UYNTV

شى جىنپىڭ نېمە ئۈچۈن ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدا سايلىنىدۇ

تەھرىر : خەمىت مەسخوت | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 09-03-2018 14:53

A-A+

 

.

.

5-مارت چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئۆزى تۇرۇشلۇق 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى.

بۇ يىل 30-يانۋار، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق 13-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىدا، مەركەز كۆرسەتكەن ۋەكىل نامزاتى يولداش شى جىنپىڭ تولۇق ئاۋاز بىلەن 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىكىگە سايلاندى.

ھېلىمۇ ئېسىمىزدە، بۇندىن بەش يىل مۇقەددەم، يەنى 2013-يىلى، شى جىنپىڭ شاڭخەي شەھرىدە 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىكىگە سايلانغانىدى. بۇ قېتىم، باش شۇجى نېمە ئۈچۈن ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدا ۋەكىل سايلىمىغا قاتنىشىدۇ؟ قاراپ چىقىش داۋامىدا، باش شۇجى قانداق ئېسىل سۆزلەرنى قىلدى، بۇ بىزگە قانداق مۇھىم ئۇچۇرلارنى يەتكۈزىدۇ؟

سايلامغا ئىچكى موڭغۇلدا قاتنىشىشنىڭ سەۋەبى نېمە؟

بۇ سوئالغا باش شۇجى مۇنداق جاۋاب بەردى:

”13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرىنى سايلىغاندا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەركىزىي كومىتېتتىكى رەھبىرىي يولداشلار كونا ئىنقىلابىي تايانچ بازا رايونلىرى، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى، چېگرا رايونلار، نامرات رايونلارنى تاللاپ سايلامغا قاتناشسۇن دەپ ئوتتۇرىغا قويدى. مەن سايلامغا قاتنىشىدىغان رايونغا ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنى تاللىدىم، بۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەت، چېگرا رايونلىرىغا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، تەرەققىياتى ئارقىدا قالغان رايونلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، نامراتلىقنى تۈگىتىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىرادىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدۇ.“



ئۆتكەن يىلى پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ئېچىلىش ئالدىدا، شى جىنپىڭ گۇيجۇ ئۆلكىسىدە 19-قۇرۇلتاي ۋەكىللىكىگە سايلانغانىدى. مەيلى پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىل سايلىمى بولسۇن، ياكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىل سايلىمى بولسۇن، تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا مەركەز رەھبەرلىرىنىڭ سايلام رايونلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىغا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چوڭقۇر سىياسىي ئويى سىڭدۈرۈلگەن.

باش شۇجى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئاساسىي مەيدانى، چېگرا بويىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايوننى باشلامچىلىق بىلەن تاللاپ، شۇ جاينىڭ سايلىمىغا قاتنىشىپ، پۈتۈن پارتىيەگە ئۈلگە يارىتىپ بەردى. بۇ باش شۇجىنىڭ كونا ئىنقىلابىي تايانچ بازا رايونلىرى، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى، چېگرا رايونلار، نامرات رايونلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدۇ، شۇنداقلا بۇ ئۇنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن قۇيۇق مۇناسىۋەت باغلىغانلىقىنىڭ جانلىق كارتىنىسىدۇر.



شى جىنپىڭنىڭ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدىكى ئىزلىرى

ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى ئېلىمىزدە ئەڭ دەسلەپ قۇرۇلغان مىللىي ئاپتونوم رايون، شۇنداقلا پارتىيەنىڭ مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمى ئەڭ دەسلەپ يولغا قويۇلغان جاي. ئۇ ۋەتىنىمىزنىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، ئىچكى جەھەتتە سەككىز ئۆلكە، ئاپتونوم رايون بىلەن، تاشقى جەھەتتە روسىيە ۋە تاشقى موڭغۇلىيە بىلەن تۇتىشىدۇ. بۇ جايدا 55 مىللەت ياشايدۇ. ئۇنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم.

شى جىنپىڭ بۇ گۈزەل ھەم بىپايان ماكانغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن.

2009-يىل 8-ئايدا، شى جىنپىڭ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىغا تەكشۈرۈشكە بېرىپ، خۇلۇنبېر، مانجۇر، باۋتۇ، ئوردۇس، كۆكخوت قاتارلىق جايلارنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسىنى ھەقىقىي تۈردە ھەل قىلىپ، خەلق رايىغا ياتىدىغان، خەلقنى غەمدىن خالاس قىلىدىغان، خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى كۆپەيتىدىغان ئەمەلىي، ياخشى ئىشلارنى كۆپرەك قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات مىۋىلىرىدىن بەھرىمەن قىلىش توغرىسىدا كۆرسەتمە بەردى.

2014-يىللىق چاغان ھارپىسىدا، شى جىنپىڭ زىمىستان سوغۇققا قارىماي ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىغا بېرىپ، چېگرا بويىدىكى قاراۋۇلخانىلارنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، قىشلىق نادام پائالىيىتىگە داخىل بولۇپ، كارخانىلار، مەھەللىلەرنى ئارىلاپ، ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيەلىك كادىرلار، پاراۋانلىق ئورنىدىكى بالىلار، قىيىنچىلىقتا قالغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى يوقلاپ ۋە ئۇلاردىن ھال سوراپ، ئۈچ ئايماق شەھەرگە بېرىپ نەچچە مىڭ كىلومېتىر يول يۈردى.

