UYNTV

سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ بىرىنچى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 04-03-2018 11:43

A-A+

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 4-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:

كۈچنى مۇجەسسەملەپ، دەۋر بىلەن تەڭ مېڭىپ، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، يېڭى پارلاق ئەتىنى يارىتىش نىشانىنى بويلاپ، ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيەدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئاساسى تېمىدا چىڭ تۇرۇپ كېلىۋاتقان خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى يەنە بىر مۇھىم تارىخى پەيتنى كۈتۈۋالدى، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ بىرىنچى يىغىنى تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا ئېچىلدى.

سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىندا بەرگەن خىزمەت دوكلاتىدا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ 19-قۇرۇلتىيىدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسىنى، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۇلۇغ پىلانى چىقىرىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ ئالغا يۆنىلىشى يەنىمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلدى، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى جۇڭگو كومپارتىيەسى 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى زور سىياسىي ۋەزىپە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسيالىزم ئىدىيەسىنى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي پىروگراممىسى قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئورتاق ئىدىيەۋى سىياسىي ئاساسنى پۇختىلاشتىكى ئاساسى ئوق ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسىنى، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشنى خىزمەت ئاساسى لىنىيەسى قىلىپ، مۇقىملىق ئىچىدە ئىلگىرىلەش خىزمەت ئاساسى رېتىمىدا، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە، خەلقنى مەركەز قىلىش تەرەققىيات ئىدىيەسىدە، ئىتتىپاقلىق، دېموكراتىيەدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تېمىدا چىڭ تۇرۇپ، بەشنى بىرگەۋدە قىلىش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش ئىلگىرى سۈرۈپ، تۆت ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، كېڭىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش فۇنكسىيەسىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك، زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

مارتتىكى بېيجىڭ، باھار ئاپتىپىدا ئىللىغان ئىدى، خەلق سارىيىنىڭ ئونمىڭ كىشىلىك چوڭ زالىدا قىزغىن يىغىن كەيپىياتىغا تولغا ئىدى، جۇڭگو سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنىنىڭ گىرىبى رەئىس سەھنىسىنىڭ ئوتتۇرىغا ئېسىلىغان، قىپقىزىل بەش يۇلتۇزلۇق بايراقلار ئىككى تەرەپكە رەتلىك قويۇلغان ئىدى.

سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى بىرىنچى يىغىنىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ئەزا 2158 كىشى، ئەمەلىي قاتناشقىنى 2149 كىشى، بۇ بەلگىلىمىدىكى ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى بىرىنچى يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرىدىن ۋاڭ ياڭ، جاڭ چىڭلى، ليۇ چىباۋ، پابالا.گېلىلاڭجى، دۇڭ جيەنخۇا، ۋەن گاڭ، خې خۇخۇا، لۇ جەنگوڭ، ۋاڭ جېڭۋېي، ما بياۋ، چېن شياۋگۇاڭ، لياڭ جېنيىڭ رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىدىن ئورۇن ئالدى.

پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۇ جېڭشېڭ، جاڭ گاۋلى، لى جەنشۇ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ قاتارلىقلار رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى ۋە يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى.
چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچتە ۋاڭ ياڭ يىغىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى جاكارلىدى، ھەممە ئورنىدىن تۇرۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت شېئىرىنى ئوقۇدى.

سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن يىغىندا ئۆتكەن بەش يىللىق خىزمەتلەرنى دوكلات قىلدى، ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو كومپارتىيەسى 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى بەش يىل پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى ئىنتايىن ئالاھىدە بەش يىل بولدى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي نەتىجە يارىتىپ ۋە تارىخىي ئۆزگىرىش ياساپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى يېڭى دەۋرگە ئېلىپ كىردى.

يۈ جېڭشېڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى:بەش يىلدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكنى كۈچەيتتى، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم مۇھىم سۆز قىلىپ، بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى ھۆكۈم، يېڭى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدىكى چوڭ چوڭ نەزەرىيە مەسىلىلىرى ۋە ئەمەلىي مەسىلىلەرگە ئىلمىي جاۋاب بەردى، ، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك كومىتېتى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى 18-،19-قۇرۇلتايلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيەدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تېمىدا چىڭ تۇرۇپ، مەركەزنى چۆرىدەپ، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىدىيەۋى سىياسىي ئاساسنى پۇختىلاشتىكى ئاساسى ئوق قىلىپ، كېڭىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش قېلىپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دېموكراتىك نازارەتچىلىك فۇنكسىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئىتتىپاقلىق ـ دوستلۇق خىزمىتىنى كېڭەيتىپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىشلىرىنىڭ ۋارىسلىق قىلىشى داۋامىدا راۋاجلىنىشى، راۋاجلىنىش داۋامىدا يېڭىلىق يارىتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىتتىپاق ۋە دېموكراتىك بولغان، ئەمەلىيەتچىل ئالغا باسىدىغان، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىدىغان يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە ئالاھىدىلىكىنى نامايەن قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تەڭداشسىز مۇھىم رول ئوينىدى، مۇھىم تۆھپە قوشتى.

يۈ جېڭشېڭ دوكلاتىدا توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى ئىگىلەش،پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىنى نىشانلاش، خەلقنى مەركەز قىلىش تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، سىياسىي كېڭەشنىڭ كېڭىشىش دېموكراتىيەسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش، بىرلىكسەپ تەشكىلاتىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، تاشقى دوستلۇق ئالاقىسىنى كەڭ دائىرىدە قانات يايدۇرۇش، ئۆز قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىش قاتارلىق 8 جەھەتتىن سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى خىزمىتىنى قايتا ئەسلىدى شۇنداقلا جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ خاراكتېرى ھەمدە ئورنىدا چىڭ تۇرۇش قاتارلىق ئالتە قانۇنىيەتلىك تونۇش ھەمدە تەسىراتىنى يەكۈنلىدى، يەنە بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەر ھەققىدە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسيالىزم ئۇلۇغ ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش قاتارلىق بەش تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ۋەن گاڭ سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن يىغىندا سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ تەكلىپ بېرىش خىزمىتى ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى، ئۇ مۇنداق دېدى: سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى مەزگىلىدە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، سىياسىي كېڭەش قاتناشقان ھەرقايسى ئورۇن ۋە ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلار تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ، ئەدلىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، ئاتموسفېرا، سۇ، تۇپراقنىڭ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزەش قاتارلىق زور مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، 29378 تەكلىپ لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، تەكشۈرۈش ئارقىلىق 23975 ئى تۇرغۇزۇلدى، 2018-يىلى 20-فېۋرال بېجىرىپ جاۋاب قايتۇرۇش نىسبىتى%99 گە يەتتى. مۇتلەق كۆپ قىسىم تەكلىپ لايىھەسىدىكى تەكلىپ ۋە پىكىرلەر قوبۇل قىلىندى ياكى تەدرىجىي ئەمەلىيلەشتۈرۈلمەكتە.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى تەكلىپكە بىنائەن يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا سىرتتىن قاتناشتى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئېلىمىزدە تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى، ئاخبارات ئەمەلدارلىرى ۋە چەتئەللەردىكى مۇھاجىر قېرىنداشلار تەكلىپكە بىنائەن ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.