UYNTV

شى جىنپىڭ ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشتى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 13-03-2018 16:13

A-A+

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 12-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:

 

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 12-مارت چۈشتىن بۇرۇن 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنى ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشقاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش-بىر گەۋدىلەشكەن دۆلەت ئىستراتېگىيەسى سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنى بەرپا قىلىشنىڭ مۇقەررەر تاللىشى، شۇنداقلا پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىغا يېتىشنىڭ مۇقەررەر تاللىشى، ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكنى، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشنى، ئارمىيە بىلەن يەرلىكنىڭ ماسلىشىشىنى، ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ يارىتىپ، جۇڭگو ئارزۇسى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ۋە ئىستراتېگىيەلىك تىرەك بىلەن تەمىن ئېتىش كېرەك.

 

شى جىنپىڭ يىغىن زالىغا كىرگەندە، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ياڭرىدى. شى جىنپىڭ كۆپچىلىك بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، ئۇ مۇنداق دېدى: ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ۋەكىللەر ئۆمىكىگە كېلىپ، ۋەكىللەر بىلەن دۆلەت ئىشلىرىنى ئورتاق كېڭەشكەنلىكىمدىن ناھايىتى خۇشالمەن.

 

يىغىندا، لى خوخۇي، گو پۇشياۋ ، جاڭ شۆيۈ ، ۋاڭ خۇيچىڭ، ياڭچۇگېشى، لى ۋېي، جۇ چېڭ، ۋاڭنىڭ قاتارلىق سەككىز ۋەكىل ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرۇلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئەمەلىي جەڭ مەشىقىنى كۈچەيتىش، ئالەم قاتنىشى ساھەسىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، سىياسەت، تۈزۈم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، قوراللىق ساقچى قىسىم ئىسلاھاتىنى ياخشى قىلىش، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەرنى باشقۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە پىكىر ۋە تەكلىپ بەردى. شى جىنپىڭ ۋەكىللەر بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى، ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تەپسىلىي سورىدى، يىغىن مەيدانىدىكىلەر بەس – بەستە سۆز قىلدى ، كەيپىيات قىزغىن بولدى.

 

ۋەكىللەر سۆز قىلغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پۈتۈن ئارمىيە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتنىڭ ھەل قىلغۇچ تەدبىرى، يوليورۇقلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 19 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى چۆرىدەپ ، خەلق ئارمىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، ئەسكەرلەرنى مەشىق قىلدۇرۇش ۋە ئۇرۇش تەييارلىقىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئارمىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا يېڭى قەدەم تاشلاپ، يېڭى كەيپىياتنى نامايەن قىلدى.

 

شى جىنپىڭ ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ھەققىدە تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۆلەت مۇداپىئە پەن تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، ئارمىيە خەلق يۇغۇرۇلمىسى يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، دۆلەت مۇداپىئە پەن تېخنىكىسىدا مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، ئىلغار پەن تېخنىكا نەتىجىلىرىنى قوللىنىش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئارمىيە قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپەت ئۈنۈمدارلىقى ۋە پەن تېخنىكا زىچلىقىغا قاراپ بۇرۇلۇش ياسىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. دۇنيانىڭ ھەربىي ئىشلار پەن تېخنىكىسى ۋە قورال جابدۇق تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ ،نۇقتىلىق ساھەلەردە ئارمىيە ۋە خەلقنىڭ پەن تېخنىكىدا ماس قەدەمدە يېڭىلىق يارىتىشىنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، زور پەن تېخنىكا تۈرىنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈشنى دەلىللەش ۋە يولغا قويۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پەن تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىستراتېگيەسىنىڭ يۇقىرى نۇقتىسىنى تىرىشىپ ئىگىلەش كېرەك، ئېچىۋېتىش، ھەمبەھىرلىنىش قارىشىنى كۈچەيتىپ، قاتماللىق، مونوپوللۇقنى قەتئىي بۇزۇپ تاشلاپ، پەن تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بايلىقىنى ئەۋزەل تەقسىملەشنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ پەن تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، دۆلەت مۇداپىئە پەن تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ جانلىق ۋەزىيىتىنى يارىتىش كېرەك.

