UYNTV

رۇسىيە ئامېرىكىنىڭ جازاسىدىن قۇرقۇپ قالمايمىز دېدى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 03-11-2017 17:49

A-A+

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى 31-ئۆكتەبىر رۇسىيەنىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىگە يۈرگۈزىدىغان يېڭى جازالاش تەدبىرىنى ئېلان قىلدى: بۇ ئامېرىكا كارخانىلىرى ۋە شەخسلەرنىڭ رۇسىيەدە چوڭقۇر دېڭىز، شىمالىي مۇز ئوكيان رايونىدا نېفىت-تەبىئىي گاز بايلىقى ھەمدە سلانتېس مېيى قېزىش ۋە ئىشلەپچىقىرىش تۈرلىرىگە قاتنىشىشىنى چەكلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

رۇسىيە ئەمەلدارى بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېڭى جازانىڭ مەقسىتى ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى رۇسىيەنىڭ بۇ رىقابەت رىقابەتچىسىگە زەربە بېرىش. كېلەر يىلى رۇسىيەدە زۇڭتۇڭ سايلىمى ئۆتكۈزۈلۈشتىن بۇرۇن، ئامېرىكا باشقا ھەرىكەتلەرنى قوللىنىشى مۇمكىن، بىراق رۇسىيەنىڭ ئىقتىسادى مۇقىم، جازادىن قورقۇپ قالمايدۇ.

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق چەتئەل مۈلۈكىنى كونترول قىلىش ئىشخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ھەر قانداق ئامېرىكىلىق ياكى ئامېرىكا تەۋەسىدىكى ھەر قانداق پائالىيەتلەرنىڭ رۇسىيەنىڭ چوڭقۇر دېڭىز، شىمالىي مۇز ئوكياندا ئېنېرگىيە ياكى سلانتېس مېيى قېزىش ياكى ئىشلەپچىقىرىش تۈرلىرىنى بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا ماددىي ئەشيا، مۇلازىمەت ياكى تېخنىكىلىق ياردەم ھەمدە ئالاقىدار ئېكسپورت ۋە ئۆتكۈنچى ئېكسپورت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ.

مالىيە مىنىستىرلىقى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: جازانىڭ چېتىلىش دائىرىسى 2018-يىلى 29-يانۋاردىن كېيىن باشلانغان ئېنېرگىيە تۈرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ جازانىڭ سەۋەبى يەنىلا ئۇكرائىنا مەسىلىسى، بۇنىڭغا يەنە «تور ئۇرۇشى»مۇ قوشۇلۇپ، رۇسىيەدىن قىرىم يېرىم ئارىلىدىن چېكىنىش ھەمدە ئۆزىنىڭ يامان غەرەزلىك تور جىنايى قىلمىشىنى توختىتىشى تەلەپ قىلىندى.

يېڭى جازالاش بۇيرۇقى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ 27-ئۆكتەبىر چىقارغان بىر يېتەكچى پىكىرىگە ئاساسەن چىقىرىلدى. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئامېرىكا پارلامېنتىغا رۇسىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە ۋە ئاخبارات ساھەسىگە چېتىلىدىغان 39 شەخس ھەمدە ئاپپاراتنى «جازالاش ئوبيېكتى» قىلغانلىقى ھەققىدىكى تىزىملىكنى تاپشۇردى. تىزىملىكتىكى ئوبيېكتلار بىلەن مۇئەييەن كۆلەمگە يەتكەن سودا قىلسا جازا قوللىنىلىدۇ.

ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ 2-ئاۋغۇست رۇسىيە، ئىران ۋە چاۋشيەننى جازالاش ھەققىدە بىر قانۇن لايىھەسى ئىمزالىدى، قانۇن لايىھەسىنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن، ئامېرىكا رۇسىيە ئامېرىكىنىڭ 2016-يىلىدىكى زۇڭتۇڭ سايلىمى ۋە ئۇكرائىنا مەسىلىسى قاتارلىقلارغا ئارىلاشتى دېگەن باھانە بىلەن رۇسىيەدىكى ئالاقىدار شەخسلەر ۋە ئاپپاراتلارنى جازالايدۇ.

رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ ئاگېنتلىقى خەۋەر بېرىپ: رۇسىيە ھۆكۈمىتى شىمالىي مۇز ئوكياندا نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بايلىقىنى ئېچىشنى ئىزچىل ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى مۇھىم تۈر دەپ قاراپ كەلدى، دېدى. بۇ يىل 8-ئايدا، رۇسىيە زۇڭلىسى مېدۋېدېۋ: شىمالىي مۇز ئوكيان قۇرۇقلۇق بوسۇغىسىدا نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئېچىش تۈرىگە 160 مىليارد رۇبلى مەبلەغ سالىمىز، دەپ جاكارلىغان ئىدى.

رۇسىيە نېفىت شىركىتىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 2050-يىلىغا بارغاندا، شىمالىي مۇز ئوكيان قۇرۇقلۇق بوسۇغىسىنىڭ نېفىت مەھسۇلات مىقدارى پۈتۈن رۇسىيەنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلاتىنىڭ %20دىن %30گىچە بولىدىكەن. بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا، رۇسىيەنىڭ بۇ داڭلىق دۆلەت ئىلىكىدىكى ئېنېرگىيە شىركىتى شىمالىي مۇز ئوكيانغا تەۋە چېگرا بويىدىكى لاپتېۋ دېڭىزىنىڭ بىر قانچە يېرىدە قۇدۇق قېزىشنى باشلىدى.

رۇسىيەنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق سودا ۋەكىلى ئالېكساندر سىتادېنك مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك جازا قوللىنىشى رۇسىيەنىڭ ئىقتىسادىغا زەربە بېرىپ، ئېنېرگىيە ساھەسىدە رۇسىيەدىن ئىبارەت بۇ رىقابەتچىسىنى سىقىپ چىقىرىشنى مەقسەت قىلىدۇ، لېكىن ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، رۇسىيەنىڭ ئىقتىسادى ھەقىقەتەن مۇقىم، بىز تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقىنى قىلىپ بولدۇق.

ئالىكساندىر مۇنداق دېدى: رۇسىيەنىڭ 2018-يىلى 3-ئايدىكى چوڭ سايلىمىدىن بۇرۇن، ئامېرىكا تېخىمۇ كۆپ جازا تەدبىرىنى چىقىرىشى مۇمكىن، ئەمما ئامېرىكا ئىلگىرى رۇسىيەگە نۇرغۇن نۆۋەت جازا يۈرگۈزۈپمۇ رۇسىيە ئىقتىسادىنى ھالاك قىلالمىغان.

ئالدىنقى ھەپتە، رۇسىيەنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئاناتولى ئانتونوف نىيۇيوركتىكى بىر يىغىندا: بىز جازادىن قورقمايمىز، بىز قىيىنچىلىقنى يېڭەلەيمىز، ئامېرىكا بىز بىلەن بىرلەشسىلا ھەر قانداق دۈشمەن ئۈستىدىن غالىب كېلەلەيمىز، دېدى.

ئۇ تەكىتلەپ: رۇسىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى زىددىيىتىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇسى ئامېرىكىنىڭ سىياسىي خاھىشىنى ئىپادىلىشىدە، چۈنكى رۇسىيە ھەمكارلىشىشىنى خالايدۇ، دېدى.

رۇسىيەنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى نىگۇلا تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: ئانتونوف ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى تېلېرسون بىلەن كۆرۈشكەندە "ئامېرىكا رۇسىيە ئامېرىكىنىڭ چوڭ سايلىمىغا ئارىلاشتى دېگەن بۇ ئاساسسىز شىكايەت سەۋەبلىك رۇسىيەگە جازا يۈرگۈزدى" دېدى، بىز ئامېرىكىنى رۇسىيەگە قوللانغان قىلچە ئەھمىيىتى يوق سىياسەتلىرىگە قايتا باھا بېرىشكە دەۋەت قىلىمىز.

ئانتونوف ئاخىرىدا تەكىتلەپ: رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا ئوخشاشلا يادرو جەھەتتە چوڭ دۆلەتلەر ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزالىرى، خەلقئارانىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداشتا ئالاھىدە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان، دېدى.