UYNTV

سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنى 3-ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : شىنجاڭ گېزىتى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 13-03-2018 11:52

A-A+

 14 ئەزا سىياسىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، بىرلىكسەپ، سىياسىي كېڭەش خىزمىتى قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ سۆز قىلدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10-مارت تېلېگراممىسى. سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 1- يىغىنى 3- ئاينىڭ 10- كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا 3- ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى. 14 ئەزا سىياسىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، بىرلىك سەپ، سىياسىي كېڭەش خىزمىتى قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ سۆز قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 1- يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى يىغىنىنىڭ رىياسەتچىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  لۇ جەنگۇڭ، ما بياۋ، چېن شياۋگۇاڭ يىغىننىڭ ئىجرائىيە رەئىسى بولدى. يىغىنغا چېن شياۋگۇاڭ رىياسەتچىلىك قىلدى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خۇاڭ كۈنمىڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى يوۋ چۈەن ھەمدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەندىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتنىشىپ ئەزالارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىدى.

  ئەزا شاۋ خۇڭ «3- سېنتەبىر» ئىلمىي جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: 70 يىلنىڭ ئالدىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ «1- ماي» شوئارى ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھلار، پارتىيە- گۇرۇھسىز زاتلار، دېموكراتىك زاتلار ۋە ھەرقايسى خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ قىزغىن ئاۋاز قوشۇشىغا ئېرىشىپ، كېڭىشىپ دۆلەت قۇرۇشنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلىدى. بۈگۈن بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقى ۋە خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىشلىرىنىڭ يېڭى شانلىق نەتىجىلىرىنى ياراتتۇق.

  ئەزا مو رۇڭ مۇنداق دېدى: يۇقىرى سۈپەتلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىش باسقۇچىدىن يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلىش باسقۇچىغا ئۆزگىرىشىنىڭ ئىچكى تەلىپى. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئالدىن كۆرەرلىكىنى ئاشۇرۇپ، ھەر تەرەپلىمە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئادىل ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇھىتى يارىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ ھازىرقى زامان ئىقتىساد سىستېمىسىغا بولغان تىرەكلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، خەلق كىرىمىنىڭ ماس قەدەمدە ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەۋسىيە قىلىمەن.

  ئەزا ياۋ زېڭكې مۇنداق دېدى: بەزى جايلاردا شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق يەنىلا جاھىللىق بىلەن ساقلانغاچقا، پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىگە ئېغىر تەسىر يەتتى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىناۋىتىگە زىيان يەتتى. «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، رەھبىرىي كادىرلاردا چاكارلىق ئېڭى ۋە توغرا نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، رەھبىرىي كادىرلارنى تەكشۈرۈپ باھالاش سىستېمىسى ۋە خاتالىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش، خاتالىققا رۇخسەت قىلىش، خاتالىقنى تۈزىتىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «تۆت خاھىش»نى تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھۆججەت دۆۋىسى ۋە يىغىن قاينىمىنى داۋاملىق «توسۇش» كېرەك.

  ئەزا جۇ يۇڭشىن جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدىكى ئالاھىدە رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك، «ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش دۆلەت قۇرۇلۇشى»، «نامراتلىق مەركەزلەشكەن تۇتاش كەتكەن رايونلاردا ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش پىلانى»، «شەرقىي قىسىم بىلەن غەربىي قىسىمنىڭ ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپتا ھەمكارلىشىش پىلانى»نى يولغا قويۇپ، نامرات ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇيالايدىغان، خىزمەت تاپالايدىغان قىلىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.

