UYNTV

شىنجاڭلىقلارنىڭ «مېھىر تائام» ى مەملىكەتلىك كاتتا شەرەپكە ئېرىشتى

تەھرىر : 艾斯凯尔·艾尼万 | كېلىش مەنبەسى : مەركىزىي تېلېۋىزىيە تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 03-01-2018 10:44

A-A+

 ئۆز مۇخبىرىمىز ئەسقەرجان ئەنۋەر

     ئېلىمىزدىكى نوپۇزلۇق يېڭى تاراتقۇنىڭ بىرى بولغان سۇمۇرۇغ تورى باش بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان، سۇمۇرۇغ تورى جامائەت پاراۋانلىقى فوندى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان، جۇڭگو بالىلار، ياش-ئۆسمۈرلەر فوندى جەمئىيىتى، جۇڭگو ئاياللار تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتى، جۇڭخۇا ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش فوندى جەمئىيىتى، جۇڭگو نامراتلارنى يۆلەش فوندى جەمئىيىتى قاتارلىق 10 نەچچە ئورۇن ئالاھىدە قوللىغان «ساخاۋەتچىلەر ئىتتىپاقىنىڭ 2017-يىلىدىكى مەملىكەت بويىچە 10 چوڭ ساخاۋەت تۈرىنى مۇكاپاتلاش مۇراسىمى» 2017-يىلى 26-دېكابىر پايتەختىمىز بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. مەملىكىتىمىز ساخاۋەت ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق ئەربابلار، داڭلىق كارخانىچىلار، چولپانلار ۋە ساخاۋەتچىلەر ۋەكىللىرى پائالىيەتكە قاتناشتى. شىنجاڭدا بارلىققا كېلىپ، تېزلىكتە پۈتكۈل مەملىكەتكە تارقالغان «مېھىر تائام» ساخاۋەت تۈرى بۇ قېتىملىق 2017-يىلىدىكى مەملىكەت بويىچە 10 چوڭ ساخاۋەت تۈرىنىڭ بىرى بولۇپ مۇكاپاتلىنىپ، شىنجاڭلىقلارغا زور شان-شەرەپ كەلتۈردى. ساخاۋەتچىلەر ئىتتىپاقىنىڭ مەملىكەت بويىچە 10 چوڭ ساخاۋەت تۈرى ئېلىمىز خەير-ساخاۋەت ساھەسىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قاتتىق ئۆلچەملەر ئاساسىدا باھالىشى ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدىغان بولۇپ، بۇ قېتىملىقى شىنجاڭلىقلارنىڭ بۇ مۇكاپاتقا تۇنجى ئېرىشىشى ھېسابلىنىدىكەن. ئىگىلىنىشىچە، مېھىر تائام ساخاۋەت تۈرى 10 چوڭ ساخاۋەت تۈرى قاتارىدا ئىككىنچى ئورۇنغا تىزىلغان.

.

     جۇڭخۇا بىزنىڭ ئانىمىز، بىز ھەر مىللەت خەلقى ئۇنىڭ ئوغۇل-قىزلىرى. دېمەك، بىز ھەممەيلەن بىر ئانىدىن بولغان ئۇرۇق-تۇغقانلارمىز. ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا ۋاپادارلىق بىلدۈرۈش، ئۆزئارا ياردەمدە بولۇش جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئېسىل پەزىلەتلىرىنىڭ بىرىدۇر. ئاق كۆڭۈل، ئەقىل-پاراسەتلىك جۇڭخۇا ئوغۇل-قىزلىرى باشقىلارغا ياردەم بەرگەنلىكنى ئۆزىگە ياردەم بەرگەنلىك دەپ قارايدىغان ئېسىل ئەنئەنىگە ئىگە. مېھىر تائام ساخاۋەت تۈرى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئەنە شۇ ئېسىل ئەنئەنىسىنىڭ تۈرتكىسى بىلەن، جۇڭگو ياش پىدائىيلار جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي كېڭەش ئەزاسى، شىنجاڭ قىزىلتاش خەير-ساخاۋەت  فوندى جەمئىيىتىنىڭ ھەيئىتى يالقۇن ئوسمان، شىنجاڭ ياشلار ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ياڭ جۈن قاتارلىقلارنىڭ باشچىلىقىدا 2015-يىلى 26-نويابىر شىنجاڭدا بارلىققا كەلگەن. مېھىر تائام ساخاۋەت تۈرىگە ھازىرغىچە قاتناشقان ھەر مىللەت كىشىلىرىنىڭ سانى 10 مىڭ ئادەم قېتىمدىن، قاتناشقان ئاشخانا 620 دىن، ساخاۋەت سوممىسى 1 مىليون 200 مىڭ يۈەندىن ئاشقان.

