UYNTV

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ 6-ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 19-03-2018 17:41

A-A+

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 18-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:

 

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ 6-ئومۇمىي يىغىنى 18-مارت چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا ئېچىلدى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ كۆرسىتىشىگە ئاساسەن، ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، لى كېچياڭنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەنىنىڭ زۇڭلىسى بولۇشى قارار قىلىندى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 1-نومۇرلۇق رەئىس بۇيرۇقىنى ئىمزالىدى، يىغىننىڭ قارارىغا ئاساسەن، لى كېچياڭ گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىلىقىغا تەيىنلەندى.

 

شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

 

يىغىنغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل 2980 ئىدى، 2966 ۋەكىل قاتناشتى، 14 ۋەكىل قاتنىشالمىدى، قاتناشقان ۋەكىل سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن سانغا ئۇيغۇن.

 

يىغىنغا يىغىننىڭ ئىجرائىيە رەئىسى، ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى شېن يۆيۆ رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىننىڭ ئىجرائىيە رەئىسلىرىدىن يۈ ۋېيگو، چې جۈن، شى تەيفېڭ، سۈن جىگاڭ، دۇ جياخاۋ، لى جىخېڭلار رەئىس سەھنىسىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسلەر ئورنىدا ئولتۇردى.

 

بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ قارالمىسى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەنىنىڭ زۇڭلىسى نامزاتىنى قارار قىلىش؛ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى، ئەزالىرى نامزاتىنى قارار قىلىش؛ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەتلىك مەمۇرىي تەپتىش كومىتېتىنىڭ مۇدىرىنى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقىنى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشىنى، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىنى سايلاش.

 

شى جىنپىڭ گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى نامزاتى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى، ئەزالىرى نامزاتىنى كۆرسەتكەندىن كېيىن، ھەر قايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى كېڭىشىپ مەسلىھەتلەشتى. ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ كېڭىشىش پىكرىگە ئاساسەن، ھەيئەت رىياسىتى يىغىنىدا بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىننىڭ تەيىنلەشنى قارار قىلىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.

 

يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى نامزاتىنى كۆرسىتىش خېتى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى، ئەزالىرىنى كۆرسىتىش خېتى ئوقۇپ ئۆتۈلدى.

 

دۆلەتلىك مەمۇرىي تەپتىش كومىتېتى مۇدىرى نامزاتى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى باشلىقى نامزاتى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى باش تەپتىشى نامزاتى، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئەزالىرىنىڭ نامزاتىنى ھەيئەت رىياسىتى كۆرسەتكەندىن كېيىن، ھەر قايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى كېڭىشىپ مەسلىھەتلەشتى. كۆپ سانلىق ۋەكىللەرنىڭ پىكرىگە ئاساسەن، ھەيئەت رىياسىتى رەسمىي نامزات ئىسىملىكىنى بېكىتىپ، بۇ قېتىمقى يىغىندا سايلاشقا سۇندى.

 

سائەت 9دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە، باش ئاۋاز نازارەتچىسى، ئاۋاز نازارەتچىلىرى ئېلېكتىرونلۇق ئاۋاز ساندۇقى ۋە ئېلېكتىرونلۇق سايلام سىستېمىسىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، خىزمەتچىلەر ئاۋاز بېلىتىنى تارقاتتى. ھەربىر ۋەكىلگە ئوخشىمىغان رەڭدىكى ئالتە ئاۋاز بېلىتى بېرىلدى.
يىغىننىڭ سايلاش ۋە ۋەزىپىگە تەيىنلەشنى قارار قىلىش چارىسىگە ئاساسەن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى نامزاتى ۋە مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى، كومىتېت ئەزالىرى نامزاتلىرىنى قارار قىلىشنى ئاۋازغا قويۇش، دۆلەتلىك مەمۇرىي تەپتىش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىغا سايلاشنى ئاۋازغا قويۇش قارار قىلىندى.

 

بېلەت يېزىش، ئاۋاز بېرىش، ئاۋاز ھېسابلاش ئارقىلىق، سائەت 10دىن 44 مىنۇت ئۆتكەندە، خىزمەتچىلەر قارار نەتىجىسى، سايلام ئاۋازىنى ھېسابلاش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى.

 

رىياسەتچى يولداش لى كېچياڭنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەنىنىڭ زۇڭلىسى بولغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، يىغىن مەيدانىدا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى. لى كېچياڭ ئورنىدىن تۇرۇپ ۋەكىللەرگە ئېھتىرام بىلدۈردى. ئۇ شى جىنپىڭ تەرەپكە ئۆرۈلدى، ئىككىسى سەمىمىي قول ئېلىشتى، شى جىنپىڭ ئۇنى تەبرىكلىدى.

 

ئارقىدىن رىياسەتچى تەرتىپ بويىچە مۇنۇلارنى جاكارلىدى: يولداش شۈ چىلياڭ، جاڭ يۇشيالار جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولدى.

 

يولداش ۋىي فىڭخې، لى زوچېڭ، مياۋ خۇا، جاڭ شىڭمىنلار جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى بولدى.

 

يولداش ياڭ شاۋدۇ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەتلىك مەمۇرىي تەپتىش كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىقىغا سايلاندى.

 

يولداش جۇ چاڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقلىقىغا سايلاندى.

 

يولداش جاڭ جۈن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشلىكىگە سايلاندى.

 

159 نامزات 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلاندى.

 

ھەربىر قارار، سايلام نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندا، يىغىن مەيدانىدا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

 

يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئاساسىي قانۇن قەسەميادىنى تەشكىللەش چارىسى بويىچە، ئومۇمىي يىغىننىڭ تۈرلۈك قارالمىلىرى تاماملانغاندىن كېيىن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ، دۆلەتلىك مەمۇرىي تەپتىش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ياڭ شاۋدۇ، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جۇ چاڭ، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى جاڭ جۈن ئايرىم ئايرىم ئاساسىي قانۇنغا قەسەم بەردى؛ مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى، ئەزالىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ئايرىم ئايرىم كوللېكتىپ قەسەم بەردى.