UYNTV

‹‹شى جىنپىڭ ـــ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش توغرىسىدا››دېگەن كىتابنىڭ 2–تومى خەنزۇچە، ئىنگلىزچە نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : شىنجاڭ گېزىتى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 08-11-2017 15:51

A-A+

س

 مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى (گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى) مەركىزىي كومىتېت ھۆججەت تەتقىقات ئىشخانىسى، جۇڭگو چەت ئەل يېزىقىدا نەشر قىلىش – تارقىتىش ئىشلىرى ئىدارىسى بىلەن بىرلىكتە تۈزگەن ‹‹شى جىنپىڭ ـــ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش توغرىسىدا››دېگەن كىتابنىڭ 2 – تومى يېقىندا جۇڭگو چەت ئەل يېزىقىدا نەشر قىلىش – تارقىتىش ئىشلىرى ئىدارىسى تەرىپىدىن خەنزۇچە، ئىنگلىزچە نۇسخىدا نەشر قىلىنىپ، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا تارقىتىلدى. سۈرەتتە: ‹‹شى جىنپىڭ ـــ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش توغرىسىدا›› دېگەن كىتابنىڭ 2 – تومىنىڭ خەنزۇچە، ئىنگلىزچە قاتتىق مۇقاۋىلىق ۋە ئادەتتىكى مۇقاۋىلىق نۇسخىسى.

 

نەشرىگە بېرىلگەن ئىزاھات

  پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى زىچ چۆرىدەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى داۋاملاشتۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، ‹‹بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۇزاقتىن بۇيان ھەل قىلىشنى ئويلىغان بولسىمۇ ھەل قىلىنمىغان نۇرغۇن قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىپ، ئىلگىرى قىلىشنى ئويلىغان بولسىمۇ قىلالمىغان كۆپلىگەن چوڭ ئىشلارنى بېجىرىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشىشى، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولدى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى.

  دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ يېڭى ئەمەلىيىتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاساسلىق ۋەكىللىكىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى دەۋر تەرەققىياتىغا ماسلىشىپ، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرۈش ئاساسىدا، يېڭى دەۋردە قانداق جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قانداق داۋاملاشتۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ زور دەۋر تېمىسىغا سىستېمىلىق جاۋاب بېرىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى بەرپا قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ھەرىكەت قىبلىنەماسى بىلەن تەمىنلىدى، شۇنداقلا ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىق ۋە تەرەققىيات ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى جۇڭگو ئەقىل – پاراسىتى ۋە جۇڭگو لايىھەسى بىلەن تەمىنلىدى. ج ك پ 19 – قۇرۇلتىيىدا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى چوقۇم ئۇزاققىچە چىڭ تۇرىدىغان يېتەكچى ئىدىيە قىلىپ بېكىتىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسىنىڭ يەنە بىر قېتىم دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

  شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئاساسلىق ئىجادچىسى. 2014 – يىلى 9 – ئايدا نەشر قىلىنىپ تارقىتىلغان ‹‹شى جىنپىڭ ـــ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش توغرىسىدا›› دېگەن كىتابقا شى جىنپىڭنىڭ ج ك پ 18 – قۇرۇلتىيى يېپىلغاندىن تارتىپ 2014 – يىلى 6 – ئاينىڭ 13 – كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدىكى مۇھىم ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ كەڭ كۆلەمدە دىققىتىنى قوزغىدى ۋە ئۇلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. شۇنىڭدىن كېيىنكى ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىنى چۆرىدەپ بىر قاتار مۇھىم سۆز قىلىپ، بىر قاتار يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى پارتىيەنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى تېخىمۇ بېيىتتى، تېخىمۇ سىستېمىلاشتۇردى. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ تەرەققىيات جان تومۇرى ۋە ئاساسلىق مەزمۇنىنى مەركەزلىك ئىپادىلەش، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ بۇ مۇھىم ئىدىيەنىڭ روھىي ماھىيىتى ۋە مول مەزمۇنىنى چۈشىنىپ ئىگىلىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى (گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى) ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى ھۆججەت تەتقىقات ئىشخانىسى، جۇڭگو چەت ئەل يېزىقىدا نەشر قىلىش – تارقىتىش ئىشلىرى ئىدارىسى بىرلىكتە ‹‹شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش توغرىسىدا›› دېگەن كىتابنىڭ 2 – تومىنى تەھرىرلىدى.

  مەزكۇر كىتابقا شى جىنپىڭنىڭ 2014 – يىلى 8 – ئاينىڭ 18 – كۈنىدىن 2017 – يىلى 9 – ئاينىڭ 29 – كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدە قىلغان سۆزى، سۆھبىتى، نۇتقى، تەستىقى، تەبرىك تېلېگراممىسى قاتارلىق 99 پارچە ئەسىرى كىرگۈزۈلگەن. كىتاب 17 مەخسۇس تېمىغا ئايرىلغان، ھەر بىر مەخسۇس تېمىنىڭ مەزمۇنى ۋاقت تەرتىپى بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئوقۇشىغا قولاي بولسۇن ئۈچۈن، تەھرىرلىگەندە زۆرۈر ئىزاھاتلار بېرىلىپ، ماقالىنىڭ ئاخىرىغا قوشۇپ قويۇلغان. مەزكۇر كىتابقا يەنە شى جىنپىڭنىڭ مۇشۇ مەزگىلدىكى سۈرەتلىرىدىن 29 پارچە كىرگۈزۈلگەن.

