UYNTV

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «دۆلەتنىڭ 13- بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدىكى مەدەنىيەت تەرەققىياتى ۋە ئىسلاھاتى ئومۇمىي پىلان پىروگراممىسى»نى بېسىپ تارقاتتى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : شىنجاڭ گېزىتى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 06-11-2017 13:16

A-A+

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19- قۇرۇلتىيى ئېچىلىۋاتقان مەزگىلىدە ۋە يولداش شى جىنپىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا سايلانغاندىن كېيىن، نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەتلىرى، خەلقئارا تەشكىلاتلار، ئەلئارا تەشكىلاتلار ۋە ئۇلارنىڭ رەھبەرلىرى، ئېلىمىزدە تۇرۇشلۇق ئەلچىلەر، دوستانە زاتلار، شۇنداقلا چەت ئەللەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان جۇڭگو مۇھاجىرلىرى ۋە جۇڭگولۇقلار، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار ۋە تەيۋەنلىك قېرىنداشلار قاتارلىقلار قۇرۇلتايغا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا، يېڭىدىن سايلانغان رەھبەرلەرگە تەبرىك تېلېگراممىسى ۋە تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، ئۇلارنى قىزغىن تەبرىكلىدى ۋە ياخشى تىلەكلەرنى بىلدۈردى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى تاشقى ئالاقە بۆلۈمى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن ئۇلارغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتىدۇ.
  2017- يىلى 11- ئاينىڭ 3- كۈنى
  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3- نويابىر تېلېگراممىسى)