2017-يىل 7-ئاينىڭ 30-كۈنى، ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىق خاتىرىسى ھارپىسىدا، شى جىنپىڭ ئىچكى موڭغۇل جۇرىخ بازىسىدا يېشىل ئالا-بۇلىماچ كىيىم كىيىپ، دالا ئاپتوموبىلىغا ئولتۇرۇپ دالا ئۇرۇشى قىسمىنى كۆزدىن كەچۈردى.باش شۇجى شى جىنپىڭ بىلەن ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدىكى ئامما توغرىسىدا يەنە نۇرغۇن ئېسىل ھېكايىلەر بار. بۇ ھېكايىنىڭ ھەر بىرى باش شۇجىنىڭ خەلققە قويۇق مۇھەببەت باغلىغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.

2009-يىلى شى جىنپىڭ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنى كۆزدىن كەچۈرۈۋېتىپ، پىنسىيەگە چىققان كادىر ياڭ جۇڭلىنىڭ ئائىلىسىگە كېلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭدىن مەھەللە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا قانداق پىكىرى بارلىقىنى سورايدۇ. 2014-يىلى ئۇ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىغا تەكشۈرۈشكە بارغاندا، 2004-يىلى كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان موڭغۇل كادىر نيۇ يۈرۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى مەخسۇس يوقلايدۇ.

2017-يىل 8-ئايدا، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋالىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ ”كۆركەم، گۈزەل ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنى بەرپا قىلىپ، ئۇلۇغ جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق روياپقا چىقىرايلى“ دەپ بېغىشلىما يېزىپ، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى سەمىمىي ئىتتىپاقلىشىپ، جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ.

شۇ يىلى 11-ئايدا، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى سونىد ئوڭ خوشۇنىدىكى ئۇلانمۇچىر ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتىنى تاپشۇرۇۋالىدۇ. باش شۇجى ئۇلارنى شارائىتقا ماس كېلىدىغان، ئامما ئارىسىدا تارقىلىدىغان ھەمدە ئۇزاق ساقلىنىدىغان تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى تىرىشىپ ئىجاد قىلىپ، يايلاقتىكى مەڭگۈلۈك ”ئاتلىق قىزىل مەدەنىيەت، سەنئەت جەڭچىسى“ بولۇشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ.

ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى قانداق تەرەققىي قىلىدۇ؟ يولىنى باش شۇجى دەپ بەردى

5-مارتتىكى قاراپ چىقىش يىغىنىدا، شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ”ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى تەرەققىياتتا قوي، كۆمۈر، تۇپا، گاز دېگەنلەرگىلا ئېسىلىۋالسا بولمايدۇ، يېڭى كەسىپ، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ئېشىش نۇقتىلىرىنى كۆپلەپ يېتىشتۈرۈش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىشنىڭ قىلىدىغانلىرى بولىدۇ، قىلمايدىغانلىرى بولىدۇ، ئىشنى ھايت-ھويت بىلەن يۇپۇرۇلۇپلا باشلاپ كېتىشكىمۇ بولمايدۇ، بۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەك.“

بۇ يەردىكى قوي، كۆمۈر، تۇپا، گاز قاتارلىقلار يېزا ئىگىلىك، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى، كۆمۈر، سىيرەك تۇپراق، تەبىئىي گاز قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. بۇلار ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ مول تەبىئىي بايلىقى ھېسابلىنىدۇ. ئەمما، بايلىق ھامان چەكلىك بولىدۇ، ھەددىدىن زىيادە ئېچىشتىن مۇھىت بۇزۇلۇشقا ئوخشاش نۇرغۇن مەسىلىلەر كېلىپ چىقىدۇ.

بۈگۈنكى كۈندە ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى ئىقتىسادىنىڭ سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلىقنى تۈگىتىش جېڭىنى ياخشى قىلىش ئۈچۈن قانداق قىلىشى كېرەك؟ باش شۇجى بۇنىڭ ئۈنۈملۈك چارىسىنى مۇنداق دەپ بەردى:

−ئىقتىسادنىڭ سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، مۇھىم نۇقتىنى ئىقتىساد قۇرۇلمىسىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە قويۇپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنى ئەمەلىي، كۈچلۈك، ئېسىل بەرپا قىلىش كېرەك.

−تەرەققىياتى كۆپ مەنبەلىك، تېرىكى كۆپ قۇتۇپلۇق يېڭىچە زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى ھاسىل قىلىش كېرەك.

−زامانىۋى ئېنېرگىيە ئىقتىسادىدىن ئىبارەت بۇ تېمىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

−ئېكولوگىيە ۋە مۇھىتنى ئاسراش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، يايلاق قاتارلىقلارنى بىر تۇتاش تۈزەش كېرەك.

−نامراتلىقنى تۈگىتىش جېڭىنى ياخشى قىلىشتا، مۇھىم ھالقا ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىقنى تۈگىتىش جېڭىنى ياخشى قىلىش، مۇھىم ھالقا نامرات نوپۇس مەركەزلەشكەن يېزا-كەنتلەرنى ئېچىش.

−ئېغىر كېسەللەرنى كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كېتىش مەسىلىسىنى ئوبدان ھەل قىلىش.

−نامراتلىقنى تۈگىتىش بىلەن يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈش كېرەك...

باش شۇجى ھەر مىللەت ۋەكىللىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولغان شۇ پەيتىدە، سەمىمىي ۋە چوڭقۇر مەنىلىك بىلەن مۇنداق دېدى: جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مەھكەم تۇرغۇزۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئانار دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋەتەن چېگراسىنى ئورتاق قوغدايلى، گۈزەل تۇرمۇشنى ئورتاق يارىتايلى.“

باش شۇجىنىڭ غەمخورلۇقى ھەش-پەش دېگۈچە بىپايان ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىغا تارالدى. بىز ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ ۋە ئورتاق مۇھاپىزەت قىلىپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى نەتىجىسىدە، ۋەتىنىمىزنىڭ كۆركەم شىمالىي چېگراسىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل، يارقىن لىنىيەگە ئايلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز!