UYNTV

ئەل رايىنى تەكشۈرۈشىدىن ئايان بولۇشىچە، %70 رۇسىيەلىكنىڭ پۇتىنغا ئاۋاز بېرىدىغانلىقى ئايان بولدى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 13-03-2018 17:36

A-A+

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 12-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:

رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ تورنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: پۈتكۈل رۇسىيە جامائەتچىلىكى تەتقىقات مەركىزى ئىلىپ بارغان ئەل رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، %69 رۇسىيەلىك ھازىرقى زۇڭتۇڭ پۇتىنغا ئاۋاز بېرىشكە تەييارلانغان، ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان زۇڭتۇڭ نامزاتى بولغان رۇسىيە كومپارتىيەسى كۆرسەتكەن گرودنىن %7 كىشىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ رەئىسى جىرنوۋىسكى %5 كىشىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. مۆلچەرلىنىشچە بىلەت تاشلاش نىسبىتى %63 دىن %67 گىچە بولۇشى مۇمكىنكەن.
شۇ يەرنىڭ ۋاقتى 1-مارت، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن موسكۋادا 2018-يىللىق دۆلەت ئەھۋالىدىن دوكلات بەردى.بۇ پۇتىننىڭ بۇ نۆۋەت ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلىدىكى ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق دۆلەت ئەھۋالىدىن دوكلات بېرىشى.

رۇسىيەلىك سىياسىيون كۇزنوزۇف مۇنداق دېدى: پۈتكۈل رۇسىيە جامائەتچىلىكى تەتقىقات مەركىزى ئىلىپ بارغان ئەل رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، رۇسىيەلىكلەرنىڭ زۇڭتۇڭ سايلىمىغا ۋە سىياسىيغا بولغان قىزغىنلىقى يوقالمىغان بولۇپ، ئەل رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى 18-مارتتىكى سايلام نەتىجىسى بىلەن ئوخشاش بولۇشى مۇمكىنكەن.