.

    مېھىر تائام تۈرىنىڭ ئەمەلىي ئۆتكۈزۈلۈش شەكلى مۇنداق. مېھىر تائام تۈرىنى يولغا قويغان ئاشخانىلارغا بىر دانە مېھىر دوسكىسى ئېسىپ قويۇلىدۇ، ساخاۋەت قىلغۇسى بار كىشىلەر بىر ياكى بىر قانچە كىشىلىك تاماق سېتىۋېلىپ، تالونىنى شۇ دوسكىغا چاپلاپ قويىدۇ، مەلۇم ھاجەتمەن كېيىنكى ۋاقىتلاردا شۇ دوسكىدىكى تالوننى يىرتىپ ئېلىپ، بىر قاچا ھەقسىز تاماق يەۋالسا بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا، ساخاۋەت قىلغۇچى، ھاجەتمەن ۋە ئاشخانىدىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپنىڭ ھەممىسى تەڭ نەپكە ئېرىشىدۇ. چۈنكى ساخاۋەت قىلغۇچى بىر قاچا تاماقنى ھەقىقىي ھاجەتمەنگە بېرەلەيدۇ، ھاجەتمەن بولسا باشقىلارغا يالۋۇرۇپ غۇرۇرىنى دەپسەندە قىلمىغان ئاساستا ئۆز ھاجىتىدىن چىقىۋالىدۇ، ئاشخانا تەرەپمۇ بىر پۇڭ زىيان تارتمىغان ھالەتتە بۇ كىشىلەرگە ساخاۋەت سورۇنىنى ھازىرلاپ بېرەلەيدۇ. يوقسۇللارنىڭ غۇرۇرىغا تەگمىگەن ئاساستا، ئۇلارنىمۇ ئېسىل نەرسىلەردىن ھۇزۇرلاندۇرۇپ، ئىللىقلىق بېغىشلاش ساخاۋەتنىڭ ئەڭ ياخشى شەكلى بولۇشى مۇمكىن. مېھىر تائام تاختىيى ئاشخانىلارنىڭ سودىسىنى تېخىمۇ ياخشىلايدۇ، نۇرغۇن كىشىلەر خەير- ساخاۋەت قىلىش ئۈچۈن بولسىمۇ، شۇ ئاشخانىغا كېلىپ تاماق يەيدۇ ھەمدە ئارتۇقراق بۇيرۇتقان تاماقنىڭ تالونىنى مۇشۇ تاختايغا چاپلاپ قويىدۇ، بۇنداق بولغاندا، ئاشخانا ئاچقانلارنىڭ كىرىمىمۇ كۆپىيىدۇ، ھاجەتمەنلەر كىرىپ، تاختايدىكى تالونغا تاماق يېگەنسېرى ئاشخانا ئىناۋىتىمۇ ئۆسىدۇ.

.

     «تېز مېڭىشنىلا ئويلىغانلار يالغۇز ماڭسىمۇ بولىدۇ، يىراققا مېڭىشنى ئويلىغانلار كۆپچىلىك بىلەن بىللە ماڭسۇن»، بۇ يالقۇن ئوسمان دائىم تىلغان ئالىدىغان ھېكمەتلىك سۆزدۇر. ئۇ بۇ سۆزىنىڭ ئىدىيەسى بويىچە، مېھىر تائامنى جەمئىيەتلەشتۈرۈش ئۈچۈن توختاۋسىز تىرىشتى، ئۇنىڭ كۆپچىلىك بىلەن تىرىشىشى نەتىجىسىدە مېھىر تائام مەملىكىتىمىزدىكى بېيجىڭ، تيەنجىن، شاڭخەي، نەنجىڭ، كۈنمىڭ، گۇاڭجۇ، شېنجېن، كەيفېڭ، پۇياڭ، سۇجۇ، يىۋۇ، خاربىن قاتارلىق شەھەر ناھىيەلەرگە كېڭەيدى. خەلق تورى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى تورى قاتارلىق مەركەزنىڭ نوپۇزلۇق تاراتقۇلىرى، شۇنداق مەملىكىتىمىزدىكى باشقا نۇرغۇن تاراتقۇلار مېھىر تائام توغرىسىدا بەس-بەستە خەۋەر بەردى. بۇنىڭ بىلەن مېھىر تائامنىڭ تەسىر كۈچى تېخىمۇ زورايدى.

