 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى قوبۇل قىلىش پىلانل..10-31