UYNTV

13–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1–يىغىنى 2–ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : شىنجاڭ گېزىتى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 13-03-2018 11:50

A-A+

 شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى

  يىغىندا ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە قاراپ چىقىلدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 – ئاينىڭ 9 – كۈنى تېلېگراممىسى. 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنى 3 – ئاينىڭ 9 – كۈنى 2 – ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى، يىغىندا ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە قاراپ چىقىلدى.

  شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىنغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل 2980، ئەمەلىي قاتناشقىنى 2960، قاتنىشالمىغىنى 20، قاتناشقان ئادەم سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

  ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جوۋ چياڭ ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئۆتكەن بەش يىلدىكى ئاساسلىق خىزمەتلىرىنى مۇنداق توققۇز جەھەتتىن دوكلات قىلدى: بىرىنچى، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، تىنچ جۇڭگو قۇرۇلۇشى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلدى؛ ئىككىنچى، قانۇننى قاتتىق، ئادىل يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، ئىنسانىي ھوقۇققا ئالاقىدار قانۇن يۈرگۈزۈشنى كاپالەتلەندۈرۈش كۈچەيتىلدى؛ ئۈچىنچى، يېڭى تەرەققىيات قارىشى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىشقا مۇلازىمەت قىلىندى؛ تۆتىنچى، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان كۆپ مەنبەلىك ئەدلىيە تەلىپى تىرىشىپ قاندۇرۇلدى؛ بەشىنچى، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، ‹‹ئىجرا قىلىش قىيىن بولۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلىش››تا زور ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى؛ ئالتىنچى، ئەدلىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، سوتلاش سىستېمىسى ۋە سوتلاش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلدى؛ يەتتىنچى، ئەقلىي سوت مەھكىمىسى قۇرۇلۇشى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئوچۇق ھالەتتىكى ئېنىق بولغان خەلققە قولاي ئاشكارا ئەدلىيە تۈزۈلمىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈرۈلدى؛ سەككىزىنچى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، خەلق سوت مەھكىمىسىنى قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان خەلق سوت مەھكىمىسى قوشۇنى بەرپا قىلىندى؛ توققۇزىنچى، نازارەت ئاڭلىق قوبۇل قىلىنىپ، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەتلىرى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى.

  جوۋ چياڭ 2018 – يىللىق خىزمەت تەكلىپى توغرىسىدا تۆۋەندىكى يەتتە جەھەتتىن دوكلات بەردى: بىرىنچى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرىمىز؛ ئىككىنچى، جىنايەتچىلەرنى قانۇن بويىچە جازالاپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغدايمىز؛ ئۈچىنچى، ئىقتىسادىي ساھەدىكى تۈرلۈك دېلولارنى قانۇن بويىچە قاراپ چىقىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلىشىغا ياخشى قانۇنچىل مۇھىت ھازىرلايمىز؛ تۆتىنچى، ئەدلىيەدە خەلقنى كۆزلەشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى ھەقىقىي قوغدايمىز؛ بەشىنچى، ئەدلىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز؛ ئالتىنچى، ئەدلىيەدە ئاشكارا بولۇشنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاقىل سوت مەھكىمىسى قۇرۇشنى تېزلىتىمىز؛ يەتتىنچى، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان قوشۇن قۇرۇپ، ئەدلىيەدە ئادىل، پاك بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.

  ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى ساۋ جيەنمىڭ ئۆتكەن بەش يىللىق تەپتىش خىزمىتىنى تۆۋەندىكى يەتتە جەھەتتىن ئەسلەپ ئۆتتى: بىرىنچى، تىنچ جۇڭگو قۇرۇلۇشى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى، خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى؛ ئىككىنچى، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىنىپ، خەلق تۇرمۇشى كاپالەتلەندۈرۈلدى؛ ئۈچىنچى، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، ‹‹يولۋاس››قىمۇ، ‹‹چىۋىن››گىمۇ زەربە بېرىش، ‹‹تۈلكە ئوۋلاش›› قەتئىي تەۋرەنمەي داۋاملاشتۇرۇلدى؛ تۆتىنچى، دەۋا پائالىيىتى ئۈستىدىكى قانۇن نازارەتچىلىكى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىلىپ، ئەدلىيە ئادىللىقى ھەقىقىي قوغدالدى؛ بەشىنچى، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بوشاشماي چىڭ تۇتۇلۇپ، ئەدلىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش تېزلىتىلدى؛ ئالتىنچى، بازغانچىنىڭ بېلى چىڭ بولۇش ئەستە چىڭ ساقلىنىپ، تەپتىش ئورگانلىرىنى قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان قوشۇن قۇرۇپ چىقىلدى؛ يەتتىنچى، خەلق ئۈچۈن قانۇن يۈرگۈزۈلۈپ، خەلقنىڭ نازارىتى ئاڭلىق قوبۇل قىلىندى.

  ساۋ جيەنمىڭ 2018 – يىللىق خىزمەت تەكلىپى توغرىسىدا مۇنداق دېدى: بىرىنچى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرىمىز؛ ئىككىنچى، دۆلەتنىڭ سىياسىي بىخەتەرلىكىنى قەتئىي قوغدايمىز، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى قوغدايمىز؛ ئۈچىنچى، يېڭى دەۋردىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى تىرىشىپ قانۇنچىللىق كاپالىتىگە ئىگە قىلىمىز؛ تۆتىنچى، قانۇن نازارەتچىلىكىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، دۆلەت قانۇنچىلىقىنىڭ بىردەكلىكى، ئىززەت – ھۆرمىتى ۋە نوپۇزىنى قوغدايمىز؛ بەشىنچى، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشتىكى سىياسىي ئىرادىنى مۇستەھكەملەپ، ئىسلاھاتنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرىمىز؛ ئالتىنچى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەپتىش ئورگانلىرىنى قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەم سىياسىي جەھەتتە پىشقان، ھەم ئىقتىدارى يۇقىرى يېڭى دەۋر تەپتىش قوشۇنى قۇرۇپ چىقىمىز.

   يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، ئىجرائىيە رەئىسى جاڭ چۈنشيەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىننىڭ ئىجرائىيە رەئىسى ما فېڭگو، بايىنچاۋلۇ، ۋۇ يىڭجيې، يىن يىسۈي، لۇ شىنشې، پېڭ چىڭخۇا رەئىس سەھنىسىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسلىرى ئورنىدىن ئورۇن ئالدى.