     ئىچكىرى ئۆلكىدىكى تۇنجى قېتىملىق «مېھىر تائام» پائالىيىتى 2016-يىلى 28-يانۋار گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ لەنجۇ شەھىرىدىكى «يىئېريى» (伊尔伊) كالا گۆشى ئۈگرىخانىسىدا ئىنتايىن قىزغىن ۋە داغدۇغىلىق كەيپىيات ئىچىدە ئۆتكۈزۈلگەن. گەنسۇدا زەنجىرسىمان ئاشخانىلار كۆپ بولۇپ، بىر ئاشخانا ئارقىلىق بىر قاتار ئاشخانىلارنى ھەرىكەتكە كەلتۈرگىلى بولغانلىقتىن، «مېھىر تائام» يولغا قويۇلۇپ 3 كۈن ئىچىدە، 50 نەچچە ئاشخانا مەزكۇر پائالىيەتكە قاتناشقان. لەنجۇدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاشۇ بىر قېتىملىق «مېھىر تائام» پائالىيىتىنىڭ تەسىرىدە، بېيجىڭ، تيەنجىن، شاڭخەي، نەنجىڭ، كۈنمىڭ، خۇنەن، شېنجېن، گۇاڭجۇ قاتارلىق جايلاردىمۇ «مېھىر تائام» يامغۇردىن كېيىنكى بامبۇك نوتىسىدەك بەس-بەستە پەيدا بولغان، بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭنىڭ مۇنبەت تۇپرىقىدا بىخلانغان بۇ مېھىرلىك ساخاۋەت ئۇرۇقلىرى ئۇلۇغ جۇڭخۇا ئېلىنىڭ جاي-جايلىرىغا كەڭرى تارالغان.

.

     مېھىر تائام تۈرى بارغانسېرى تۇغۇلغان كۈن، توي خاتىرە كۈنلىرىدە، شۇنداقلا دەپنە كۈنلىرىدە ئۆتكۈزۈلۈشكە باشلىغان. ئۆتكۈزۈلىدىغان جايلار مېھىر تائامغا ئېھتىياجى نىسبەتەن كۆپ، نامرات ناھىيە، يېزا كەنتلەرنى قاپلاشقا، بولۇپمۇ بۇ رايونلاردىكى دوختۇرخانا، مەكتەپ ئەتراپلىرىغا كۆپرەك مەركەزلىشىشكە يۈزلەنگەن. نۇرغۇنلىغان مېھىرگە تەشنا قەلبلەر بۇ مېھىر بۇلىقىدىن يۈرىكىنى قاندۇرغان.  ھەممەيلەنگە مەلۇم. پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا باش شۇجى شى جىنپىڭ: «پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ كۈچىنى سەپەرۋەر قىلىپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلارنى كەڭ كۆلەمدە يۆلەش ئەندىزىسىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەشنى ئىرادە، ئەقىل جەھەتتىن يۆلەش بىلەن بىرلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، شەرقىي رايون بىلەن غەربىي رايوننىڭ نامراتلارنى يۆلەش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، كۆك نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسىنى نۇقتىلىق ئورۇنداپ، ھەقىقىي نامراتلارنى قۇتۇلدۇرۇش، نامراتلىقتىن ھەقىقىي قۇتۇلدۇرۇش لازىم. خەلق ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىسىنى چىڭ تۇتۇپ، ھەم چامىمىزنىڭ يېتىشىچە ئىشلەپ، ھەم ھالىمىزغا بېقىپ ئىش كۆرۈپ، ئىشنى ئىشقا، يىلنى يىلغا ئۇلاپ ئىشلەش لازىم» دەپ كۆرسەتتى. دېمەك، مېھىر تائام ساخاۋەت تۈرى نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەيدىغان، كەڭ كۆلەمدە يۆلەيدىغان مۇھىم جامائەت پاراۋانلىق تۈرىنىڭ بىرىگە ئايلانماقتا. يۇقىرىقى ئەمەلىي خىزمەت ۋە نەتىجىلەر شىنجاڭلىقلارنىڭ مېھىر تائام ساخاۋەت تۈرىنىڭ 2017-يىلىدىكى مەملىكەت بويىچە 10 چوڭ ساخاۋەت تۈرىنىڭ بىرى بولۇپ باھالىنىشىدىكى مۇھىم تەرەپلەر بولۇشى مۇمكىن. پايتەختىمىز بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىملىق مۇكاپاتلاش پائالىيىتىگە شىنجاڭ، بېيجىڭ، خېنەن قاتارلىق جايلاردىن خەنزۇ، ئۇيغۇر، خۇيزۇ قاتارلىق ھەر مىللەتتىن بولغان 12 كىشى شىنجاڭغا ۋاكالىتەن قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار مۇكاپاتلاش مۇراسىمىدا شىنجاڭنىڭ ئىسمى ئاتالغاندا پەخىرلىنىش ھېسسىياتى ئىچىدە ھاياجان چاۋاكلىرىنى ياڭراتتى. 