 

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتى ھە دەپ كۈچەيتىلىپ، مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئارمىيەمىزنىڭ تەشكىلىي رامكىسى ۋە كۈچ سىستېمىسىنىڭ ئومۇملۇقى، ئىنقىلابىيلىقى قايتا تۇرغۇزۇلدى، ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان تۈزۈلمە خاراكتېرلىك توسالغۇ، قۇرۇلما خاراكتېرلىك زىددىيەتلەر ئۈنۈملۈك ھەل قىلىندى. سىياسەت، تۈزۈم ئىسلاھاتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، زامانىۋى ئارمىيە ئىشلىرى سىياسىتى ۋە تۈزۈمى سىستېمىسى بەرپا قىلىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، تۈرلۈك تۈزۈلمە مېخانىزمدىكى توساقلارنى قەتئىي بۇزۇپ تاشلاپ، ئىسلاھاتنى ئاخىرغىچە قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش كېرەك، ئىسلاھات تەپەككۇرى ۋە چارىسى ئارقىلىق ئەسكەرلەرنى مەشىقلەندۈرۈپ ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش خىزمىتىدە ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي جەڭ مەشىقىنى چىڭ تۇتۇپ، ئارمىيەمىزنىڭ جەڭگىۋارلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك، ئارمىيەمىز پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى قەتئىي ھىمايە قىلىپ ۋە قوللاپ، ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن ماسلىشىپ ۋە ماسلاشتۇرۇپ، ئارمىيە يەرلىك ھالقىغان ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى بىرلىكتە ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى باشقۇرۇش كاپالەتلىك قىلىش ئاپپاراتى قۇرۇش ئارمىيەدىن چېكىنگەنلەر ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش، ھەربىيلەرنى پۈتۈن جەمئىيەت ھۆرمەت قىلىدىغان كىشىلەرگە ئايلاندۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، ياخشى ئىشنى ياخشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

 

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئارمىيەنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش خىزمەت سالمىقىنى زورايتىپ، قانۇنچىللىق ئېتىقادى ۋە تەپەككۇرىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگوچە ھەربىي ئىشلار قانۇنچىللىق سىستېمىسىنى تىزدىن بەرپا قىلىپ، ئارمىيەنى ئىدارە قىلىش ئۇسۇلىدا تۈپتىن بۇرۇلۇش ياساشنى تىز ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. پۈتۈن ئارمىيە ئاساسىي قانۇن ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئاساسى قانۇن روھىنى نۇرلاندۇرۇپ، ئاساسىي قانۇننىڭ سادىق چوقۇنغۇچىلىرى، ئاڭلىق رىئايە قىلغۇچىلىرى، قەتئىي قوغدىغۇچىلىرىدىن بولۇش لازىم. پارتىيەنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش تۈزۈلمىسى ۋە دۆلەتنىڭ مەمۇرىي تەپتىش تۈزۈلمە ئىسلاھات تەلىپىگە ماسلىشىپ، ئارمىيەنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. دۆلەتنىڭ قانۇن چىقىرىش خىزمىتى بىلەن باغلاشنى كۈچەيتىپ، ئۇرۇش تەييارلىقى جىددىي ئېھتىياجىنى كۈچەيتىش، جىددىي ئىشلىتىشنى ئىسلاھ قىلىش، ئوفىتسېر ئەسكەرلەر ئىنتىزار بولۇشتىن ئىبارەت ھەربىي ئىشلار قانۇن تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى گەۋدىلەندۈرۈش لازىم.

 

پەيتنى چىڭ تۇتۇپ، ئىنتىزام قانۇن ئىجراسى نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، قانۇن بويىچە چىڭ تۇتۇشنى دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى ھەر قايسى ساھەسىنىڭ ئومۇمىي جەريانىغا سىڭدۈرۈش كېرەك.

 

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى پۈتۈن پارتىيە ، پۈتۈن ئارمىيە ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق ئىشى. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى ، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن قوللىشى كېرەك. پۈتۈن ئارمىيە يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا پائال مەدەت بېرىشى لازىم. ئارمىيە بىلەن يەرلىك ئارمىيە خەلقنى سۆيۈش، خەلق ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش شەرەپلىك ئەنئەنىسىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق مۇستەھكەملەپ، ئىككى يۈز يىللىق كۈرەش نىشانى ،جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىرلىكتە تىرىشىشى لازىم.

 

يىغىندىن ئىلگىرى شى جىنپىڭ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىغا قاتناشقان ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى بارلىق ۋەكىللەر بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى ھەمدە كۆپچىلىك بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

 

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شۈ چىلياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ يوۋشيا، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن ۋېي فېڭخې، لى زوچېڭ، مياۋخۇا، جاڭ شېڭمىنلار يىغىنغا قاتناشتى.