UYNTV

سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13–نۆۋەتلىك كومىتېتى 1–يىغىنى 2–ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : شىنجاڭ گېزىتى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 13-03-2018 11:57

A-A+

 

 ۋاڭ ياڭ يىغىنغا قاتناشتى

  سىياسىي كېڭەش نىزامنامىسىنىڭ تۈزىتىلمىسى لايىھەسى توغرىسىدىكى ئىزاھات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى

  13 ئەزا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىقتىسادنى يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ سۆز قىلدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 – ئاينىڭ 8 – كۈنى تېلېگراممىسى. سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 – يىغىنى 3 – ئاينىڭ 8 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا 2 – ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى، يىغىننىڭ ئاساسلىق قارالمىسى جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى نىزامنامىسىنىڭ تۈزىتىلمىسى (لايىھە) توغرىسىدىكى ئىزاھاتنى ئاڭلاش، چوڭ يىغىندا سۆزگە چىقىش بولدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 – يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى يىغىنىنىڭ رىياسەتچىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  ليۇ چىباۋ، پابالا گېليېلاڭجيې، ۋاڭ جېڭۋېي يىغىننىڭ ئىجرائىيە رەئىسلىرى بولدى. يىغىنغا ليۇ چىباۋ رىياسەتچىلىك قىلدى، ئۇ مۇنداق دېدى: بۈگۈن خەلقئارا ئەمگەكچى ئاياللار بايرىمى، بىز بارلىق ئايال ئەزالار، ئايال يولداشلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلەيمىز.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، دۆلەت كومىسسارى گو شېڭكۈن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا ئالدى بىلەن سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، قوشۇمچە باش كاتىپ جاڭ چىڭلى بەرگەن جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى نىزامنامىسىنىڭ تۈزىتىلمىسى (لايىھە) توغرىسىدىكى ئىزاھات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  جاڭ چىڭلى سىياسىي كېڭەش نىزامنامىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتى ئەھۋالى، تۈزىتىش كىرگۈزۈش پىرىنسىپى، تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ئاساسىي مەزمۇنلار توغرىسىدا ئىزاھات بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي كېڭەش نىزامنامىسىگە مۇۋاپىق پەيتتە تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى قارار قىلدى. بۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە نىزامنامىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش، ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ۋە سىياسىي كېڭەش نىزامنامىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى زور ئىش. سىياسىي كېڭەش نىزامنامىسى يېڭى ۋەزىيەتكە ئۈزلۈكسىز ماسلىشىپ، يېڭى تەجرىبىلەرنى قوبۇل قىلىپ، يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىپ، يېڭى قائىدىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغاندىلا، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىگە تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ. تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى سىياسىي كېڭەش نىزامنامىسىنىڭ ئومۇمىي مۇقىملىقى ساقلاپ قېلىندى، قىسمەن باب ۋە پاراگرافلار كۆپەيتىلدى، قىسقارتىلدى، چوڭ – چوڭ بايانلار مۇكەممەللەشتۈرۈلدى.

  ئارقىدىن سىياسىي كېڭەشنىڭ 13 ئەزاسى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىقتىسادنى يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ چوڭ يىغىندا سۆزگە چىقتى.

  سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 – يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرىدىن دۇڭ جيەنخۇا، خې خوۋخۇا، لۇ جەنگۇڭ، ما بياۋ، چېن شياۋگۇاڭ، لياڭ جېنيىڭ يىغىنغا قاتناشتى.