  مەزكۇر كىتابنى تەھرىرلەش گۇرۇپپىسى

  2017 – يىلى 10 – ئاي

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 – ئاينىڭ 7 – كۈنى تېلېگراممىسى)

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 – ئاينىڭ 7 – كۈنى تېلېگراممىسى. مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى (گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى) مەركىزىي كومىتېت ھۆججەت تەتقىقات ئىشخانىسى، جۇڭگو چەت ئەل يېزىقىدا نەشر قىلىش – تارقىتىش ئىشلىرى ئىدارىسى بىلەن بىرلىكتە تۈزگەن ‹‹شى جىنپىڭ ـــ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش توغرىسىدا›› دېگەن كىتابنىڭ 2 – تومى يېقىندا جۇڭگو چەت ئەل يېزىقىدا نەشر قىلىش – تارقىتىش ئىشلىرى ئىدارىسى تەرىپىدىن خەنزۇچە، ئىنگلىزچە نۇسخىدا نەشر قىلىنىپ، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا تارقىتىلدى.

  پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلدى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى. دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ يېڭى ئەمەلىيىتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاساسلىق ۋەكىللىكىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى دەۋر تەرەققىياتىغا ماسلىشىپ، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرۈش ئاساسىدا، يېڭى دەۋردە قانداق جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قانداق داۋاملاشتۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ زور دەۋر تېمىسىغا سىستېمىلىق جاۋاب بېرىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى بەرپا قىلدى. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى پارتىيە چوقۇم ئۇزاققىچە چىڭ تۇرىدىغان يېتەكچى ئىدىيە قىلىپ بېكىتىپ، پارتىيەنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسىنىڭ يەنە بىر قېتىم دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئاساسلىق ئىجادچىسى. 2014 – يىلى 9 – ئايدا نەشر قىلىپ تارقىتىلغان ‹‹شى جىنپىڭ ـــ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش توغرىسىدا›› دېگەن كىتابقا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيى يېپىلغاندىن تارتىپ 2014 – يىلى 6 – ئاينىڭ 13 – كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدىكى مۇھىم ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ كەڭ كۆلەمدە دىققىتىنى قوزغىدى ۋە ئۇلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. شۇنىڭدىن كېيىنكى ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە بىر قاتار مۇھىم سۆز قىلىپ، ئىجادىي ئەھمىيەتكە ئىگە بىر قاتار يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنى تېخىمۇ بېيىتتى، تېخىمۇ سىستېمىلاشتۇردى.

  ‹‹شى جىنپىڭ ـــ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش توغرىسىدا›› دېگەن كىتابنىڭ 2 – تومىغا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2014 – يىلى 8 – ئاينىڭ 18 – كۈنىدىن 2017 – يىلى 9 – ئاينىڭ 29 – كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدە قىلغان سۆزى، سۆھبىتى، نۇتقى، تەستىقى، تەبرىك تېلېگراممىسى قاتارلىق 99 پارچە ئەسىرى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، 17 مەخسۇس تېمىغا ئايرىلغان، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئوقۇشىغا قولاي بولسۇن ئۈچۈن، مەزكۇر كىتابتا زۆرۈر ئىزاھاتلار بېرىلگەن. كىتابقا يەنە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇشۇ مەزگىلدىكى سۈرىتىدىن 29 پارچە كىرگۈزۈلگەن.

  ‹‹شى جىنپىڭ ـــ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش توغرىسىدا›› دېگەن كىتابنىڭ 2 – تومىدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى داۋاملاشتۇرغانلىق ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرغانلىق ئۇلۇغ ئەمەلىيىتى جانلىق خاتىرىلەنگەن، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ تەرەققىيات جان تومۇرى ۋە ئاساسلىق مەزمۇنى مەركەزلىك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، پارتىيەمىزنىڭ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىق ۋە تەرەققىيات ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن قوشقان جۇڭگو ئەقىل – پاراسىتى ۋە جۇڭگو لايىھەسى تولۇق نامايان قىلىنغان بولۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىگىلەشتىكى نوپۇزلۇق ئوقۇشلۇق.

  ‹‹شى جىنپىڭ ـــ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش توغرىسىدا›› دېگەن كىتابنىڭ 2 – تومىنىڭ نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىشى بارلىق كادىرلار، ئاممىنىڭ پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىشى، ئۆزلەشتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش دولقۇنىنى قوزغاش؛ بۈگۈنكى جۇڭگو ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ياخشى ئوبرازىنى تېخىمۇ ئوبدان نامايان قىلىش، خەلقئارا جەمئىيەتنى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات يولى، تەرەققىيات ئىدىيەسى، تەرەققىيات ئۇسۇلىنى تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك، ئوبيېكتىپ تونۇشىغا ۋە چۈشىنىشكە يېتەكلەشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.