  ئەزا لى يىڭشىن مۇنداق دېدى: ئەدلىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتى بىرىنچى سەپتىكى سوتچىلارنى سوت قىلىشقا قايتۇرۇپ كېلىپ، ئۇلارنى سوت قىلىش ھوقۇقىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىدىغان قىلدى، بۇ، سوت مەھكىمىسىنىڭ سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشتىكى ئۆز ئىنقىلابىدۇر. پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئەدلىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چۈشىنىپ، ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈپ، قوللاپ، سوتچىلارنى مۇنتىزىملاشتۇرۇش، كەسىپلەشتۈرۈش، خاسلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇشىنى، جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدىكىلەرنىڭ ئىجتىمائىي زىددىيەت ۋە تالاش- تارتىشلارنى پەسەيتىشكە پائال قاتنىشىپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ئەزا چۈ فېڭخۇڭ جۇڭگو دېھقان- ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ساغلاملىق ئارقىلىق نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، بوغما قىيىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، داۋالاش ۋە ياردەم بېرىش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئېغىر نامرات رايونلاردا ساغلاملىق ئارقىلىق نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش تۈزۈم كاپالىتىنى بەرپا قىلىپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نامرات ئاممىنى ئېغىر كېسەل جەھەتتە كاپالەتلەندۈرۈش ئاساسىنى پۇختىلاپ، فۇجيەننىڭ داۋالاش ئىسلاھاتى تەجرىبىسىنى كېڭەيتىپ، ئىسلاھات ئارقىلىق نامرات ئاھالىنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  ئەزا ليۇ شياۋجۇاڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، يېزا ئىستىلى، مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ئەمما سەل قاراشقا بولمايدىغان بەزى مەسىلىلەر يەنىلا ساقلانماقتا. پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلىغا يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇرۇپ، يېزىلاردىكى ئاقىللارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيلىك ئىستىلىنى جۇڭگونىڭ پۈتكۈل يېزا- كەنتلىرىدە ئومۇملاشتۇرۇش كېرەك.

  ئەزا ساۋ شياۋخۇڭ جۇڭگو ئادالەتچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: قان شورىغۇچى قۇرت كېسىلىنى ئومۇميۈزلۈك تۈگىتىش جېڭىنى ياخشى قىلىش ئۈچۈن، قان شورىغۇچى قۇرت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىدە بىرلەشمە مۇداپىئە- كونترول قىلىش قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈپ، كۆپ يىللاردىن بۇيان يولغا قويۇلۇپ كېلىۋاتقان قان شورىغۇچى قۇرت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش نىزامىغا تېزدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، قان شورىغۇچى قۇرت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تېخنىكىسىدىكى قىيىن نۇقتىغا ھۇجۇم قىلىش ئىلمىي تەتقىقات سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تۈزۈلمە، مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىپ، قان شورىغۇچى قۇرت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى قوشۇن قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.

  ئەزا ۋاڭ خۇەن مۇنداق كۆرسەتتى: ئوقۇتقۇچىلار، ئاتا- ئانىلار، بولۇپمۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ «يۈكىنى يېنىكلىتىش»تىكى ئېرىشىش تۇيغۇسى ئانچە كۈچلۈك ئەمەس، چۈنكى ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقى بىلەن تەمىنلەش ئېھتىياجنى قاندۇرالمايۋاتىدۇ، ئاساسىي مائارىپ «ئاساس»تىن باشقا كۆپ نەرسىلەرنى ئۈستىگە ئالغانلىقتىن، مائارىپ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتى دېگەندەك چوڭقۇر بولمايۋاتىدۇ. مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەققىياتىنى كۈچەيتىپ، دەرسلەرنىڭ تەسىس قىلىنىشىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، باھالاش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دەرسخانا ئوقۇتۇشىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، «ئاساسىي مائارىپ كىشىلىك تۇرمۇش تەرەققىياتىغا ئۇل سېلىشتۇر» دەيدىغان قىممەت يۈزلىنىشىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.

