UYNTV

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنى ئېچىلدى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 06-03-2018 10:56

A-A+

1

 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنى 5-مارت چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدىكى خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. ئېچىلىش يىغىنىنىڭ قارالمىسى-ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتىنى ئاڭلاش، پىلان دوكلاتىنى تەكشۈرۈش، خامچوت دوكلاتىنى تەكشۈرۈش، ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمە لايىھەسىگە ئالاقىدار ئىزاھاتنى ئاڭلاشتىن ئىبارەت تۆت تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالدى.

يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، ئىجرائىيە رەئىسى لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، جاڭ گاۋلى، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ ۋە يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئەزالىرى رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل 2980 ئىدى، 5-مارت چۈشتىن بۇرۇنقى يىغىنغا 2970 ئادەم قاتناشتى، ئون ئادەم قاتنىشالمىدى، يىغىنغا قاتناشقان ئادەم سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن سانغا ئۇيغۇن بولدى.

چۈشتىن بۇرۇن سائەت توققۇزدا، لى جەنشۇ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنى باشلاندى دەپ جاكارلىدى. ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، ھەربىي ئوركېستىرنىڭ تەڭكەش قىلىشى ئارقىسىدا دۆلەت شېئىرىنى ئۈنلۈك ئوقۇدى.

يىغىننىڭ قارالمىسىغا ئاساسەن، لى كېچياڭ گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن يىغىندا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى. دوكلات مۇنداق ئۈچ قىسىمغا بۆلۈندى: 1-ئۆتكەن بەش يىللىق خىزمەتلەرنى ئەسلەش؛ 2-2018-يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە سىياسەت يۈزلىنىشى؛ 3-2018-يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىگە بولغان تەكلىپ.

12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىدىن بۇيانقى بەش يىل-ئېلىمىزنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى ئالاھىدە بەش يىل بولدى. لى كېچياڭ توققۇز جەھەتتىن ئۆتكەن بەش يىللىق خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلەپ ئۆتۈپ مۇنداق دېدى: مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي روھىدا چىڭ تۇرۇپ، ماكرولۇق تەڭشەپ تىزگىنلەشتە تېرىشىپ يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ مۇۋاپىق ئارىلىقتا يۈرۈشۈشىنى ساقلاپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىشنى ئىشقا ئاشۇردۇق؛ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى قۇۋۋەتنى تېرىشىپ يېتىشتۈرۈپ ۋە زورايتىپ، ئىقتىساد قۇرۇلمىسىنى تېزدىن سەرخىللاشتۇردۇق ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈردۇق؛ يېڭىلىق يارىتىشنى تەرەققىياتقا يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ ئىجادچانلىقىنى تېرىشىپ ئۇرغۇتۇپ، ئومۇمىي يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ۋە ئۈنۈمىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردۇق؛ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈزۈلمە مېخانىزم ئىللەتلىرىنى تېرىشىپ تۈگىتىپ، تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتۇق؛ سىرتقا ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت تۈپ دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئېلىشنى تېرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئوچۇق ئىقتىساد سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردۇق؛ رايونلارنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تەڭپۇڭ تەرەققىياتقا تېرىشىپ تۈرتكە بولۇپ، يېڭى ئېشىش قۇتۇپى، ئېشىش بەلبېغىنى تېزدىن يېتىشتۈردۇق؛ خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا تېرىشىپ كاپالەتلىك قىلىپ ۋە ئۇنى ياخشىلاپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردۇق؛ ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق تەرەققىياتىدا چىڭ تۇرۇپ، مۇھىت بۇلغىنىشنى تېرىشىپ تۈزەپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلدۇق؛ ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئادا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى تېرىشىپ كۈچەيتىپ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، جەمئىيەت ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ساقلىدۇق.

لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بەش يىلنى ئەسلىسەك، نۇرغۇن زىددىيەتلەر قاتمۇ-قات گىرەلىشىپ، تۈرلۈك خېيىم-خەتەرلەر ۋە خىرىسلار كەينى-كەينىدىن كۆرۈلدى، ئىچكى-تاشقى جەھەتتە، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيان يولۇقۇپ باقمىغان نۇرغۇن ئەھۋاللار كۆرۈلدى، بۇنداق شارائىتتا، ئېلىمىزنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىنىڭ قولغا كېلىشى ئاسانغا توختىغىنى يوق. بۇ-يولداش شى جىنپىڭ يادرولىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى كۈچلۈك رەھبەرلىك قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىك قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى.

لى كېچياڭ دوكلاتتا 2018-يىللىق تەرەققىياتنىڭ مۇنداق ئاساسلىق كۆزلىمە نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويدى: ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى %6.5 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش؛ ئاھالە ئىستېمال باھاسىنىڭ ئۆرلەش نىسبىتىنى %3 ئەتراپىدا تىزگىنلەش؛ شەھەر-بازارلاردا 11 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، شەھەر-بازارلاردا ئېنىقلانغان ئىشسىزلىق نىسبىتىنى %5.5 تىن، شەھەر-بازارلاردا تىزىمغا ئېلىنغان ئىشسىزلىق نىسبىتىنى %4.5 تىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىك؛ ئاھالە كىرىمىنى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن تەڭ قەدەمدە ئاشۇرۇپ بېرىش؛ ئىمپورت-ئېكسپورتنى مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلاپ، خەلقئارا كىرىم-چىقىمنى ئاساسەن تەڭپۇڭلاشتۇرۇش؛ بىرلىك ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى %3 تىن كۆپرەك تۆۋەنلىتىپ، ئاساسلىق بۇلغىمىلارنىڭ چىقىرىلىشىنى داۋاملىق ئازايتىش؛ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتتا ماھىيەتلىك نەتىجە ھاسىل قىلىش، ماكرو پىشاڭ نىسبىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ئاساسىي جەھەتتىن ساقلاپ، تۈرلۈك خەۋپ-خەتەردىن ئۈنۈملۈك ۋە تەرتىپلىك مۇداپىئەلىنىش ھەم ئۇنى تىزگىنلەش.

لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: بىز 2018-يىللىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشتە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئىقتىساد ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي روھىدا چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق بىلەن ئىلگىرىلەشنى بىر پۈتۈن گەۋدە سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، تۆۋەندىكى بىر نەچچە نۇقتىغا ئەھمىيەت بېرىمىز: 1-يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇش؛ 2-ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سالمىقىنى زورايتىش؛ 3-ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش كۈرىشىنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش.

لى كېچياڭ يەنە ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، مىللەت، دىن ۋە مۇھاجىرلار خىزمىتى، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ تەرەققىياتى ھەم ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى، ئېلىمىزنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىنى شەرھلىدى.

يىغىننىڭ قارالمىسىغا ئاساسەن، يىغىندا 2017-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2018-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى لايىھەسى ھەققىدىكى دوكلات ھەمدە 2018-يىللىق پىلان لايىھەسى، 2017-يىللىق مەركەز خامچوتى ۋە يەرلىك خامچوتنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2018-يىللىق مەركەز خامچوتى ۋە يەرلىك خامچوت لايىھەسى ھەققىدىكى دوكلات ھەمدە 2018-يىللىق خامچوت لايىھەسى تەكشۈرۈلىدۇ.

يىغىندا 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قوشۇمچە باش كاتىپى ۋاڭ چېننىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمە لايىھەسى ھەققىدىكى ئىزاھاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، ئازادلىق ئارمىيەنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرى، ھەر قايسى خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى ياكى يىغىننى سىرتتىن ئاڭلىدى.

ھەر قايسى ئەللەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرى يىغىننى سىرتتىن ئاڭلىدى.