UYNTV

@مەمۇرلار،ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتىدىكى بۇسۆزلەرنى ئەستە چىڭ تۇتۇڭ

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 09-03-2018 18:02

A-A+

بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەرەققىياتنى كۆزلەش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپلا قالماستىن، يەنە ئۇنىڭدىكى نۇرغۇن بايانلار بولۇپمۇ دۆلەت مەمۇرلىرىنىڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە يۈنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. بۇ بايانلار ھەر بىر دۆلەت مەمۇرىنىڭ مەھكەم ئەستە ساقلىشىغا ئەرزىيدۇ!

 

xxx

1.شۇنى سەگەكلىك بىلەن تونۇش كېرەككى، ئېلىمىز ھېلىھەم سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ ھەم ئۇزاققىچە تۇرىدۇ، ئۇ ھېلىھەم دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت، تەرەققىياتنىڭ تەكشى، تولۇق بولماسلىقىغا دائىر بەزى گەۋدىلىك مەسىلىلەر تېخى ھەل بولغىنى يوق.

2.بەزى كادىرلارنىڭ مۇلازىمەت ئېڭى ۋە قانۇن ئىدارە قىلىش ئېڭى كۈچلۈك، خىزمەت ئىستىلى دۇرۇس، زىممىسىگە ئېلىش روھى يېتەرلىك ئەمەس. ئۇلاردا شەكىلۋازلىق، بيۇروكراتلىق ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ساقلانغان.

3.تارىخنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا، ئىدىيەدە ئازاد بولۇشىمىز، ئىسلاھاتنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشىمىز، ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىشىمىز كېرەك.

4.ساختىلىق، يالغانچىلىق قىلمىشلىرىنىڭ ئەدەپ كېتىشىگە، قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلارنىڭ يەۋىلىش، ئېلىۋېلىش، قىسىۋېلىش، تەلەپ قىلىش قىلمىشلىرىغا قەتئىي يول قويۇلمايدۇ.

5.”ئالاقە تورى + مەمۇرىيەت مۇلازىمىتى“نى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ، تېخىمۇ كۆپ ئىشلار توردا بېجىرىلىدىغان بولىدۇ. نەق مەيدانغا كېلىپ بېجىرمىسە بولمايدىغانلىرىدا ”بىرلا ئىشىكتىن كىرىپ“، ”ئەڭ كۆپ بولغاندا بىرلا قېتىم قاتراپ بېجىرىش“ تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

6.يېڭىق يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش روھىغا يات كونا قائىدە-تۈزۈملەرنى چىڭ تۇتۇپ تۈزىتىش ۋە بىكار قىلىش؛ يېڭىلىق يارىتىش ئىجادكارلىقىنى ئۇرغۇتۇشقا توسالغۇ بولىدىغان ئوشۇقچە قائىدە-تەرتىپلەرنى قەتئىي ئىرادە بىلەن يوق قىلىش كېرەك.

7.خەلققە ياقىدىغان، پاك، يېڭىچە مەمۇرىيەت-سودا مۇناسىۋىتىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، كارخانىچىلارنى كارخانىغا چېتىلىدىغان سىياسەتلەرنى تۈزۈشكە قاتناشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

8.نامراتلىقنى تۈگىتىشنىڭ ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىلگىرىلەش سۈرئىتى ۋە سۈپىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. نامراتلىقنى تۈگىتىش ئاممىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىشى، تارىخنىڭ سېنىقىغا بەرداشلىق بېرەلىشى كېرەك.

9.تەرەققىيات ئاساسىدا خەلققە پايدىلىق ئەمەلىي ئىشلارنى كۆپرەك ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، خەلق تۇرمۇشىدىكى قىيىن ئىشلارنى كۆپرەك ھەل قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىنىڭ تۆۋەن چېكىنى مەھكەم ئىگىلەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.

10.كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى پۈتۈن نىيەت-ئىشتىياق بىلەن ياخشى ئىشلەيمىز. قىيىنكەن دەپ ئىتتىرىپ قويۇشقا، بوشاڭلىق قىلىشقا، كىچىك ئىشكەن دەپ تاشلاپ قويۇشقا بولمايدۇ. قىيىنچىلىقتا قالغان ھەر بىر ئادەمنى جەمئىيەتنىڭ غەمخورلۇقىغا ۋە ئىللىقلىقىغا ئېرىشتۈرىمىز.

11.قانۇننى ئادىل، مەدەنىي ئىجرا قىلىش ھەرىكىتىنى چىڭ تۇتۇپ قېلىپلاشتۇرىمىز. ھوقۇقۇم دەپ ئەزۋەيلەشكە بولمايدۇ، ھوقۇق ئىشلىتىش جەزمەن نازارەت ئاستىدا بولىدۇ.

12.ھۆكۈمەت ئىشەنچنى ئاقلىشى، ۋەدىسىدە تۇرۇشى كېرەك، ”يېڭى ئەمەلدار كونا ھېسابنى باستۇرۇپ قويىدىغان“ قىلمىشلارغا قەتئىي يول قويۇلمايدۇ.

13.خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بارلىق خىزمىتىدە خەلقنىڭ ئارزۇسى گەۋدىلىنىشى كېرەك. خىزمەتنىڭ ياخشى ئىشلەنگەن ياكى ئىشلەنمىگەنلىكىدە ئەمەلىي ئۈنۈم بىلەن ھېسابلىشىش، ئاخىرىدا باھانى خەلق بېرىشى كېرەك.

14.ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى پاك-دىيانەتلىك، ساپالىق، تىرىشچان، مەسئۇلىيەتچان بولۇشى، خەلق ئۈچۈن پاك ئىشلىشى، خەلقنىڭ چاكىرى دېگەن نامغا قەتئىي داغ چۈشۈرمەسلىكى كېرەك.

15.جۇڭگونىڭ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىدىكى بارلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر ئىشلەشتىن كەلگەن. ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ خىزمەتچىلىرىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، خەلق ئۈچۈن ئىشلەش بۇرچ، خەلق ئۈچۈن ئىشلىمىگەنلىك خىزمىتىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىغانلىقتۇر.

16.رىغبەتلەندۈرۈش ۋە چەك قويۇش، خاتالىقىنى بولدى قىلىش ۋە تۈزىتىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بايراق روشەن ھالدا بېلىنى چىڭ باغلاپ ئىشلەيدىغانلارغا تېرەك بولۇش ۋە مەدەت بېرىش، خىزمەتكە يارىمايدىغان ۋە سۇسلۇق قىلىدىغانلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.

17.ھە دېسە ئىپادە بىلدۈرۈپ يوقىرى ئاۋازدا داۋراڭ سالىدىغان، ئىشنى ئاز قىلىپ ناچار ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان، ئورۇننى ئىگىلىۋېلىپ بىكار يۈرىدىغان قىلمىشلارغا قەتئىي يول قويۇلمايدۇ.

18.قىلىۋاتقان خىزمەتلىرىمىزنىڭ ھەممىسى خەلق ئۈچۈندۇر.


مۇناسىۋەتلىك ئولانمىلار