UYNTV

ترامپنىڭ زىيارىتىدە ئىقتىساد سودا ۋە خەۋپسىزلىك تېمىسى مۇھىم نۇقتا بولىدۇ

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : شىنجاڭ گېزىتى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 03-11-2017 17:47

A-A+

ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ 3-نويابىر ۋەزىپە ئۆتىگەندىن بۇيانقى ئاسىيادىكى 5 دۆلەتكە قىلىدىغان 12 كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلايدۇ. ئۇ 8-نويابىردىن 10-نويابىرغىچە ئېلىمىزدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.

ترامپنىڭ زىيارىتىدە ئىقتىساد سودا ۋە خەۋپسىزلىك تېمىسى مۇھىم نۇقتا بولىدۇ. چەتئەللەر بۇ قېتىمقى زىيارەتتىن ترامپنىڭ ئاسىيا تىنچ ئوكيان سىياسىتىنى يەكۈنلەپ چىقىشنى ئۈمىد قىلماقتا.

كۈن تەرتىپ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، ترامپ ئالدى بىلەن ھاۋايدا توختايدۇ، ئاندىن ياپونىيە، كورېيە، جۇڭگودا زىيارەتتە بولىدۇ، ئاندىن كېيىن ۋيېتنامغا بېرىپ ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرى بىرەسمىي يىغىنىغا قاتنىشىدۇ، فىلىپپىنگە بېرىپ ئامېرىكا شەرقىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى، ئامېرىكا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىدۇ.

ئىقتىساد سودا مەسىلىسى ترامپنىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرىگە سىڭدۈرۈلگەن مۇھىم تېما. ئۇنىڭ ئامېرىكا ياپونىيە ئەركىن سودا تەسەۋۋۇرىغا بولغان ئىپادىسىگە كىشىلەر ئالاھىدە دىققەت قىلماقتا. كورېيەدە كورېيە ئامېرىكا ئىقتىساد سودا مەسىلىسى ۋە ئەركىن سودا كېلىشىمى سۆھبىتىنى قايتا باشلاش كورېيە بىلەن ئامېرىكا باشلىقلىرى سۆھبىتىنىڭ ئاساسلىق قارالمىسى بولىدۇ.

ئۇندىن باشقا، چاۋشيەننىڭ يادرو مەسىلىسى قاتارلىق بىخەتەرلىك قارالمىلىرىمۇ ترامپنىڭ زىيارىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى. ئۇ ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە، ئامېرىكا بىلەن كورېيەنىڭ ئىتتىپاقداشلىقىنى داۋاملىق مۇستەھكەملەيدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئامېرىكىنىڭ چاۋشيەننىڭ يادرو مەسىلىسىگە تاقابىل تۇرۇش ھەمدە ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى ئىستراتېگىيەسىنى ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىرلەر.

جۇڭگوغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار جەھەتتە، ترامپ زىيارەت ئارقىلىق ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ئۈمىدىنى يەتكۈزدى ھەمدە ئامېرىكا خەلقى مېنىڭ جۇڭگوغا قىلىدىغان دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىمنى قىزغىن مۇنازىرە قىلماقتا، دېدى.

ترامپنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىگە قارىتا، چەتئەللەر بۇنىڭدىن ترامپنىڭ ئاسىيا تىنچ ئوكيان سىياسىتىنىڭ ئورنىنى چۈشۈنىۋېلىشنى ئىنتايىن ئۈمىد قىلماقتا.

بۇنىڭدىكى ئەڭ دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر نۇقتا شۇكى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ھۆججىتىدىكى ئاسىيا تىنچ ئوكيان دېگەن خەت ھىندى ئوكيان تىنچ ئوكيان دېگەن خەتكە ئۆزگەردى. ئامېرىكىنىڭ ئالاقىدار ئەمەلدارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئەركىن ۋە ئېچىۋېتىلگەن ھىندى ئوكيان تىنچ ئوكيان ئۇقۇمى ئامېرىكىنىڭ يېڭى ئاسىيا سىياسىتى توغرىسىدىكى سىگنال ئىكەن.

ئىقتىساد سودا جەھەتتە، تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: ترامپ ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردىن ئىككى تەرەپلىك سۆھبەتنى مەركەز قىلىپ، سودا تەڭپۇڭسىزلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلدى. خەۋپسىزلىك جەھەتتە، ئۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ چاۋشيەننى جازالاش تەدبىرلىرىگە پائال قاتنىشىپ، چاۋشيەندىن كېلىدىغان يادرو تەھدىتىگە ئورتاق تاقابىل تۇرۇشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

زىيارىتىنىڭ ئاخىرقى ئىككى بېكىتىدە ترامپ 14-نويابىر ئۆتكۈزىلىدىغان شەرقىي ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشمايدۇ. ئۇ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرى بىلەن ئاساسلىقى چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ۋەزىيىتى، ئەنئەنىۋى ھەربىي ئىشلار ھەمكارلىقى، سودا قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆھبەتلىشىدۇ، لېكىن بۇ مەسىلىلەر شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى قىزىقىدىغان مەسىلىلەر ئەمەس.

تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى سىياسىتى تارىخىي ئىزچىللىقتىن باشقا يەنە رېئال خەلقئارا چوڭ ئارقا كۆرۈنۈش تۈرتكىسىگە ئىگە، بىراق مەيلى قانداق ئۆزگىرىشتىن قەتئىي نەزەر غەلىبىگە ئېرىشمەكچى بولىدىكەن ئۇنداقتا ھەمكارلىق بۇنىڭ ئاچقۇچى.

دۇنيا زور دەرىجىدە ئۆزگىرىۋاتىدۇ ۋە تەڭشىلىۋاتىدۇ، ئىقتىساد مەركىزىي شەرققە يۆتكىلىۋاتىدۇ، جۇڭگو ۋەكىللىكىدىكى يېڭىدىن گۈللەنگەن ئىقتىسادى گەۋدىلەر ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر كوللېكتىپ قەد كۆتۈرمەكتە؛

ئامېرىكا ئىككى مەيدان ئۇرۇش ۋە بىر مەيدان پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىنىڭ يەنىلا ئەسلىگە كېلىش مەزگىلىدە تۇرماقتا؛ قاتتىق ئەمەلىي كۈچى ۋە يۇمشاق ئەمەلىي كۈچى نىسپىي ئاجىز بولماقتا، شۇڭا بۇنىڭدا نوقۇل ئامېرىكىنىڭ ئۆزىگىلا تايانغاندا يەر شارى خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ. شۇڭا ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن ھەمكارلاشقاندىلا ئاندىن كىرىزىسنى ھەل قىلىپ، يەر شارىنى ئىدارە قىلىشقا تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ.

ھەمكارلىشىش ئىستىكىنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈپ، سەمىمىي ھەمكارلىشىش پوزىتسىيەسىدە بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان ھەمكارلىشىش نۇقتىسىنى تېپىشقا ماھىر بولغاندىلا ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەپ، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ، پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ كۆپلىگەن مەنپەئەتكە ئېرىشەلىشىگە تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ.

سەپەر ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، تىرامپ زىيارىتىنىڭ تۇنجى بېكىتى ياپونىيەدە ئۈچ كۈندۈز ئىككى كېچە تۇرىدۇ. ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئابې شىنزو تىرامپنى خۇسۇسى زىياپەتكە تەكلىپ قىلىدۇ، تىرامپ ياپونىيە پادىشاھى بىلەن كۆرۈشىدۇ. تىرامپ يەنە چاۋشيەن تۇتقۇن قىلىۋالغان ياپونىيەلىكلەرنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ، ياپونىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداشلىقىنىڭ مۇستەھكەملىكىنى نامايەن قىلىدۇ.

تىرامپ ياپونىيەدىكى زىيارىتىنى ئاياغلاشتۇرغاندىن كېيىن، 7-نويابىر كورېيەگە بارىدۇ. ئۇ ئالدى بىلەن كورېيەدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ پىڭزىدىكى بازىسىنى كۆزدىن كەچۈرىدۇ، بىراق سەپەر كۈن تەرتىپى سەۋەبىدىن كورېيە بىلەن چاۋشيەن چېگراسىدىكى ھەربىي ئىشلاردىن خالىي رايوندا زىيارەتتە بولمايدۇ. ئۇ يەنە كورېيە پارلامېنتىدا نۇتۇق سۆزلەيدۇ.

ئارقىدىن تىرامپ جۇڭگودا زىيارەتتە بولىدۇ. كېيىن ئۇ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا رايونىغا بېرىپ ئىككى مەيدان خەلقئارا يىغىنغا قاتنىشىدۇ. ھەمدە ۋىيېتنامدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ. فىلىپپىندا فىلىپپىن زۇڭتۇڭى دۇتىرېت بىلەن كۆرۈشىدۇ، بىراق فىلىپپىن ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولمايدىغان بىردىنبىر دۆلەت.

مۇناسىۋەتلىك ئولانمىلار

شى جىنپىڭ چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد باشقۇرۇش ئىنستىتۇتى مەسلىھەتچىلەر كو..11-01

قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىم..11-01

پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئ..11-01

‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلەشكەن ..11-01

پارتىيە 19–قۇرۇلتىيى ھۆججىتى ۋە ئۆگىنىش كونسۇلتاتسىيە ئوقۇشلۇقى ئاپتونوم راي..11-01

شى جىنپىڭ چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد باشقۇرۇش ئىنستىتۇتى مەسلىھەتچىلەر كو..10-31

جاۋ لېجى: پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پ..10-31

يېڭى دەۋر ئارزۇسىغا قاراپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيلى، ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتماي..10-30

ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە ش ئۇ ئا ر نىڭ تاشقى سودا ئومۇمىي قىممىتى 102 مىليارد 80..10-27

جايلاردىكى كادىرلار ۋە ئامما يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي..10-27