    شۇنداق، مېھىر تائام ئۇ مېھىر سىڭگەن تائام، پەقەت مېھىر-مۇھەببەتلا ئىنسانلارنى بىر-بىرىگە باغلاپ تۇرىدۇ. بىر ۋاق ئىسسىق مېھىر تائامى كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى مېھىر-مۇھەببەتنى چىڭىتىدۇ. بىز شۇ مېھىرلىك دىلكەشلەر بىلەن بىرلىكتە مېھىر تېمىغا ھەسسە قوشقان چېغىمىزدىلا بىر خىل چىن مۇھەببەت، مەنىۋىيەت، قۇۋۋەت سىڭگەن بۇ تاماقنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلالايمىز. ئۇنى ئېلىش قانچىلىك ھۇزۇر بولسا، تېتىپ بېقىشمۇ شۇنچە ھۇزۇردۇر.

.

      خۇلاسە كالام، مېھىر تائام شىنجاڭدىن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە تارقالغان ساخاۋەت مەدەنىيىتى سۈپىتىدە ئۆزى بىلەن بىرگە شىنجاڭلىقلارنىڭ ئېسىل ئوبرازىنى جاي-جايلارغا تاراتماقتا، ئۇ شىنجاڭلىقلارنىڭ ئاكتىپ ئېنېرگىيەسىنى تارقىتىشتىكى يەنە بىر مۇھىم تۈرتكىسى بولۇپ قالماقتا. ئىشىنىمىزكى، مېھىر تائام ساخاۋىتىگە قاتناشقان ھەر بىر ساخاۋەت ئىگىسى توغرا تەپەككۇرغا، ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان مېھىر-مۇھەببەت قارىشىغا تايىنىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ، جۈملىدىن جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۆز-ئارا ياردەم بېرىدىغان، قول تۇتۇشۇپ ئورتاق ئىلگىرىلەيدىغان ئېسىل پەزىلىتىنى توختاۋسىز نامايان قىلغۇسى.

مۇناسىۋەتلىك ئولانمىلار

18- نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىي..11-06

مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى قاتارلىق تارماقلار..10-30

19-قۇرۇلتاي جۇڭگو دائىرىسىدىن ھالقىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يۈكسەك دىققەت ئېت..10-19

19-قۇرۇلتاي جۇڭگو دائىرىسىدىن ھالقىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يۈكسەك دىققەت ئېت..10-19

پارتىيەنىڭ مەملىكەتلىك 19–قېتىملىق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈ..10-18

پارتىيەنىڭ مەملىكەتلىك 19–قېتىملىق قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتى دائىمىي ھەيئىتى..10-18

ئاپتونوم رايونىمىزدىن پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان ھەر مىللەت ۋەكىللە..10-18

ئاپتونوم رايونىمىزدىن بارغان پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى كاتتا يىغىنغا كۆڭۈل..10-17

ك پ مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو..10-16

‹‹شى جىنپىڭ ئېيتقان ھېكايىلەر›› ناملىق كىتاب 1 مىليون 500مىڭ پارچىگە يېقىن ت..09-25