  ئەزا تۇ خەيمىڭ مۇنداق دېدى: «ئىناقلىق» مەدەنىيىتىنى چەت ئەلگە تارقىتىشتىكى مۇھىم مەزمۇن قىلىپ، تارقىتىش ئەمەلىي ئۈنۈمىنى كۈچەيتىپ، «ئىناقلىق» مەدەنىيىتى ئىدىيەسى ئارقىلىق جۇڭگونىڭ تىنچ تەرەققىياتىنى شەرھلەش كېرەك. تارقىتىش ئوبيېكتىنى ئىنچىكە ئايرىپ، ئەل ئىچىدىكى ئالماشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش، تارقىتىش شەكلىنى ياخشىلاش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق «كىمگە تارقىتىش»، «كىم تارقىتىش»، «قانداق تارقىتىش» قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.

  ئەزا چېڭ پىڭ مۇنداق دېدى: دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش تەلىپى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئېلىمىز ھازىر يولغا قويغان دېڭىزدا قۇتقۇزۇش ۋە ياردەم بېرىش سىستېمىسىدا خېلىلا زور پەرق بار. تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىپ، دېڭىزدا قۇتقۇزۇش ۋە ياردەم بېرىشكە دائىر قانۇن- نىزاملارنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇن بويىچە قۇتقۇزۇپ ۋە ياردەم بېرىپ، خىراجەتكە كاپالەتلىك قىلىپ، تەمىناتنى ئۆستۈرۈپ، قولىدىن ئىش كېلىدىغان، چېۋەر كەسپىي قوشۇن بەرپا قىلىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.

  ئەزا ياڭ فامىڭ سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇشتا، جەزمەن ۋەتەننى سۆيۈش، دىننى سۆيۈش ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، بىر نىيەت - بىر مەقسەتتە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتى بۇ ھەقتە سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى تەربىيەسىنى مەسچىتلەرگە كىرگۈزۈش، جۇڭخۇا ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى مەسچىتلەرگە كىرگۈزۈش قاتارلىق بەش تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويدى، مۇسۇلمانلار ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا پائال ئاتلىنىشى كېرەك.

  ئەزا ياڭ جيەن تەيۋەن دېموكراتىك ئاپتونوم ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ئىككى قىرغاقنىڭ ئىختىساسلىقلار ئالماشتۇرۇشى كۈنسېرى قويۇقلىشىپ، دەۋرنىڭ يۈزلىنىشىگە ئايلاندى، تەيۋەن دائىرىلىرىنىڭ ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنى تىنچ تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرا يولىغا تېزدىن قايتىپ كېلىشىنى مۇراجىئەت قىلىمەن. دۆلەت ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ ئىككى قىرغاقتىكى ئىختىساسلىقلارنى ئالماشتۇرۇش يولىنى پائال كېڭەيتىپ، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقتا ئىشقا ئورۇنلىشىشتىكى ۋەزىپە تۈرى ۋە دائىرىسىنى مۇۋاپىق كېڭەيتىپ، تەشۋىقات، يېتەكلەشنى قاراتمىلىق كۈچەيتىپ، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنى كېيىنكى ئەندىشىدىن خالاس قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

  ئەزا ياڭ لىۋېي مۇنداق دېدى: جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى چوڭ ئەترىتى قۇرۇلغان 20 يىلدىن بۇيان، بارلىق ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ۋەتەن ۋە خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئالتە قېتىم ئادەملىك ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك غەلىبىلىك تاماملىدى. ئالەم ئۇچقۇچىلىرى قۇربان بولۇشتىن قورقمايدىغان كۈرەش روھى ئارقىلىق، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئالەمگە چىقىش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئالەم پونكىتى، ئاي شارى، ئالەمنىڭ تېخىمۇ ئېگىز، تېخىمۇ ئىچكىرى، تېخىمۇ يىراق يېرىگە قاراپ سەپەرگە چىققۇسى.

  سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 1- يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرىدىن جاڭ چىڭلى، ليۇ چىباۋ، پابالا گېليېلاڭجيې، ۋەن گاڭ، خې خۇۋخۇا، ۋاڭ جېڭۋېي، لياڭ جېنيىڭ يىغىنغا قاتناشتى.