UYNTV

مىنىستىرلار كارىدورى جەمئىيەتتىكى قىزىق نۇقتىلارغا جاۋاب بەردى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 07-03-2018 12:41

A-A+

ئالتە مىنىستىرلىق كومىتېتنىڭ مەسئۇللىرى 5-مارت چۈشتە ئىككى يىغىن «مىنىستىرلار كارىدورى»دا نەق مەيداندىكى مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

«مىنىستىرلار كارىدورى»غا تۇنجى بولۇپ چىققان سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى مياۋ ۋىي تورداشلارغا نۇرغۇن ياخشى ئۇچۇرلارنى يەتكۈزدى، ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ يىل يانفون ئېقىمىنىڭ كەزمە ھەققى بىكار قىلىنىپلا قالماستىن يەنە كۆچمە ئېقىم مىقدارىنىڭ ھەققى 30 پىرسەنتتىن كۆپرەك تۆۋەنلىتىلدى.

«مىنىستىرلار كارىدورى» چىقارغان ياخشى سادالار بۇلا ئەمەس. سودا مىنىستىرى جۇڭ شەن مۇنداق دېدى: 2018-يىلى ئىلىمىز دۇنيادىكى بىرىنچى چوڭ سودا دۆلىتىدىن سودىدا كۈچلۈك دۆلەتكە قاراپ ئىلگىرىلەيدۇ. قاتناش تىرانسپورت مىنىستىرى لى شياۋپېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل تۆت ياخشى يېزا يولى قۇرۇلۇشىغا داۋاملىق تۈرتكە بولىنىدۇ، بېيجىڭ-شۇڭئەن شەھەرلەر ئارا تۆمۈر يولى قاتارلىق نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلاردىمۇ ئىش باشلىنىدۇ. يېزا ئىگىلىك مىنىستىرى خەن چاڭفۇ كۆپچىلىككە تېخىمۇ ھاياتى كۈچكە تولغان يېشىل يېزا ئىگىلىكى بەرپا قىلىپ، يېزا-قىشلاقلارنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى تېزلىتىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەردى. گوۋۇيۈەن تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جاڭ جىجۈن مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى: گوۋۇيۈەن تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسى بىلەن دۆلەت تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى قاتارلىق 29 تارماق ئىككى قىرغاقنىڭ ئىقتىساد مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدىكى 31 تەدبىرنى ئېلان قىلدى، تەيۋەندىكى كارخانا، تەيۋەن مەبلىغى كارخانىسى ۋە تەيۋەنلىك قېرىنداشلار چوڭ قۇرۇقلۇق كارخانىسى ۋە چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى قېرىنداشلارغا ئوخشاش تەمىناتتىن بەھرىمەن بولىدۇ.

بىر سائەتتىن كۆپرەك ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىش جەريانىدا مىنىستىرلار ۋە نەق مەيداندىكى مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرى تۈگىمىدى، 9-مارت «مىنىستىرلار كارىدورى» يەنە بىر قېتىم ئېچىۋېتىلىدۇ.

 

مۇناسىۋەتلىك ئولانمىلار